ئەخمەق پادىشاھ 
(چۆچەك) 
ئۆتكەن زاماندا بىر ئەخمەق پادىشاھ بولغان ئىكەن،كىشىلەر ئۇنىڭ زۇلۇمىدىن قورقۇپ،نېمە بۇيرىسا شۇنى قىلىدىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ پادىشاھ بىر ئادەمگە يولۇقۇپتۇ. ئۇنىڭدىن: 
 -سەن نېمە قىلىدىغان ئادەم؟ - دەپ سوراپتىكەن، ئۇ ئادەم قورقۇپ كېتىپ: 
     - مەن تاغ كۆتىرىدىغان ئادەم،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.  
بۇنى ئاڭلىغان پادىشا: 
-ئۇنداق بولسا،ئوردىنىڭ ئالدىدىكى تاغنى يۆتكە،- دەپتۇ.  
 ئۇ ئادەم:- ماقۇل،-دەپتۇ.  
پادىشاھ:- ساڭا نېمە لازىم؟-دەپتىكەن. 
- ماڭا ھېچ نېمە لازىم ئەمەس،پەقەت بىر يىلدا بىر قېتىم تاغ يۆتكەيمەن، شۇنڭغىچە يەتكىدەك كىيىم-كېچەك،يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم. 
پادىشاھ:-نېمە يېسەڭ، نېمە كىيسەڭ ئىختىيار ئۆزەڭدە، ئوردىدىن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ،-دەپتۇ.شۇنداق قىلىپ، بىر يىل پادىشاھنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، تامىقىنى يەپ يۈرۈپتۇ. يىل توشقاندىن كېيىن،پادىشاھ پۈتۈن يۇرتنى ئوردا ئالدىغا يىغىپ: 
- ھازىر تاغ كۆتىرىدىغان باتۇرنىڭ كۈچىنى كۆرۈڭلار!-دەپ جار ساپتۇدە، كېيىن باتۇرغا قاراپ: 
 - قېنى،تاغنى كۆتەر!-دەپتىكەن، ھېلىقى ئادەم تاغنىڭ باغرىغا يۈگرۈپ بېرىپ تاغقا دۈمبىسىنى يۆلەپ تۇرۇپتۇ. 
 پادىشا:- كۆتەر!..- دەپتۇ يەنە. 
 ھېلىقى ئادەم:-سىز باشلىق بولۇپ،تاغنى دۈمبەمگە ئارتىپ قويۇڭلار،ئاندىن ئۆزەم ئورنىدىن يۆتكىۋېتىمەن،-دەپتىكەن. 
    پادىشاھ:- بىز قانداق ئارتىمىز؟-دەپتۇ. 
 شۇ چاغدا ھېلىقى ئادەم:-سىلەر توپلىشىپ كۆتىرەلمىگەن تاغنى مەن يالغۇز قانداق كۆتۈر ىمەن؟-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. 
   رەتلەپ، نەشىرگە تەييارلىغۇچى: 
                            قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن 
                                                                                تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار 
 
 | 







