• چۈش بىلەن ئادەم بولدۇم (ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:12-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ھاياتلىق بىلەن مۇڭدۇشۇش تەبىئەتتىكى ھەمراھلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىش ،ئادەم ئىكەنسەن ئۆزۈڭدىن ھالقىپ ئۆزگىچە تۇيغۇ بېرىدىغان جانلىقلارن

     

    ھەركۈنلىكى ھەر خىل ھەرياڭزا چۈشلەرنى كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم . بىر كۈنى ئايغا چىقسام ، بىر كۈنى لاي – پاتقاققا مىلىنىپ يۈرگىدەكمەن . بىر كۈنى باغلاردىن ئالما ئۈزسەم ، بىر كۈنى چۆل – باياۋانلاردىن قۇمنى كولاپ سۇ ئىزدەۋاتقىدەكمەن ... ھەر خىل چۈشلەر قوينىدا بەزىدە ھۇزۇرلانسام بەزىدە قورقاتتىم .
    بۈگۈنمۇ چۈش كۆردۈم .
    ئاپئاق قار ئاسماندىن ئاستا – ئاستا لەپىلدەپ چۈشەتتى . سەھەر پەيتى بولغاچقىمىكىن قارلار قۇياش نۇرىدا كۈمۈشتەك پارقىراپ ئادەمنىڭ كۆز يېغىنى يەيىتتى . مەن ، دادامغا كىچىك كېلىپ ماڭا بېرىۋەتكەن چاپىنىنى ئۇچامغا مەھكەم كىيىپ، ئىككى قولۇمنى بىر – بىرىنىڭ يېڭىگە ئۆتۈشتۈرۈپ سوغۇقتىن قورۇقماي ماڭدىم . شۇنىڭغا ھەيرانمەن . پۈتۈن كوچا بويىچە بىر ئۆزۈم يالغۇز . مەنزىلىمنى بىلمەي مېڭىۋەردىم . ئالدىمدا بىرەر ئادەمنى ئۇچرىتالماي كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈشكە باشلىدى . قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ مېڭىشىمنى توختاتمىدىم . توساتتىن كۆز ئالدىمدا بىر نەرسە پارقىرىغاندەك بولدى . « نېمە ؟ ھېچنىمە يوققۇ ! » يۈرىكىمدىكى ئالىقانداق تەشۋىشلەر مېنى شۈركەندۈرۈشكە باشلىدى . قورقىنىچ ئىچىدە ئۆزۈمنى بىر دەم توختىتىۋېلىپ ، يۈرىكىمنى جايىغا چۈشۈرگەندىن كېيىن قەدىمىمنى ئاستا يۆتكىدىم . « ۋاھ ! » كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم . ئالدىمدا بىر ئادەم كۆرۈندى . ئىچىمگە بىر خىل خاتىرجەملىك چۈشكەندەك ئۇ ئادەمنى چاقىردىم . ئۇ ئاۋازىمى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلدىيۇ ، مېنى كۆرۈپ يولۋاسقا يولۇققان كېيىكتەك يۈگىرىپ كۆزۈمدىن غايىپ بولدى . ئۇ بىر نەرسىسىنى چۈشۈرۈپ قويغانىدى . بېرىپ قارىسام كىتاب ، كىتاپ مۇقاۋىسىدا ماۋزۇدىن ئەسەر يوق لېكىن ئوڭ يۇقىرى بۈرجەكتە بىر ئىتنىڭ سۈرىتى بار ئىدى . مەن قىزىقىش ئىلكىدە كىتاپنى ۋاراقلىدىم . ئەمما كىتاپ ئىچىدىن ئانا تىلىمدا يېزىلغان بىرەر سۆزمۇ ئۇچرىتالمىدىم . يەنە ۋاراقلىدىم . ۋاراقلاۋاتسام قارشى تەرەپتىن كەلگەن شامال ۋاراقلىرىمىنى كەينىگە ياندۇرۇپ مەلۇم بىر بەتتە چىپ توختىتىپ قويدى . بۇ بەتتە ئانا تىلىمدا يېزىلغان بىر خەت تۇراتتى . « ئەگەر بۇ كىتاپنىڭ سىرىنى بىلمەكچى بولساڭ ، باشتا كۆرگەن ئىتنىڭ رەسىمىنى بوش چېكىپ قوي ! » مەن بىردە قىزىقىش ، بىردە قورقىنىش ئىلكىدە مۇقاۋىدىكى ئىتنىڭ رەسىمىنى بوش چېكىپ قويدۇم . ئەييۇھانناس ! ... قولۇمدىكى كىتاپ ئۆزلىكىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى ، ئەتراپتىكى قارلار ھەر تەرەپكە چېچىلىپ توزۇشقا باشلىدى . بىر ھازادىن كېيىن كىتاپ پەلەمپەيگە ئايلىنىپ كۆككە تۇتاشتى . مەن پۇتۇمنى پەلەمپەيگە شۇنداق كۆتۈرسەم ، ئايىغىم ئاستىدا يەڭگىل سېزىم پەيدا بولۇپ مېنى راھەتلەندۈردى . مەن ھۇزۇر ئىلكىدە دەسسەپ ئۈستىگە ياماشتىم . پەلەمپەي يېرىمىغا كەلگەندە تاپىنىم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىپ كەتتى . كەينىمگە يانالمىدىم . ئاغرىق ئازابى بىلەن يۇقىرىغا چىقتىم . كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاچسام ئالدىمدا ئادمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان مەنزىرە – كۆرىنىش ، مەن ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن سېتىۋەتكەن ئىتلار ، بىر ، ئىككى ئاي بېقىپلا باغلاقلىق پېتى ئۇرۇپلا پۇتىنى زەخمىلەندۈرگەن ئىتلار ، ھەتتاكى ھازىر ھويلامدا بېقىۋاتقان بىر پۇتىنى كۆتۈرىۋېلىپ تۇرىدىغان ئىتمۇ تۇراتتى . ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پۇتىمۇ مېنىڭ سەۋەبىمدىن شۇنداق بولغان . ئۇلار ماڭا نەپرەتلىنىش نەزىرىدە خىرىس قىلىپ تۇراتتى . مەن مۇشۇ كەمگىچە ئىت دېگەن ھايۋاندىن قورقۇپ باقمىغانىدىم . ئەمما بۇ قېتىم ئىتلارغا قاراپ شۈركىنىپ كەتتىم . قەلبىمگە « غۇژژىدە » كىرگەن قورقىنىش بېشىمنى پىرقىرىتىۋەتتى . كەينىمگە بۇرۇلۇپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتەي دېسەم كەينىمدە نە پەلەمپەي يوق . چەكسىز كەتكەن بوشلۇق مەن بىلەن ئىتلارغا قۇچاق ئېچىپ تۇراتتى . يۈگۈردۈم ئالدىمدا ، يان يېنىمدا تۇرغان ئىتلار ماڭا پەرۋامۇ قىلماي جايىدا قېتىپ تۇرىۋەردى . يۈرىكىم جايىغا چۈشتى . قەدىمىم كىچىكلەپ يۈگىرىشىمنى ئاستىلاتتىم . كېتىۋېتىپ بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتىم . ئۆزۈمنى ئوڭشاپ تۇراي دېيىشىمگە ئۆيۈمدە بېقىۋاتقان ئىت يوغان چىشلىرىنى چىقىرىپ ئاغىرىق پۇتىنى سۆرىگىنىچە كېلىپ ماڭا تىلىنى چىقىرىپ يۈزۈمگە سۈركەپ يالىدى . ئىسسىق سېزىم بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم . قارىسام ئانام بېشىمدا يۈزۈمگە سۆيۈپ ئويغاتقانىكەن .
    كېچىدە كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلەپ ھويلىغا يۈگۈردۈم . پۈتۈن ئەتراپ تۇتۇلۇپ كەتكەن . يامغۇر شىددەت بىلەن ياغماقتا . ھويلا توپا ئۈستىدە يامغۇر سۈيى كىچىك ئېرىقچىلارنى ياساپ ئاقماقتا . يۈرىكىم ئىتتىك سوقۇپ كەتتى . ئىتىم بار تەرەپكە يۈگۈردۈم . كۆزۈمگە كەلگەن ياش تېشىغا ئۈندەرەپ چىقتى . چۈنكى نادانلىقىم تۈپەيلى ئىتىمغا قار – يامغۇردىن پاناھلانغۇدەكمۇ جاي قويمىغانىدىم . ئۇنىڭ قورسىقى ئاچلىقى ماڭا مەلۇم ئىدى ، ئۈچ كۈننىڭ ياقى مەن ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە تاشلاپ بەرمىگەنىدىم . ئىتىم بىر جايىدا تۈگىلىپ يارىلانغان پۇتىنى بېشىنىڭ ئاستىغا قويۇپ ياتاتتى . ئۇنىڭ پۇتىدىن قان ئۆكسىمەيىتتى . قان يامغۇر سۈيى بىلەن ئارلىشىپ رەڭسىزلىنىپ ئاقاتتى . ئىتىم مېنىڭ تېۋىشىمنى سېزىپ كۆزىنى خىرە ئاشتى . مېنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئاجىز غىڭشىپ كەينىگە سەنتۈرۈلدى . ئاغرىق پۇتىنى تاشلاپ ئازاب بىلەن سۆرەپ زەنجىرى باغلانغان قوۋزۇققا كېلىپ تۇختىدى . مەن ئاستا بېرىپ ئىتىمنى تۇتۇپ ئۆيگە ئەكىردىم . ئانام كۆزۈمدىكى ياش ، قولۇمدىكى ئىتنى كۆرۈپ ھەيران بولدى . چۈنكى بۇ مەھەللىگە مېنىڭ «够老板» دېگەن لەقىمىم پۇر كەتكەن ، ھەم كېلىشىگە سېتىپ نۇرغۇن ئىتلارنىڭ ئىت بېدىكى بولغان ، « ئىت ئىتلىقىنى قىلىدۇ » دەپ پۇتلىرىنى چېقىپ تالادا قويغان ئىدىم . مەن ئىتىمنى ئاۋايلاپ مەشنىڭ يېنىغا قويدۇم . ئۈستى – بېشىدىكى سۇلارنى لاتا بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتتۇم . قورسىقىنى تويغۇزۇپ پۇتىنى تېڭىپ قويدۇم .
    كۈنلەرنى شۇنداق ئۆتكۈزۈپ ئىتنى ئاسرايدىغان بولدۇم . بىر چۈش بىلەن ئىتقا بولغان قارىشىم ئۆزگەردى . ئۆزۈممۇ خېلى يېنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم ، قەلبىمگە يورۇقلۇق چۈشكەندەك بولدى . چۈنكى مەن چۈش بىلەن ئادەم بولدۇم .





    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    شېرزات ئادىلجان تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 21:03 19-03-2012 كىرگەن ۋاقتى: 22:05 04-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار