- بىز بۇ زالىم پادىشاھنى بۇنداق قىلىپ يۈرۈپ تەختتىن چۈشۈرەلمەيمىز دېدى. دۆۋلىتى ۋە خەلقىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە رازى بولغان بۇ كىشىلەر، ئانداق بولسا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك دەپ سوراشتى. پادىشاھ، - قۇلۇڭلاردىن نىمە كەلسە شۇنى قىلىشىڭلار، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشىڭلار، تەشۈىقات ۋارىقى چىقىرىپ تاملارغا چاپلىشىڭلار، كىتاپلار نەشىر قىلىپ تارقىتىشىڭلار، بىزگە قارشى بولغانلارنى ئۆلتۈرۈشىڭلار كېرەك! دېدى. تەشكىلات ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەقىللىق كىشىلەر پادىشانىڭ بۇ بۇيرۇغىنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، پادىشاغا قارشى چىقماقچى بولغان بولسىمۇ تەشكىلات ئىچىگە سىزىپ كىرىۋالغان پادىشانىڭ ئادەملىرىنىڭ يالغان- ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن يىتىم قالدۇرۇلدى. ئۆلتۈرۈش، كۆيدۈرۈش، بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش... لار باشلاندى. ئەمدىلىكتە بولسا خەلق زالىم پادىشانى ئۇنۇتقان بولۇپ، ھەممە كىشى دېگىدەك بۇ بۇلاڭچى قاتىللارنى قاغاشقا باشلىدى. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ پادىشاغا بولغان نارازىلىق تۇلۇق بېسىقمىغان ئىدى. پادىشاھ ئوردىسىدىكى ۋاقىتتا بولسا، - دۆۋلىتىمىزدە قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچىلارنىڭ باشلىرى ئېزىلىدۇ دېيتتى، ئەمما قىلىق، قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان ۋاقىتتا بولسا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇ بىركۈنى تەشكىلات ئەزالىرىغا، - بىرادەرلەر، بىز ئۇ زالىم پادىشانى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ قۇتۇلالمايمىز دېدى. ياشلاردىن بىرسى، - ئۇ بەدبەخت پادىشانىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى بار، ئوردىغا قانداق كىرەلەيمىز؟ دېدى. پادىشاھ، - سىلەر ئۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بىرىڭلار. مەن ئۇ زالىم پادىشانى ئۆلتۈرىدىغان پىدائىلارنى يۇشۇرۇنچە ئوردىغا باشلاپ كېرىشكە مانا مەن مەسئۇل... دېدى. تەشكىلات پادىشانى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. پادىشا بولسا دۆۋلىتىدىكى ئەڭ ئۇستا ھەيكەل تاراشنى تاپتۇرۇپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ مومدىن ياساپ چىقىشنى بۇيرىدى. ھەيكەل خۇددى پادىشاغا ئوخشايتتى. ئۇ ھەيكەلگە پادىشانىڭ كىيىملىرىنى كەيدۈردى. بېشىغا ئۈچ تۇغلۇق پادىشانىڭ تاجىنى كەيدۈردى. ئىچىنى تۇخىنىڭ قېنى بىلەن تولدۇرۇپ پادىشانىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. پادىشا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كېلىدىغان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىدىكى نۆۋەتچىلەرنىڭ ۋە يېقىن ئەتراپتىكى گۈللۈك، باغچە، مەيدانلاردىكى نۆۋەتچىلەرنىڭ ئورنىنى بوش قالدۇردى. ئۆزى بولسا پادىشانى ئۆلتۈرىدىغان مەخپى تەشكىلات پىدائىلىرىنىڭ باشلىقى بولدى. پادىشاھ، قېنى بىرادەرلەر ئاشۇ زالىم، بەدبەخت پادىشانى ئۆلتۈرەيلى!... دېدى. بۇلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوردىنىڭ ئىچىگە كىردى. ھىچقانداق ئەسكەرلەر بىلەنمۇ قارشىلاشمىدى. ئۇدۇل بېرىپ پادىشا قەسىرىگە كىردى. پادىشا تەختىدە ئولتۇراتتى. پۇخراچە ياسىنىپ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولىۋالغان پادىشا تەختتە ئولتۇرغان مومدىن ياسالغان پادىشاغا قاراپ، - مەلئۇن، بەدبەخت! دېگىنىچە قېلىچىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ پادىشاغا قاراپ ئېتىلدى. بوينىغا بىر قېلىچ ئۇرۇش بىلەن پادىشانىڭ بېشىنى تىنىدىن جۇدا قىلدى. پادىشانىڭ كېسىلگەن بوينىدىن ئاققان قان ئەتراپقا يېيىلىشقا باشلىدى. ياشلار، - قۇتۇلدۇق، قۇتۇلدۇق! دېگىنىچە سۈيۈنچىدىن ۋاقىرىشىپ بىر- بىرىنى قۇچاقلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. ياشلار مەخپى تەشكىلاتنىڭ بۇ قەھرىمان باشلىقىنى بوش قالغان تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ سايلىدى. شۇنداق قىلىپ پادىشا ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىدىن بوش قالغان تەختتە ئۆزى ئولتۇرغان بولدى. شەھەرگە تارقالغان ياشلار، بىر بەدبەخت پادىشادىن قۇتۇلدۇق. ئادالەتلىك دۆۋلەت قۇرۇمىز! دىيىشىپ غەلبە تەنتەنىسىدىن مەسخۇش بولغان ھالدا قىقاس، چۇقان سېلىشتى. خەلقنىڭ دۈشمىنى ئېلان قىلىنغان پادىشاھ يېڭىدىن خەلقنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن پادىشاسىغا ئايلاندى. بۇ مەسەل ھەممە دۆۋلەتلەرنىڭ تارىخىدا دېگىدەك بىر قېتىم يۈزبەرگەن . تارىخى كىتاپلاردا بۇ مەسەل توغۇرلۇق شۇنداق خاتىرەلەر بار: «بالىلار! سىز سىز بولۇڭ، ئورنىغا قويىدىغان يېڭىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ كونىسىنى تىگىشتۈرىمەن دېمەڭ! بولمىسا يېڭى ھېساپلىغان نەرسىڭىز يەنىلا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋالغان كونىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بولسا، ھەممە نەرسە كونىسىدىنمۇ بەتەر بولۇشقا قاراپ يۈز تۇتىدۇ.» |