دېڭىز قەبىرىستانى( داستان)

يوللانغان ۋاقتى:24-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
سىموۋېلىزىم شېئىرىيتىنىڭ مەشھۇر ۋالېرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى.

دېڭىز قەبىرىستانى

ئاپتۇرى: ۋالىرى (فىرانسيە)

تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر روزى

 

بۇ تىمتاس ئۆگزىدە چايقىلار كەپتەر،

ئارچىزار،مازار ئارىلاپ چاقنار،

ئادىل«چۈش» يالقۇندىن ياسايدۇ دېڭىز،

ئاھ،دېڭىز ئەبەدىي باشلىنار تەكرار!

ئويلاردىن يېشىپ ئىزگۈ رەھمەت ئاھ،

ئىلاھى سۈكۈتكە ئاغدۇردۇڭ نىگاھ!

ئالماستەك دۇردانە ماغزاپلار سانسىز،

ئەۋىرشىم چاقماقتىن ياغماقتا مېھنەت،

ئىجاتقا سىڭمەكتە جىمجىتلىق ھەيۋەت!

تەگسىز ھالدا كۆكىدە دەم ئالار قۇياش،

پاك ئەمگەك مەڭگۈلۈك ئۈچۈندۈر پەقەت،

«زامان»چاقنىماقتا،«چۈش»تۇر پاراسەت،

مېنىرۋا(1)بۇتگاھى،تۇرغۇن غەزىنە،

تاغدەك جىم،تارتىنچاق،ئۆزىنى بايقار،

ئوت پەردە ئاستىدا ئېغىر ئۇيقۇنى

ئەي،دېڭىز،سۇ كەچكەن كۆز پىنھان باقار،

سۈكۈتۈم روھىمنىڭ تەكتىدە ئايۋان،

مىڭ ئاجراپ-يېپىشقان زەر ئۆگزەمگە زار!

«زامان» بۇتخانىسى ئاھ ئۇرار ھامان،

بۇرجۇمغا ئۆرلەيمەن لايىقمەن ئاڭا،

ئۇپۇقۇم ئىچىدە بويلايمەن دېڭىز؛

بولدۇم ئىلاھلارغا يۈكسەك ئارمىغان،

چەكسىزلىك ئىچىدە جىمجىتلىق چاقناپ،

مەسخىرە ياغدۇرار ئاسمانغا شۇتاپ.

خوشاللىق تامغاندەك مېۋىلەر ئېرىپ،

ۋە يوقاپ كەتكەندەك شېرىنلىك بېرىپ،

ئۇ ئېغىز شەكلىدە بولىدۇ غايىپ،

شورايمەن كەلمىشنىڭ تۇمانىنى مەن،

باھارىم شەكىللىك ئەرۋاھلار سىياق

شاۋقۇندا كۈيلىنەر شاۋقۇنلۇق قىرغاق.

ئەي گۈزەل،پاك ئاسمان مەن ئەجەپ رەڭۋاز!

ئۆتكۈزدۈم كۆپ يىلنى ئۇرغىنىمچە لاپ،

يىغىلىپ،تارقىلىپ،تاشساممۇ قايناپ،

نۇرلۇق چەكسىزلىكتە تۇردۇم قەد رۇسلاپ؛

ئەرۋاھىم قەبىرنى بېغىرلاپ ئۆتەر،

ئايلاندىم ئاڭا بوپ مەنمۇ ھەمسەپەر.

ئەكىس روھىم،تومۇزغا ئوت ياققان ئوتقاش،

تەشۋىشلىك نۇرلاردىن تاشقان ئادالەت،

دەللىڭ تىكىلىمەن ئوق بولساڭمۇ گەر!

قايتۇردۇم ئەسلىڭگە يالىڭاچ ئەنە،

كەلگەنسەن ئەينەكتىن ... قايىتساڭمۇ نۇرغا

سىرلارنى چىللايسەن ھاڭلاردىن يەنە.

ئاھ تەنھا بىر ئۆزۈم ئۈچۈن يېقىنمەن-

قەلبىمگە،شېئىرلار بۇلاقلىرىغا،

يوقلۇق ۋە ساپ ھەركەت ئوتتۇرىدا دەل

كۈتۈمەن ئەكىس سادا،ئىچكى سەلتەنەت.

( كۆلچىكىم جاراڭلىق،قىرتاق ۋە تۇتۇق)

بار ياڭرار روھىمدا ئەبەدىي بوشلۇق.

بىلدىڭمۇ ياپراقتى قوغلاشقان بوغۇر،

تۆمۈر قاشالارنى يالمايسەن بەرھەق،

كۆزۈمنى يۇمساممۇ غىدىقلار سىرلار،

قاي گەۋدە كۆزۈمگە كۆرسەتتى يايلاق؟

سۆڭەكلەر يۇرتىغا ئەۋەتتى قاي باش؟

مەن يۈتكەن يۇرتۇمنى ئەسلەر بىر يۇلتۇز.

قىستاڭ،پاك،شەكىلسىز يالقۇنلار تولغان-

بۇ تۇپراق نۇرلارغا بولدى ئارمىغان،

ئوتقاشلار كۆتۈردۈم ئامراقمەن ئاڭا،

سايىلار تەۋىرنەر،زەر تاشلار سانجاق،

ھەر بىر روھ ئۈستىدە  تەۋرەر بىر مەرمەر،

پاك دېڭىز قەبرەمدە ئۇخلايدۇ پىنھان.

سادىق ئىت قوغلايدۇ بۇتپەرەسلەرنى!

قوي مېنى يىگانە كۈلەي چولپاندەك؛

باقىمەن خاتىرجەم سىرلىق قويلارنى-

تىمتاس قەبىرلەرنى  ئاق تاش ئورماندەك.

قوغلىغىن تارتىنچاق كەپتەرلەرنى ھەم،

گۈزەل پەرىلەرنى چۈشلەرنى بۇدەم!

كەلمىشتە ئەزمىلىك لىق كەلدى ئادەم؛

تومۇزغا چىر-چىرى تۇپراقنى سىپار،

كۆيدى ۋە يوقالدى كۈل بولۇپ ھەممە،

ئايلاندى پاك بىر خىل جەۋھەرگە يەنە...

تۇمانلار تارار مەسىت چەكسىزدۇر ھايات،

ئاچچىق بولدى تاتلىق،ھۇش روشەن ھەيھات!

ئۆلگەنلەر قەبىرىدە دەم ئالار بىغەم،

يەر تەپتى سىرلارنى قۇرۇتار قاقلاپ؛

يۈكسەكتە تۇرغان«چۈش» قىمىرلىماس«چۈش»

زەن سالار بارىمغا تۇرىمەن چاقناپ...

ھەيۋەتلىك گۆھەر تاش،ئەي مۇپەسسەل باش،

مەن سىرلىق ئۆزگەرگەن تەركىبىڭ ئوخشاش.

مەن سېنى كۆتەرگەن ۋەھىمە پەقەت!

مەندىكى خورلىنىش تەشۋىش ۋە گۇمان،

چەككەندۇر دەل بۈيۈك گۆھرىڭگە دەز!...

مەرمەرتاش تەكتىدە ئەي تىرەن زۇلمەت،

تۆھپەڭنى بىر بىرلەپ قوبۇل ئەيلىبان،

يىلتىزغا يېقىنلار غۇۋا ئالامان.

ئىرىگەن بوشلۇققا ئايلىنىپ ئۇلار،

يۇتقان ئوخشاشلىقنى گۈلگۈن پاتقاقلار،

گۈل-گىياھ ھاياتقا بېغىشلار راھەت،

ئۆلگەنلەر يوسۇنى يەككە سالاپەت،

دىلكەشلىك قەيەردە بۈگۈن بارمۇ-يوق؟

ياش تۇققان كۆزلەردە يىپ ئېشەر بۇزۇق.

قىزلار چىقىرايدۇ قوزغاپ ھاياجان،

كۆزلىرى بۇلاقتەك ،كىرپىكلىرى نەم.

ئوت بىلەن ئويناشقاق ئېزىتقۇ ئەمچەك،

لەۋلەر يېقىنلاشسا چېھرى شەلپەر ھەم.

ئەۋىرشىم بارماقلار ئاداققى تارتۇق،

تۇپراققا قايتىشتى ،بولدى چۈشتەك يوق.

خىيالى مەنزىرەم نەقەدەر رەڭدار،

سەندە يوق بۇندىكى سۈزۈكلۈك ۋە زەر،

سەن بۈيۈك روھىمنىڭ تارتۇقى كۆزگە.

ئىستەك تارايسەنۇ تىنمايسەن كۈيلەپ!

بولدى بەس مەۋجۇتمەن بوشلۇقۇممۇ بار،

مۇقەددەس تىمتاسلىق كەلمەس ھەم تەكرار.

داق سۆڭەك بۇرجىنى پۈركۈۋالغان تۈن،

ئۆلمەسلىك تاجىدا بەزلەيدۇ ھەردەم،

ئۆلۈمنى كۆرۈستىپ ئانىلىق قۇچاق؛

ئەي گۈزەل ئالۋۇن،ئەي بۈزۈكۋار ئويۇن!

بىر قاراپ كۆرەلمەس ھېچكىممۇ سېنى،

ئالدىنار قۇپ-قۇرۇق سۆڭەككە ھەررەت،

ئەبەتلىك كۈلكىنى تىڭشايدۇ پەقەت!

ئەي چاللار،ئېڭىڭدىن يوقالغان ماكان،

تەنلىرىڭ يۈكلىگەن پاتقاقلارنى ھەم،

تۇپراقتە-تە ماڭساڭمۇ ئاڭلىيالماس ھېچ؛

تاش تاختاي ئاستىدا ئۇخلىغان ئاۋام؛

بىر بالا نەپسىم بار شەكسىز بار مەددە،

ئۇ ياشار باغرىمدىن ئايرىلالماس ھېچ؛

سۆيگۈمۈ ئۆزۈمگە نەپرەتتۇر بەلكىم؟!

ئۇ سىرلىق چىش بىلەن ھەمنەپەس ماڭا،

نىمە دەپ ئات قويسام لايىقتۇر ئاڭا!

كۆرەلەر ،يىيەلەر،ئويلىيالار ئۇ ،

تېنىمگە بەك ئامراق، ئەگىشەر ھامان،

ئۇ ھايات بولغاچقا سۈرىمەن دەۋران!

ئەي زېنور(2)ئەي ۋەھشى ئىلئالىق زىنو!

باغرىمنى چاك قىلدى سەن ياغدۇرغان ئوق،

ئۇ مەيلى تىتىرسۇن ،ئۇچسۇن-ئۇچمىسۇن

ئۇ ئۈنلەپ جان بېرەر تەگسىلا جان يوق!

ئەي قۇياش،كۆردى كۆپ ئىشلارنى روھىم،

يەلتاپان ئاككىلىس(3)بوپ قالدى ھەم جىم!

ياق،ياق،...تۇر!ئۈزۈلمەس كەلمىشكە تاشلان!

ئەي تېنىم ئېزىلگەن ،ئۇيقۇغا غەرق شەكلىم!

ئەي باغرىم ھامىلە شامالغا ئېچىل!

قايتۇردى روھىمنى دېڭىز سۈرگەن دەم.

ئەي تۇزلۇق شىجائەت دېڭىزغا چۆكتۈم،

لەيلىسەم شىجائەت تەڭ لەيلەيدۇ ھەم!

تۇغما مەسىت دېڭىزغا مەنسۇپمەن بەرھەق!

گۈزەل مۈرە يوپۇقتا قاپلان پوستىدا،

رەڭگارەڭ تۈس بىلەن بالقىيدۇ قۇياش،

زەڭگەر تېنىڭنى دەپ يىلانلار سەرخوش،

چىشلەيدۇ يالتىراق قۇيقۇرۇقۇڭنى ھەم،

تىپتىنىچ سەھتىڭدە قوزغايدۇ سۈرەن.

ياشاشتۇر بىرلا يول!... ئۆرلىدى شامال،

كىتاپنى ۋاراقلاپ ياپتى ھەم ھاۋا،

دولقۇنلار تىك ھاڭدىن چاچىرتار بۇژغۇن!

ئۇچۇپ كەت ۋاراقلار قاماشتۇرماي كۆز!

ئاق يەلكەن دان ئىزدەر بۇ تىنىچ ئۆگزىنى،

زەرىپ بىلەن يىرتىۋەت كىرىلىپ دولقۇن!

ئىزاھاتلار(1)مېنىرۋا-رىم ئەپسانىلىرىدىكى سەنئەت ۋە ئەقىل ئىلاھى

زېنو( مىلادىدىن ئىلگىركى432-490) قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى،ئۇچۇۋاتقان ئوق مىدىرلىمايدۇ نەزەرىيسنى ئوتتىرغا قويغان

يۇنان ئەپسانلىرىدىكى قەھرىمان ئاكېللىسنى كۆرىستىدۇ.

كومپۇيۇتېر مەشغۇلاتىدا : يالقۇن ئەزىزى

 






بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار