ۋاڭ مېڭ:قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا...
يوللانغان ۋاقتى:23-02-2012
مەنبە: تارىم 2007-يىل 5-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىيەت ۋە ئويلىنىش، سېغىنىش ۋە تەسەۋۋۇر، ئىككىلىنىش ۋە پەرىشانلىق، ئىشتىياق ۋە قىيالماسلىق ھالەتلىرى ئارقىلىق،
ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ
ھەرزەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى
1
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، ئۈستەل چىرىغىنىڭ نۇرى ئاپئاق ئورىگىنال قەغىزىگە چۈشكىنىدە، ئورىگىنال قەغىزىدىكى ھەر بىر قۇر رايىش، بىغۇبار، سەمىمىي رەۋىشتە سىزنىڭ ئۆزىگە جۇلا ۋە نىدا، جان ۋە قان ئاتا قىلىشىڭىزنى كۈتكىنىدە، سىز نېمىلەرنى كۆرىسىز؟ نېمىلەرنى ئويلايسىز؟
گەرچە كۈندۈزدىكى خىزمەت ۋە ئايىغى چىقماس ئىشلار سىزنى يەتكۈچە چارچاتقان بولسىمۇ؛ سىزنىڭمۇ تالايلارغا ئوخشاش مەسئۇلىيىتىڭىز، غەم – غۇسسىڭىز، ئىچ پۇشۇقلىرىڭىز بولسىمۇ؛ ئۆزىڭىزنىڭ مۇكەممەللىكتىن يىراقلىقىڭىز، بىر تالاي ئەيىبلىرىڭىز، ئاجىزلىقىڭىز، ئىپلاسلىقىڭىز، جاراھەتلىرىڭىزنىڭ بارلىقى ئۆزىڭىزگە ئايان بولسىمۇ؛ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ باشقا تالاي كەسىپلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكىچىلىكىنى، باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش بۇ ساھەدىمۇ سوقۇنۇپ كىرىۋالغان پەسكەشلەرنىڭ... بارلىقىنى بىلسىڭىزمۇ؛ قولىڭىزغا قەلەم ئالغان ئاشۇ دەقىقىلەردە، سىز ئۆزگىچە بىر تۇيغۇدا بولىسىز.
سىز خۇددى تەڭداشسىز غەيرەتكە كەلگەندەك، ئەقىللىق ھەم تەلەپچان ئوقۇرمەننى كۆرگەندەك بولىسىز؛ ئۇلار بىلەن ئەسرارلىشىپ، ئۇلارغا يازمىڭىزنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلب تارىنى چەكمەكچى بولىسىز. سان – ساناقسىز ئوقۇرمەننىڭ سىزگە ئىشەنگەنلىكى، سىزگە نەزەر سالغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى تەلەيلىك سانايسىز. ئۇلار سىزنىڭ يازمىڭىزغا بارىكاللا ئېيتىدۇ، ئالقىشلايدۇ. سىزنىڭ باش قەھرىمانىڭىز ئۈچۈن ھېسداشلىق ياشلىرىنى تۆكىدۇ. ئۇلار سىزنى ئەسلەيدۇ، سىزگە ھەشقەللا ئېيىتىدۇ. سىز ھەم تەشۋىشلىنىسىز، ھەم ئۆز بۇرچىڭىزنى ھېس قىلىسىز، چۈنكى سىز تالايلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئوبيېكتىسىز. ئوقۇرمەنلىرىڭىز ئارىسىدا بىر زامان، بىر ماكاندىكى سەپداشلارلا بولۇپ قالماي، بەلكى يات ئەللەردىكى دوستلارمۇ، ئون يىل، يىگىرمە يىل، ھەتتا يۈز يىلدىن كېيىنكى ئىلغار ۋە ئەقىللىق كىشىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ناۋادا ساختىلىق قىلسىڭىز، ئاۋامنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز؛ كۆز بويامچىلىق قىلسىڭىز ياكى ھۈنىرىڭىز پۈچەك بولسا، ئاۋامنىڭ مەسخىرىسىگە ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرايسىز؛ ناۋادا ۋالاقتەگكۈرلۈك قىلىپ، ئۆزىڭىزنى قالتىس چاغلىسىڭىز ئاۋامدىن ئايرىلىپ قالىسىز. تەنقىدچى ۋە ئاۋام پۇقرادىن تارتىپ، پروفېسسور ۋە ئوقۇغۇچى، دوست ۋە دۈشمەنلەرگىچە سىزنىڭ يازمىڭىزدىن قۇسۇر تېپىپ، سۆز – چۆچەك قىلىشىدۇ. قىسقىسى، سىزنىڭ يۈزلەنگىنىڭىز كەڭ خەلق، جەمئىيەت، تارىختۇر؛ سىز مەغرۇرلىنىپ، شادلانسىڭىزمۇ، قارا تەرگە چۆمسىڭىزمۇ، ئەڭ نادىر ئەسىرىڭىز (ئۆزىڭىزگە قارىغاندا مۇكەممەل ۋە مۇپەسسەل بولغان)نى روياپقا چىقارسىڭىزمۇ، يەنىلا پەللىدىن يىراقسىز. ئەلۋەتتە، ساختىپەزلىك، كۆز بويامچىلىق، بىخۇدلۇق قىلسىڭىز ئەسلا بولمايدۇ. خەلق، جەمئىيەت ۋە تارىخ ئالدىدا يۈزسىزلىك قىلسىڭىز، زەھەرنى شېكەر، تاشنى ماش كۆرسىتىپ، خەلقنى زەھەرلىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا، سىز ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مۇقەددەس، تەۋرەنمەس ۋە يۈكسەكلىكىنى ھېس قىلسىڭىزلا، كەسكىن، ھوشيار ۋە قەتئىي بولسىڭىزلا قەلىمىڭىزنىڭ پاتمانلاپ ۋەزنى بولىدۇ.
ھاياجانلىنىپ، كۈچلۈك بىر غىدىقلىنىشنى ھېس قىلسىڭىز، بۇ دەل تۇرمۇشنىڭ ئىلھامى. ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن تالاي ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر قەلبىڭىزدە دولقۇنلاپ، سىزنىڭ رەتلىشىڭىزنى، يىللار قالدۇرغان كىر – داغلارنى ئادالىشڭىزنى، غايىۋى ۋە ھەققانىيەت مەشئىلى بىلەن ئۆزلىرىنى يورۇتۇشىڭىزنى كۈتىدۇ. سىز تونۇيدىغان، روھىيىتىڭىز ۋە ھېسسىياتىڭىز بىلەن مۇرەككەپ باغلىنىشى بولغان ھەر خىل كىشىلەر پەرقلىق قىسمەتلىرى، خاراكتېرى، جىلۋىلىك تەبەسسۇمى، ئوتلۇق مېھىر – مۇھەببىتى، غەزەپ – نەپرىتى، سولماس ياشلىق جىلۋىسى، شۇنداقلا بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ۋە لەھەتكە يول ئالغان قىسمەتلەردە كۆز ئالدىڭىزدا زاھىر بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆز پارىڭىنى، مۇھەببەت – نەپرەتلىك ئالاقىسىنى باشلايدۇ. سىز كېلىسىز، مەن كېتىمەن. ۋاقىت بىر ئىزدا تۇرمايدۇ. گەرچە سىز تۇرۇۋاتقان ئۆي كاتەكتەك كىچىك، يېزىق ئۈستىلىڭىز كىچىك ھەم ئەبجەق بولسىمۇ، قولىڭىزغا قەلەم ئالغان ئاشۇ ئۆزگىچە پەيتلەردە، تاغۇ دەريا، يەرۇ ئاسمان، جان – جانىۋار، ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك، پىششىق – توڭ... ھەممە – ھەممىسى قەلب ئالىمىڭىزدە پەيدا بولۇپ، قەلىمىڭىزنىڭ ئۇچىغا جەملىنىدۇ. سىز ئۇلارنى پەردازلايسىز، قايتا نامايان قىلىسىز، باھالايسىز. تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقى ۋە خاپىلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئىزگۈلۈكى ۋە رەزىللىكىنى، تارىخنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى، يولنىڭ كەڭتاشالىقى ۋە ئەگرى – توقايلىقىنى، تەبىئەتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە رەھىمسىزلىكىنى، كەچمىشلىرىڭىزنى، ھېس – تۇيغۇلىرىڭىزنى، بىلگەن – سەزگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇرمەنگە بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. گەرچە يازغىنىڭىز قىسقىغىنە بىر ئەسەر بولسىمۇ، پۈتكۈل تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنى دەسمايە قىلىسىز. شۇڭا سىز ئىجادىيەتنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئىجادىيەتنىڭ جاپاسىنىمۇ ھېس قىلىسىز.
سىز يەنە ئۆز ھېسسىياتىڭىزنىڭ غىدىقلىشىغىمۇ ئۇچرايسىز. سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز بەئەينى بىر رويالدۇر. تۇرمۇش دەل رويالنى چالىدىغان قولدۇر. دەل شۇ قول تالاي ئۇستىلاردىن غالىب كېلىپ، تۈرلۈك كۈي، ئاھاڭلارنى ياڭرىتىدۇ، مەرسىيە ۋە قەسىدىلەرنى پۈتىدۇ. بەزىلىرى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە كائىناتقا تارايدۇ، بەزىلىرى خاتىرىلىنىپ، قەلبخانىڭىزنىڭ بىنھانلىقىدا ساقلىنىدۇ. پەقەت تۈن جىملىقىدا، قەلىمىڭىز ھەرىكەتكە كەلگەندىلا، ئورىگىنال قەغىزىڭىز ياڭراتقۇغا ئايلىنىپ، ھەتتا ئۆزىڭىزنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئېسىل كۈيلەرنى ياڭرىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ رويال ساپمۇساق بولۇشى، كونۇپكىلىرى تولۇق، تارلىرى ياڭراق، گارمونىيىسى ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. ئەگەر، ئەبجىقى چىقىپ، دات باسقان رويال بولسا، پەقەت قۇلاققا سەت ئاڭلىنىدىغان ئاۋاز چىقىرىپ، «ئاپەت»كە ئايلىنىدۇ.
ئېنىقكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىزنى قوزغايدۇ، لېكىن، بۇنىڭدىنمۇ مۇقەددەس ۋە مۇھىم نەرسە دەل ھەقىقەتتۇر. كاللا كەتسە ھېچ گەپ يوق، يول توغرا بولسىلا بولدى. يولنىڭ توغرىلىقى جاندىنمۇ مۇھىم، يولنىڭ توغرىلىقى جاننىڭ كاپالىتى. يول خاتا بولسا، كاللا كېتىشتىن، تەھدىت ۋە پايدا ئالدىدا قاچقۇن، ھەتتا خائىن بولۇشتىن ساقلىنىش تەس. قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، خەلق، جەمئىيەت ۋە تارىخقا يۈزلىنىپ، ئۆزىڭىزنى كۆزىتىشىڭىز زۆرۈر. سىز ھەقىقەتنى تۇغ قىلماقچىمۇ ياكى ئۇنىڭغا داغ تەگكۈزمەكچىمۇ؟ سىز ھەقىقەتنى قوغدىماقچىمۇ ياكى ئۇنىڭغا خائىن بولماقچىمۇ؟ ھەقىقەت ئۇ ھەرگىزمۇ تەييار كەلىمىلەرنى يادلاش ئەمەس. ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان دەستەك ياكى ئەسەردىكى ھىيلە – مىكىرمۇ ئەمەس. بىز ئەمەلىيەت ئىسپاتلىغان ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەقىقەتنى ئۆزىڭىزنىڭ قېنىڭىزغا، دىلىڭىزغا سىڭدۈرۈڭ. شۇندىلا قەلىمىڭىزنىڭ ۋەزنى بولىدۇ. ئۆزىڭىز ئىشەنمەيدىغان نەرسىلەرگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش، ئۆزىڭىز تەسىرلەنمىگەن نەرسىلەر ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئۇخلاپ چۈشىڭىزدۇر. تۇرمۇشنى، ھېسسىياتىڭىزنى، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئەسكە ئالغاندا، تۇرمۇش ئىزنالىرىنى، بارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ۋە كۈيلەرنى جۇلالاتقان نۇرنى – ھەقىقەت نۇرىنى ئەسكە ئېلىشىڭىز شۈبھىسىزدۇر. پەقەت سىز ئۆز ئىجادىيىتىڭىز، پۈتكۈل تۇرمۇش تەسىراتىڭىز، زېھنىڭىز، ئەقلىڭىز ئارقىلىق دەلىللىگەن، ئىنتىلگەن، مۇشەررەپ بولغان نەرسىلەر؛ جان پىدالىق بىلەن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، تالاي قۇربانلارنى بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەت بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىندۇر. ئورۇق ئېشەكتەك ھاڭراش، باشقىلارنىڭ بۇرۇتىغا چالما تىزىش، خۇشامەتچىلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناش، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر بولۇش... دېگەندەك قىلمىشلارنىڭ ھەقىقەت بىلەن ئەسلا ئالاقىسى يوق. شۇڭا قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، تۈرلۈك پىكىر، قاراش، باھالار سىز بىلەن تىركىشىپ، تالاي ئىدىيىلەر قەلىمىڭىزنىڭ ئۇچىغا جەملىنىدۇ.
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، ھەر خىل ئەبجەش ئىدىيىلەرمۇ پەيدا بولىدۇ. ۋىجدانىڭىزغا قارشى چىقىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ سىز غالىب بولماقنى، ئېتىراپ قىلىنماقنى ئارزۇلايسىز. تېخى ئۆزىڭىز كەم – كۈتىسىز بولغان شېرىن دەقىقىلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈرىسىز. سىز يەنە مەغلۇپ بولۇشتىن، ئىنكار قىلىنىشتىن ئېسەنكىرەيسىز. دائىم باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە قايىل بولمايسىز، بەزىدە ئۆز ئىشەنچىڭىزنىمۇ يوقىتىسىز. سىز زامان رايىنى، قەلەمكەشلىك خاھىشىنى ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ تەلىپىنىمۇ ئويلايسىز. تېخى ئارىسالدا بولىسىز، تەشۋىشلىنىسىز... لېكىن، بۇلار قورقۇنچلۇق ئەمەس، بۇنىڭدىن خالىي بولماقمۇ تەس. ئەمما سىز بار ئىمكان بىلەن سەۋرچان بولۇشىڭىز، ئەرزىمەس ئىشلارغا ئۇرۇنماسلىقىڭىز، رەزىل، چاكىنا، شەخسىيەتچى نىيەت – مەقسەتكە تايماسلىقىڭىز، غالىبلىق ئىستىكىڭىزنى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى، دەپ قارىماسلىقىڭىز، يېزىش ئۈچۈنلا يازماسلىقىڭىز لازىمدۇر.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------