مانا بۇ ئىشەنچىڭىزدىكى ئىككىنچى كاپالەتتۇر. مانا بۇ سىز ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلغان، ھېس – ھاسىلاتلىرىڭىز بولغان، ئەھمىيەتلىك نەرسىلەردۇر. 3. سىز يەنە ئۆز يازمىڭىزنىڭ سېھرىي كۈچكە، جەلپكارلىققا، قىزغىنلىققا تويۇنغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز، شۇنداقلا بۇلارنى تونۇپ يېتىشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز لازىم. سىزنىڭ ئۇنى يېزىشىڭىز قانداقتۇر ئەدەبىياتقا قىزىقىشىڭىز، يازغۇچىلىققا ھەۋەس قىلىشىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس، شۇنداقلا مەلۇم بىر خىل تېمىنىڭ بازارلىق ئىكەنلىكى، تەھرىراتلارنىڭ ئاشۇ خىل تېمىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل تېما سىزنىڭ قەلب قەسىرىڭىزنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، سىزگە يىلان كەبى چىرمىشىپ، سىزنى ئارامىڭىزدا قويماي، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشىڭىزنى كۈتكەنلىكى، تەخىرسىزلىكى، يازمىسىڭىز سىزگە ئاراملىق بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك قولىڭىزغا قەلەم ئالىسىز. ئۇ سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ، سىزگە ئاراملىق بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىگە خاس ئاھاڭغا، ساداغا ۋە سىياققا ئىگە؛ ئۇ بەلكىم قايغۇ ئىلكىدە كۆزدىن ياش ئىچەر، تېرەنلىكىدىن كۆزگە مۇڭ تۆكەر، جۇشقۇنلۇقىدىن تەنگە كۈچ قوشار، رەھىمسىزلىكىدىن دىلغا ۋەھىمە سالار، خۇشاللىقىدىن كەيپنى چاغ قىلار، ئۆتكۈرلۈكىدىن جاننى يايرىتار، ھەزىللىكىدىن كۆڭۈل خۇش بولار، يەكتالىقىدىن ئاپىرىن ئېيتقۇزار، يېقىشلىقىدىن جان ئارام تاپار، مۇكەممەللىكىدىن دىلنى يورۇتار... ئۇ بەلكىم ساناقسىز جەلپكارلىققا ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ مەززىسىز ھەم مەنىسىز بولماسلىقى كېرەك. مانا بۇ ئىشەنچىڭىزنىڭ ئۈچىنچى كاپالىتى. جەلپكارلىققا ئىگە ئەسەرلەرنى يېزىش يېزىقچىلىقنى جاپالىق ئەمگەككە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە قەلبىڭىزنىڭ ئېھتىياجى، روھىڭىزنىڭ ئىشتىياقى ھەم گۈزەللىكنىڭ ئىمتىيازىغا ئايلاندۇرىدۇ. 4. ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقتا «يەكتا» بىر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىۋاتقىنىڭىزغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولۇشى كېرەك. ئادەمنىڭ ئىقتىدارى پەرقلىق بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما يېزىقچىلىقتا چوقۇم ئىجادىيلىق بولۇشى كېرەك، ئىجادىيلىق بولمىسا قەلەم تۇتماڭ. يېزىقچىلىقتا مەغلۇپ بولغان، يازمىڭىز ئىنكار قىلىنغان ھالەتتىمۇ، شاتۇتى كەبى دورامچىلىقتىن، تەقلىدچىلىكتىن خالىي بولۇڭ. تەقلىدچىلىك ئەدەبىياتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر. تەقلىدچىلىك بولىدىكەن ئەدەبىيات مەۋجۇت بولمايدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى، بوي – تۇرقى باشقىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ. دۇنيادا مۇتلەق ئوخشاش ئىككى ياپراق بولمىغىنىدەك، مۇتلەق ئوخشاش ئىككى ئادەممۇ بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەم ئاۋام ئارىسىدا يۈرگىنىدە ھەمراھىنىڭ، دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى تونۇيالماسلىقىدىن ئەنسىرەش بىھاجەت. چۈنكى ھەربەندە خاس بىر ئىجادىيەت. ئەپسۇسكى، سىز ئۆز ئەسىرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئەسىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشىدىن ئېسەنكىرەيسىز. ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدا تالايلارنىڭ بىر خىل تۈس، بىر خىل ھالدا ئىكەنلىكىدەك ئوخشاشلىق ھالىتىنى بايقايسىز، بۇ نەقەدەر يىرگىنچلىك ۋە بىچارىلىك – ھە ! بۇ خىل مەغلۇبىيەتتىن خالىي بولۇشتىكى نېگىزلىك مەسىلە ئىجادىيەت داۋامىدا ئۆزىڭىزنىڭ خاس تۇرمۇش سەرگۈزەشتىڭىزنى، ئۆز روھىيىتڭىزنى قېدىرىشقا. ئۆزىڭىزنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبىڭىزنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولغان – بولمىغانلىقىڭىزدا. ھەرگىزمۇ «جاھان رەپتارى»غا مەپتۇن بولماڭ، ئۇتۇققا ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىغا كۆز تىكمەڭ، دورامچىلىق قىلىش، مۈشۈككە قاراپ يولۋاس سىزىش نەقەدەر تېتىقسىزلىق، نەقەدەر بىزارلىق – ھە ! خاسلىق ئىشەنچىڭىزنىڭ تۆتىنچى كاپالىتى. 5. سىز ئەمەلىي تۇرمۇشقا، ئەسلىمىگە، تەپەككۇرغا، ئىشتىياق ھەم خاسلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە قەلەم تەۋرىتىشكە تۇشلۇق بۆسۈش نۇقتىسىغا ئىگە. دېمەكچى، سىز يازماقچى بولغان ئەسەر ئەمدى سىزگە نىسبەتەن ئەبجەش، رەتسىز ئۇقۇم ئەمەس، بىر خىل قايناق، قىزغىن ھەۋەس تېخىمۇ ئەمەس. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، سىزگە تەلمۈرمەكتە. ئۇ بەلكىم بىرەر پېرسوناژنىڭ خاس خاراكتېرى بولۇشىمۇ، بىرەر ھېكايىنىڭ پۈتكۈل سۇژىتى بولۇشىمۇ، ۋەقەلىكنىڭ مۇقەددىمىسى ياكى خاتىمىسى بولۇشىمۇ، بىر بۆلۈك قەلب ئىزھارى بولۇشىمۇ، ھەتتا مۇھىت تەسۋىرى ياكى پورترېت تەسۋىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. دەل يۇقىرىقىلار سىزنىڭ روياپقا چىققۇسى ئەسىرىڭىزنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇسلۇبىدۇر. مانا بۇ ئىشەنچىڭىزنىڭ بەشىنچى كاپالىتى.
|