ۋاڭ مېڭ:قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا...(9)
يوللانغان ۋاقتى:23-02-2012
مەنبە: تارىم 2007-يىل 5-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
8 ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ياش دوست ! قولىڭىزغا قەلەم ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ئويلىنىش، نۇرغۇن تەييارل
8
ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ياش دوست ! قولىڭىزغا قەلەم ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ئويلىنىش، نۇرغۇن تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى تالاي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، پەللىگە يېقىنلاشتىڭىز. ۋۇجۇدىڭىزدا بىر يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋە مۇئەييەن ئىقتىدارنى ھازىرلىدىڭىز. قايناق ھېسسىيات ۋە رېئاللىقىڭىز ئارقىلىق تېمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللىدىڭىز. تەسەۋۋۇرىڭىز يېڭىچە ھەم ئىللىق بىر دۇنيانى ياراتتى. پېرسوناژ روھىيىتىگە سىڭىپ كىرىدىڭىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ پېرسوناژلىرىنى ۋە ۋەقەلەرنى بەش قولدەك چۈشىنىپ يەتتىڭىز. قولىڭىزدىكى قەلەم تېپىرلاشقا، تەشۋىشلىنىشكە، تاقەتسىزلىنىشكە، بەيگە ئالدىدىكى تۇلپارغا ئوخشاش چاپچىشقا باشلىدى. سىز پەقەت چۇلۋۇر بىلەنلا ئۇنى تۇتۇپ تۇرالايسىز. پەقەت سىزنىڭ «تىرت» دېگەن بۇيرۇقىڭىز بولسىلا ئۇ جان جەھلى بىلەن ئالغا قاراپ ئېتىلىدۇ.
ئەمما يەنە بىر مەسىلە – قۇرۇلما مەسىلىسى سىزنىڭ بېشىڭىزنى قاتۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ رېئاللىقنى ئاساس قىلغان، تۇرمۇشتىن ئوزۇق ئالغان بولسا، سىز بىر قەدەر مۇكەممەل مەزمۇننى يازماقچى بولىسىز، بولۇپمۇ يازماقچى بولغىنىڭىز زور ھەجىملىك ئەسەر بولسا، ئۇنداقتا سىز قەيەردىن تۇتۇش قىلىپ، قانداق داۋاملاشتۇرىسىز؟ قانداق قىلىپ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان كەم – كۈتىسىزلىككە ئىگە قىلىسىز؟ قانداق قىلىپ ئۆزگىچە تەرتىپكە ھەم رەڭدارلىققا ئىگە قىلىسىز؟
قۇرۇلمىنىڭ ۋەزىپىسى شۇ يەردىكى، ئۇ بىر قاتار زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىدۇ. بىر قاتار مۈشكۈلاتلارنى يېڭىدۇ، يۈزەكى ھادىسىدىن ماھىيەتكە ئۆتىدۇ. چېچىلاڭغۇ قىلماستىن مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، چەكتىن ئاشۇرماستىن موللاشتۇرىدۇ. تومتاق قىلماستىن چۈشەندۈرىدۇ، تېرە تاراقشىتماستىن تېرەنلىككە ئىگە قىلىدۇ... بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇنداق ئىدىتلاش پەقەت تەجرىبىگە، ئۆز تۇيغۇسى بىلەن ھېس قىلىشقا، دەڭسەشكە باغلىق.
ئەسەرنىڭ بايان تەرتىپىگە كەلسەك، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن ئويلىنىش كېرەك: 1. شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ نورمال تەرتىپى بويىچە، ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن يېزىش؛ 2. باياننىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئوقۇرمەننى جەلپ قىلىش، چۈشىنىشلىك بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئۇندىن باشقا يەنە بايان بىلەن مۇھاكىمىنى ئارىلاشتۇرۇش، ئۆتمۈشنى ئەسلەش، قىزىقتۇرۇش... ئىشقىلىپ ھېكايە ئېيتىشقا ماھىر بولۇش لازىم؛ 3. پىسخىك پائالىيەتنىڭ قانۇنىيىتى ۋە تەرتىپى بويىچە يېزىش. باغلىما تەسەۋۋۇر، قوزغىتىش، خام خىيال، رېئاللىق، سىرتقى دۇنيا، ئىچكى دۇنيا قاتارلىقلارنى ئۆزئارا باغلاپ يېزىش قاتارلىقلار. يەنە باشقا ئۇسۇللارمۇ بار، ئەلۋەتتە.
مەيلى قانداقلا يازماڭ، تەلەپ بىر. ئۇ بولسىمۇ ئۆز ئەسىرىڭىزنى ئوقۇرمەننىڭ قەلبى بىلەن ھېس قىلىشقا، كۆزىتىشكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك. سىز يازارمەن، شۇنداقلا ئوقۇرمەن. بۇ يەردە ئۆز – ئۆزىنى ماختاش دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنىڭ قىلچىمۇ مەسخىرە تۈسى يوق. سىز ئۆزىڭىزنى ماختىسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، بىر خىل كۈچ سىزنى داۋاملىق يېزىشقا ئۈندەيدۇ، ياكى سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنى، قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ. سىز قەلبىڭىزدىكى بۇ خىل ساداغا قۇلاق يېقىشىڭىز، ئۆزىڭىز بېكىتىۋالغان قېلىپقا بېكىنۋالماسلىقىڭىز لازىم؛ بىر ئەسەرگە نىسبەتەن ئەقەللىي بولغان شۇنداقلا، ئاسانلىقچە ئورۇندىغىلى بولمايدىغان تەلەپ شۇكى، «ئوقۇغۇسى كېلدىغان» بولۇشتۇر. «ئوقۇغۇسى كەلمەيدىغان» ئەسەر ھەرقانچە قالتىس بولسىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. ئاتالمىش ئۆز – ئۆزىنى ماختاش، قۇرۇلمىنى ھېس قىلىش ۋە كۆزىتىشتىكى ئىقتىدار دەل «ئوقۇغۇسى كېلىش – كەلمەسلىك»تىكى سەزگۈرلۈكتۈر. ئازراقلا «ئوقۇغۇسى كەلمىگەن» تۇيغۇ بولسىلا قەلەمنى توختىتىپ، باشقىغا تۇتۇش قىلىش كېرەك.
قۇرۇلما جەھەتتە، ئابزاسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىقچىلىق ئۇسۇلى، سۆز ئىشلىتىش، جۈملە قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەدبىرلىك، ئۆزگىرىشچان بولۇش؛ بايان ئەسلەشكە، تەسۋىر، ھېسسىيات ۋە مەنتىقىگە توسالغۇ بولماسلىقى لازىم؛ ئوڭ بايان، تەتۈر باياندىن كېيىن قىستۇرما بايان كەلسىمۇ بولىدۇ، دېئالوگدىن كېيىن مونولوگ كەلسىمۇ بولىدۇ. تراگېدىيە بىلەن دراما ئارىسىدىمۇ ئۈمىد، بەزلەش ۋە ھەزىلگە ئورۇن بولۇشى؛ كومېدىيە ئارىسىدىمۇ كەسكىن، سۈرلۈك كەيپىيات بولۇش چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. قىسقىسى، ئوقۇرمەننى يېڭىچە بىر يولغا باشلىشىڭىز، ھەر قەدەمدە كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز يېڭى نەرسىلەرگە يولۇقتۇرۇشىڭىز لازىم. ئوقۇرمەننىڭ قەلب ئالىمى بىلەن بىرلىشىشىڭىز لازىم.
ئومۇمەن «ئوقۇغۇسى كەلمەيدىغان» نەرسىلەرگە قارىتا سىزمۇ «يازغۇسى كەلمەيدىغان» ھالدا بولۇشىڭىز لازىم.
ئەلۋەتتە، ئەرزان مال قوغلاشسىڭىز بولمايدۇ. چاكىنا نەرسىلەر بىلەن بازارنى كېڭەيتىپ، ئەسىرىڭىزنىڭ ئىدىيىۋى ساپاسى ۋە بەدىئىي زوقىنى تۆۋەنلەتسىڭىز بولمايدۇ. جەلپ قىلىشتىكى مەكسەت تۆۋەنلىتىش ئەمەس، بەلكى يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------