ئەدەبىي تەنقىتنىڭ ئۆلچىمى

يوللانغان ۋاقتى:11-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئەدەبىي تەنقىتنىڭ ئۆلچىمى نيۇ شۆجى ئەدەبىي تەنقىد يېڭى يازغۇچى، يېڭى ئەسەرلەرنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ يۈرىدىغان ئاخبارات خەۋىرى بو

    ئەدەبىي تەنقىتنىڭ ئۆلچىمى

                                                 نيۇ شۆجى

      ئەدەبىي تەنقىد يېڭى يازغۇچى، يېڭى ئەسەرلەرنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ يۈرىدىغان «ئاخبارات خەۋىرى» بولسا بولمايدۇ. «تەنقىد» بولغان ئىكەن، پەقەت «يېڭى ئىشلار» ھەققىدە سۆزلىشى ياكى ئەدەبىياتتىكى يېڭى ئۇچۇر، يېڭى ھادىسىلەر ھەققىدە ئەدەبىي تەنقىد قىلىشى ئەيىب ئىش ئەمەس. ئۇ يەنە ئەدەبىيات تارىخي ئاساسىدا «داۋاملىق سۆزلىشى»-- پەقەت ئەدەبىيات تارىخى ئاساسىدا ئالغا باسقان ياكى باسمىغانلىقىنى، چۈشكۈنلەشكەن ياكى چۈشكۈنلەشمگەنلىكى ھەققىدە سۆزلىگەندىلا ئاندىن ئېنىق سۆزلىيەلەيدۇ. يەنىمۇ بىر بالداق يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ قارىسا، ئەدەبىياتتا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا كۆرۈلگەن ئادىمىيەت ئىپادىسى، ئېدۇلۇگىيە ھالىتىگە ئاندىن ھەقىقى كىچىككىنە بولسىمۇ ياردەم قىلغىلى، يەنى ئەدەبىي تەنقىد سۆزى ئارقىلىق مەدەنىيەتتىكى ئېغىشنى تۈزەتكىلى ياكى مەدەنىيەتنى ئوڭشاش قىممەت ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ بىر ئوقۇمغا چېتىشلىق بولىدۇ. ئالبېرت تىبائۇدېت  蒂博代 (Albert Thibaudet) «ئەدەبىي تەنقىد ھەققىدە ئالتە سۆز» دە تىلغا ئالغان «شۇ چاغ» مەسىلىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ تىبائۇدېت قىزغىن ھېسسىيات بىلەن «شۇ چاغ» كۆزقارىشىنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلغان. شۇ چاغدىكى سالۇنلاردىكى ئاقسۆڭەك ئاياللارنىڭ كۆزقارىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنى ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئەدەبىيات ئوقۇرمەنلىرى ھېساپلىغان، ئۇلارنى ئەدەبىيات تارىخچىلىرى، ئەدەبىيات پروفېسسورلاردىنمۇ بەكراق ئىشەنچىلىك كۆرگەن، بۇنداق بولىشىدىكى  بىردىن بىر سەۋەب، بۇ ئاقسۆڭەك ئاياللار ئەزەلدىن ئەدەبىياتتىكى مۇقەددىمە بايان، بۇرۇلۇش، خاتىمە دىگەنلەر بىلەن كارى يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى مۇھاكىمىلىرى، پاراڭلىرى ئادەتتە ئەتراپىدىكى رىئاللىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان. ئەتراپىدىكى رىئاللىق بىلەن ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈش، ئەدەبىياتتىكى تەسىر قىلىش كۈچىنىڭ بار-يوقلۇق مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ پروفېسسور ئەپەندىلەرنىڭ تىرەن نەزىرىيىلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، بىۋاسىتە ھالدا رىئاللىقتىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ. ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇمكى، تىبائۇدېت ئېنىقكى ئۇ تۇرىۋاتقان دەۋردىكى پروفېسسور ئەپەندىلەرنىڭ ئەدەبىيات پوزىتسىيىسىدىن زېرىككەن، ئەكسىچە ئاقسۆڭەك ئاياللارنىڭ سالۇنلىرىدا گەرچە ئۇنداق «نەزىرىيە»لەر بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار بەرىبىر ئەدەبىياتنى تىرىك ئادەملەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن، ئاشۇنداق بولغاچقا، شۇ چاغ كۆز قارىشى تەرىپىدىن جان كىرگۈزۈلگەن ئەدەبىيات مەلۇم دەرىجىدە ھەر كۈنى ھاياتلىققا ئىگە بولۇپ تۇرغان. تىبائۇدېتنىڭ يېنىدا، ئەدەبىيات ئىنىستۇتتىكى زىيالىلارنىڭ قولىدا كۈندىلىك تۇرمۇش مەزمۇنىدىن ئايرىلىپ تاختابېشىغا ئېلىپ قويۇلغان بولغاچقا، ئەينى چاغدىكى ئاقسۆڭەك ئاياللار ئەدەبىياتنى قايتىشقا تېگىشلىك جايىغا قايتۇرۇپ كەلگەن.
نۆۋەتتە جۇڭگو ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بىر گەۋدىلىك مەسىلە، سىرتقى جەھەتتىن قارىغاندا شۇ چاغ كۆز قارىشىغا ئىگە ئەدەبىياتتەك قىلغىنى بىلەن چوڭقۇرراق تەتقىق قىلىپ كۆرسەك، بۇ شۇ چاغدىكى تۇرمۇش مەنىسىگە ۋە تۇرمۇش قىممىتىگە ئىگە «شۇ چاغ» بولماستىن بەلكى شۇ چاغدىكى ئەدەبىي خەۋەر، خەۋەر قاتلىمىدىكى ئەدەبىيات بولماقتا.
نىمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ بىرىنچى، پەقەت نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرلغان ئەسەرلەرگە، پەيدا بولغان ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە ئېتىبار قىلىنماقتا. ئىككىنچى، نۆۋەتتىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈنمەكتە. مۇشۇنداق بولغاچقا، يۇقۇرىدىكى ئىككى خىل ئەھۋال ئەندىزىلەشكەن شەكىلدە بىر خىل ئوبزۇر شەكلىنى شەكىللەندۈردى: يەنىى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئادەتتىكىچە تاپا-تەنە قىلىش، مەسخىرە قىلىش، بەزى چاغلاردا تېكىست فورمالىزىمىدىن قۇسۇر ئىزدەش بىلەن بەند بولۇپ، بىردىنلا كىشىلەردە تەنقىد قانداقلارچە تىللاش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھالغا كېلىپ قالغاندۇ دېگەن قاراشنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. يېڭى ئەسەر، يېكى ھادىسىگە نىسبەتەن ئازراقمۇ قارشى ئېلىش پوزىتسىيىدە بولمايدۇ، ھەتتا غەرپكە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى يېڭىلىق ياراتقانلىق، ئۈمىد شۇنداقلا ئارزۇ قىلىۋاتقان يېڭى تەجرىبە دەپ قارايدۇ. بۇ يەردە باش قاتتۇرىۋاتقان لوگىكا ناھايىتى ئېنىق، نامىنى ئاتاپ تەنقىتلەشكە سەت گەپلەرنى قوشۇۋېلىش، ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئەدەبىي تەنقىدتە تەنقىد جاسارىتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن  ئىبارەت. مودا بولىۋاتقان سۆزلەر بىلەن ئېيىتقاندا، داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە «شەپقەتسىز» بولۇش ئارقىلىق تەنقىد ئابرۇيىنى تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئبارەت.
داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىدە تەنقىد قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر بارمۇ –يوق؟ بار، بولغاندىمۇ ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەر بار؛ يېڭى ئەسەر، يېڭى ئادەم، يېڭى ھادىسىلەردە يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر بارمۇ يوق؟ بار، بولغاندىمۇ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر جىقلا بار. بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىشتا ئېنىقكى بىر ساختا تېما كېلىپ چىقىدۇ. مۇھىم مەسىلە، بۇ يەردىكى ئىككى چېكىدىن ئاشۇرۇلىغان پىكىر يۈرگۈزىش جەريانىدا، تەنقىتلىنىۋاتقان نەرسىنىڭ راست ئەمەس بەلكى ساختا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، تەنقىد كوللېكتىپى ئاڭسىز ھالدا پەقەت داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىنىڭ بازار تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، خۇددى ئالدىدىن كېلىشىۋالغاندەك دەردىگە دەرمان بولۇشقا چاۋاك چېلىشىنى ئۇقتۇرغان چاغدا، تەنقىدنىڭ بويسۇنىدىغىنى تامامەن ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ لوگىكىلىق قانۇنىيىتى بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ 1. ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ يېڭى ئەسەرى نەشىر قىلىنىشى بىلەن ژورنال، نەشىرىيات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «بىخەتەر ئىستېمال»غا قارىتا تولۇق مۆلچەرى بار بولىدۇ، يەنى كاپالەتلىك ئوتتۇرىچە قىممەتتە مەھسۇلات سېتىۋېلىش ھەم بازار ئىگىلەش سىغىمچانلىقىدىكى موبۇپۇللۇق ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ، تەنقىتچى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا بۇ كىچىككىنە مەخپىيەتلىككە قاتناشسىمۇ ئەكسىچە شۇلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، بازارنىڭ ئەڭ كۆرەڭلەيدىغان نۇقتىسىدىن خاس ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئەدەبىيات قانۇنىيىتىدىكى « تەتۈر يۇقىرى دولقۇن»نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تەنقىد «راست گەپ» قىلشقا جۈرئەت قىلالىسا، بازار بىلەن ساقلايدىغان ئارىلىق ئېدولۇگىيىسىنى ئۆز جايىدا تۇرغۇزۇۇپ چىقالايدۇ. بۇ دىگەنلىك، بۇ يەردىكى تەنقىد ئەمىلىيەتتە غەيرى ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىش روھى ھالىتىدە تەنقىتنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلەشنى بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىيات تەنقىتىنى ئاخباراتلاشتۇرۇش مەقسىدىگە يېىتىدۇ. 2. بۇ يەردىكى «يېڭى» «80-يىللاردىن كېيىنكى»، «90-يىللاردىن كېيىنكى»لەر تاللىغان «يېڭى» گۇمانلىنىش ھاجەتسىز بولغانلارنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ. بۇ شۇ يىللاردىكى خەن خەن، گۇۋ جىڭمىىڭ، جاڭ يۆرەن قاتارلىقلارغا بەخت قۇشى قوندۇرغان تەجرىبە «يولغا تايىنىش»تىن ئىبارەتتۇر. ئاتالمىش يېڭىلىقتا جەزمەن كۆپچىلىكنىڭ ئىستېمال پسىخىسىكىسى بىلەن ماس كېلىشى، بىردەك بولىشى، بۇ بىر پىسخىكا جەھەتتىكى  ئالدىن كۆزلىگەن نىشانغا يېقىنلىشىش تەس بولغان ھەرقانداق بىر ئىزاھات بولماسلىقى كېرەك دىگەنلىكتۇر. ئۇلاردا(ئەسەرنى كۆرسەتمەكچى) ئەدەبىياتتا بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان بارلىق مۇقىمچانلىق بولسا بولىدۇ. لېكىن «جېدەل قىلىش»، «كۈلدۈرگە»، «ئاچچىق سۆز بىلەن كىشىنىڭ زىتىغا تېگىش»، «نارتىسسىزىم»، «ساختا تەسەۋۋۇر»، «ھالقىپ ئۆتۈش»، «قۇسۇق ئوقۇرى»، «سۇغىرىش» قاتارلىق شەرتلەر بولمىسا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئەڭ ياخشىسى ئادەم تەبىئىتىدىكى مەلۇم ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەپلەر، كىشىلىك ھاياتتىكى مەلۇم غەلىتە نەرسىلەرنى ئىزدەيدىغان جايلارنى بايقايدۇ ياكى قېزىپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئاندىن ئاخبارات تېمىسى شەكىلىدە شەكىللەنگەن بىر جۈملە سۆز بىر ئبرەتلىك سۆز، ئافۇرىزم(ھېكمەتلىك سۆز) شەكىلدىكى ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى يېڭى تەنقىتكە نىسبەتەن، ئەمىلىيەتتە دەل ئەدەبىيات تەرجىرىبىسى نامى بىلەن كىشىلىك ھاياتتا ئاز ئۇچرايدىغان غەلىتىلىك ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىكى ساختا تەسەۋۋۇر، رىۋايەتلەرنى مۇۋاپىق ھالدا يېزىپ، ئۇلارنى تېمىلاشتۇرىدۇ(مۇتىفلاشتۇرىدۇ)، نەزىرىيلەشتۈرىدۇ.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار