بىرىنچىدىن، بەختلىك ئىشلارنى بايان قىلىش، خۇشال قىلىدىغان سۆزلەرگە چەكسىز مەپتۇن بولۇش كېرەك، بۇنىڭ ئەكسىچە ئومۇمەن ئەدەبىياتتا بايان قىلغاندا سىياسىغا ۋە ئىقتىساد ئىلمىگە چېتىلىدىغان ئۆلۈك نۇقتىلاردىكى مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىش، ھەسرەتلىك ھېكايىلارنى بايان قىلىش، تىراددىگىيلىك سۆزلەرنى بايان قىلغاندا تەبىئىي سىر ساقلاش كېرەك. چۈنكى ئەدەبىياتتىكى ئەڭ يۇقىرى تىلەك قىممىتىگە قارىتا پەقەت ئىنسان تەبىئىتىدىكى كىچىككىنە قىزىقىش، كىچىككىنە ۋايىغا يەتكەن تىرەكلىك(ئۆز ئىلكىدىكى) لوگىكا بولىشى، مەسىلە رىئال تەرتىپ بولماسلىقى، بەلكى ئۆزىنىڭ روھى ھالىتى بولىشى كېرەك. بۇ ئەدەبىياتتىكى سۈرۈشتۈرىلىۋاتقان «مەسخىرە قامچىسى»نىڭ بىۋاسىتە دەلىللىشىدىن ۋاز كېچىشدىن ئىبارەت. پوشكىن «قانۇن زۇلپىقارى بارالمىغان يەرگە مەسخىىرە قامچىسى جەزمەن يېتىپ بارسا بولىدۇ» دېگەن ئىدى، بۇ بىر نۇقتىدا ئەدەبىياتنىڭ مەسخىرە قىلىش كۈچىدىن ۋاز كېچىش ئەمىلىيەتتە تەنقىد قۇرۇلمىسىنى قۇرۇشتا تەنقىد قىلىنىش ئوبيېكتىغا نىسبەتەن ئەسلىدە بار بولغان ئۆتكۈر بايان قىلىشتىن ۋاز كېچىش ياكى ئۇنى ئۆچۈرىۋېتىش دىگەنلىك بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، غەلىتە نەرسىلەرنى ئىزدەش تەنقىتنىڭ ئاساسى تەكشىلىك يۈزىدە نورمال ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى چىگىچ-ئاتام زامانسىدىن قالغان قۇرۇق گەپلەرنى يېزىشنى ئېتىراپ قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، ئارقىدىنلا تەنقىتچىنىڭ ۋاكالىتەن تەرغىب قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىستېمال مەنىسىدىكى ئەدەبىىيات زاپچاسلىرى ئىكەنلىكىنى، ھەرگىز ئىستىمالىزم تىل مۇھىتىدىكى ئومۇمى خارەكتېرلىك ئەدەبىياتدىن خەۋەر ئىلىش ئەمەس ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ھازىرقى ھالەتتىن قارىغاندا، تەنقىتنىڭ مۇنداق تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرىشى پەقەتلا تەنقىد بارالمايدىغان جايغا تەنقىتنىڭمۇ بارالمايدىغانلىقىنى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىىيشۇناسلىق سۆزلىرىنىڭ يېتىپ بارغان جايلىرىغىمۇ تەنقىتنىڭ ئوخشاشلا يېتىپ بارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە تەنقىتتىن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كارغا كەلمەس ئىشلارغا ئالدىرايدىغانلىقىنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن قايتۇرۇپ سوراشقا ئەرزىيدىغىنى دەرۋىقە مانا مۇشۇنداق كىچىكتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يولغان چىققان، ھەتتا ئالدىراپ-تېنەپ يازغۇچىنىڭ تېخى قورسىقىدىن چىقمىغان ئىشلارنىمۇ تەنقىد قىلالىغان تۇرۇپ، ئىزچىل تەنقىتچى تىللاۋاتقان، كايىۋاتقان ئاتالمىش تەنقىتچىنىڭ ئوبرازى قالمىدى دەۋاتقانلىرىدىكى باش جىنايەتچى كىم؟ زادى كىمدىن ئاغرىنىشقا توغرا كېلىدۇ؟ «ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى»نىڭ 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى (كەلپىن ناھىيىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى) ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 18997679058 原载:《文艺报》2013年05月24日 |