2001-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيە دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا سۆزلەنگەن
يوللانغان ۋاقتى:10-02-2014
مەنبە: 未知
مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
2001-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيە دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا سۆزلەنگەن سۆز مو يەن ناپالېئون مېنىڭ كۆزۈمنى ئېتىپ قويغان تەقدىردىمۇ پۇراش سەزگۈمگە
2001-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيە دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا سۆزلەنگەن سۆز
مو يەن
ناپالېئون ‹‹مېنىڭ كۆزۈمنى ئېتىپ قويغان تەقدىردىمۇ پۇراش سەزگۈمگە تايىنىپ يۇرتۇم كىشكا ئارىلىنى تېپىپ بارالايمەن›› دەپتىكەن. چۈنكى كىشكا ئارىلىدا بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆزگىچە پۇرىقى بار ئىكەن.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى شولوخۇپ ‹‹تىنچ دون›› دېگەن ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە تەرەققىي قىلغان پۇراش سەزگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ رومانىدا دون دەرياسىنىڭ پۇرىقىنى، يايلاقتىكى ياپيېشىل ئوت – چۆپلەرنىڭ، قۇرۇق ئوت – چۆپلەرنىڭ، چىرىگەن ئوت – چۆپلەرنىڭ ھىدىنى، ئاتنىڭ تەر ھىدىنى، ئەر – ئايال كازاكلارنىڭ تېنىدىكى پۇراقلارنى تەسۋىرلەپ، رومانىنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىدا مۇنداق يازىدۇ: ‹‹ئەي، تىنچ دون، سەن بىزنىڭ ئاتىمىز! تېنىچ دوننىڭ پۇرىقى، كازاك يايلىقىنىڭ پۇرىقى مېنىڭ يۇرتۇمنىڭ پۇرىقىدۇر!››
جۇڭگو – رۇسىيە چېگراسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۇسۇلى دەرياسىدىكى كېتا بېلىقى دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايىدا ياشاپ يوغىنايدۇ، ئۇلار تۇغۇم مەزگىلىگە كىرگەندە، ئون مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ، خېيىم – خەتەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلغان يېرىگە قايتىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. بېلىقتىكى بۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىقتىدار ئالدىدا بىز ئويلانماي تۇرالمايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېلىقشۇناسلار بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تاپتى: بېلىقتا گەرچە ئادەملەرنىڭكىدەك بۇرۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىنتايىن ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى ۋە پۇراش خاتىرىسىگە ئىگە ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ ئىقتىدارىغا تايىنىپ، تۇغۇلغان ئانا دەريانىڭ ھىدىنى پۇراپ تاپقاندىن كېيىن، دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ زەربىلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ، دولقۇنغا قارشى ئۈزۈپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، قانچىسى ھايات قالغان بولسا شۇنچىسى باش – كۆزىنىڭ قانغا بويىلىشى بىلەن كارى يوق ئانا يۇرتىغا قايتىپ، ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ، ھېچكىمدىن ئاغرىنماي غەم – قايغۇسىز ھالدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىكەن. ئانا دەريانىڭ ھىدى ئۇلارغا نىشان بەلگىلەپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ جاپا – مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە كۈچ ئاتا قىلغان.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كېتا بېلىقىنىڭ ھاياتى يازغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىمۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنىڭ پۇرىقىغا بولغان ئەسلىمىسىگە تايىنىپ، يۇرتىنى سېغىنىش، ئىزدەش بىلەن ئۆتىدۇ. ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇ، ئىنتېرنېت تورى بارلىققا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، ئەسەرلەردە مەنزىرە – قىياپەت ۋە رەسىملەرنى كوپىيىلەش كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى. قەلىمىڭىز مەيلى قانچىلىك ئۆتكۈر بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ سىنئالغۇ كامىراسىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. بىراق پۇراش سېزىمىگە كەلگەندە سىنئالغۇ تېخى بۇ قۇدرەتنى ھازىرلىيالمىدى. مانا بۇ بىز بۈگۈنكى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى زېمىنى. بىراق بايقىشىمچە بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمايدۇ، چۈنكى ئۇزاققا قالماي ئالىملار پۇراش سەزگۈسىگە ئىگە ماشىنا – ئاپپاراتلارنىمۇ ئىجاد قىلىدىغاندەك قىلىدۇ. پۇراق تارقىتالايدىغان كىنو ۋە تېلېۋىزورلارمۇ ئۇزاققا بارمايلا مەيدانغا كېلىدۇ. مۇشۇ، ئاپپارات، ماشىنىلار تېخى دۇنياغا كەلمەستە بىز ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە ئەسەرلەرنى تېزرەك ئىجاد قىلىۋېلىشىمىز كېرەك.
مەن ئەنە شۇنداق پۇراققا ئىگە ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. مېنىڭچە بۇنداق ئەسەرلەر ياخشى ئەسەرلەرگە كىرىدۇ. ئۆزگىچە، ئالاھىدە پۇراققا ئىگە ئەسەرلەر تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەردىن سانىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئەنە شۇنداق پۇراققا ئىگە قىلالىغان يازغۇچىلار ياخشى يازغۇچىلارغا، ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزگىچە خاس پۇراققا ئىگە قىلالىغان يازغۇچىلار ئەڭ ياخشى يازغۇچىلاردىن سانىلىدۇ.
يازغۇچىنىڭ بۇرنى ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇشى كېرەك، بىراق بۇرنى ئۆتكۈرلەرنىڭ ھەممىسىلا يازغۇچى بولۇۋەرمەيدۇ. ئوۋ ئىتىنىڭ بۇرنى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئەمما ئوۋ ئىتىدە بۇنداق ئىقتىدار يوق. ھازىر نۇرغۇن يازغۇچىدا ئەمەلىيەتتە ئېغىر دەرىجىدە بۇرۇن ياللۇغى بار، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. مەن بىر يازغۇچى پۇراق ھەققىدە مول تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇشى كېرەك دېمەكچى. بىر ئىجادچانلىققا ئىگە يازغۇچى يېزىقچىلىق قىلغاندا، قەلىمى ئاستىدىكى پېرسوناژ ۋە مەنزىرىلەرگە پۇراق بېرىشى كېرەك. پۇراققا ئىگە ئەمەس جىسىملارغىمۇ تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچى بىلەن پۇراق بېرىشى كېرەك.
گېرمانىيەلىك يازغۇچى جوسكىندى ئۆزىنىڭ ‹‹ئەتىر›› دېگەن ئەسىرىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى پۇراش سېزىمىگە ئىگە غەلىتە بىر ئادەمنى تەسۋىرلەپ يازىدۇ، بۇ پېرسوناژ پۇراق ئىزدەپ ئەتىرنى ئىجاد قىلغان بىر قەبىھ تالانت ئىگىسى، بۇنداق تالانت ئىگىلىرى پەقەت پارىژدىلا دۇنياغا كەلگەن بولىدۇ. بۇ شەپقەتسىز تالانت ئىگىسىنىڭ كاللىسىدا دۇنيادىكى بارلىق پۇراقلارنىڭ ھەممىسى ساقلانغان بولىدۇ. ئۇ بۇ پۇراقلارنى تەكرار – تەكرار سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرى دۇنيادا ئەڭ ئېسىل پۇراق ياشلىق مەۋسۇمىگە يەتكەن قىزلارنىڭ پۇرىقى ئىكەن دەپ جەزىملەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ، 24 ساھىبجامالنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى پۇراقنى ئېلىپ بىر خىل ئەتىر ئىجاد قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئاجايىپ سىرلىق ئەتىرنى ئۆزىگە چاچقاندا، كىشىلەر ئۇنىڭ بەتبەشىرە ھەرىكەتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. گەرچە ئىشەنچلىك دەلىل – ئىسپاتلار تۇرسىمۇ، ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭ ۋەھشىي قاتىل ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ. ئۆلگۈچى قىزنىڭ دادىسىمۇ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنى ھەتتا قىزىدىنمۇ ئەتىۋار بىلىدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ غەلىتە مەخلۇق قەتئىي تەۋرەنمەي، كىمكى ئىنسانلارنىڭ پۇراش سېزىمىنى كونترول قىلالايدىكەن، شۇ دۇنيانى ئىگىلىگەن بولىدۇ، دەيدۇ.
گارسىيە ماركۇسنىڭ ‹‹يۈز يىل غېرىبلىق››دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق بىر تەسۋىر بار: ... ئەتراپ تۈن قاراڭغۇسىغا چۆككەندە يىگىت ئۆزىنىڭ پۇراش سېزىمىگە تايىنىپ كوچىلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى تاپىدۇ.
فۇكنېرنىڭ ‹‹شاۋقۇن ۋە غوۋغا›› دېگەن ئەسىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئائىت بىر تەسۋىر بار: ئەسەردىكى بىر پېرسوناژ سوغۇقنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايدۇ. ئەمەلىيەتتە سوغۇقنىڭ پۇرىقى بولمايدۇ، بىراق فۇكنېر مۇشۇنداق يازغان. بىز بۇنى بەك ئاشۇرۇۋېتىپتۇ دېيەلمەيمىز، ئەكسىنچە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىمىز، ئەينەن ھېس قىلىمىز. چۈنكى سوغۇقنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالىغان ئادەمنىڭ ئۆزى ھاماقەت.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------