2001-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيە دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا سۆزلەنگەن(2)

يوللانغان ۋاقتى:10-02-2014   مەنبە: 未知   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
يۇقىرىقى مىسال ۋە ئاددىي تەھلىلدىن شۇنى بايقايمىزكى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىككى خىل پۇراق م

    يۇقىرىقى مىسال ۋە ئاددىي تەھلىلدىن شۇنى بايقايمىزكى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىككى خىل پۇراق مەۋجۇت، ياكى ئەسەردىكى پۇراقنى مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلدا يازغىلى بولىدۇ: بىر خىلى ئەمەلىي يېزىش ئۇسۇلى يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىدۇر، يەنى يۇرتىدىكى تەجرىبىلەر بويىچە، ئۇ تەسۋىرلىمەكچى بولغان جىسىمغا پۇراق بېرىدۇ ياكى پۇراق ئارقىلىق ئۇ تەسۋىرلىمەكچى بولغان جىسىمنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يەنە بىر خىل يېزىش ئۇسۇلى بولسا، يازغۇچى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ پۇراقسىز جىسىمغا پۇراق بېرىدۇ، پۇراققا ئىگە جىسىمغا بولسا باشقىچە پۇراق بېرىدۇ. سوغۇقتا پۇراق بولمايدۇ، چۈنكى سوغۇق جىسىم ئەمەس. بىراق فۇكنېر يۈرەكلىك ھالدا سوغۇققا پۇراق بەردى. ئۆلۈممۇ جىسىم ئەمەس، ئۆلۈممۇ پۇراققا ئىگە ئەمەس، بىراق گارسىيە ماركۇس پېرسوناژلىرىغا ئۆلۈمنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇزالىدى.
    بىراق پۇراقنىڭ ئۆزىلا ئەسەرنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. يازغۇچى ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەندە، ئۆزىنىڭ پۈتۈن سەزگۈ ئەزالىرىنى يەنى پۇراش، ئاڭلاش، سىلاش ياكى بۇلاردىن ھالقىغان ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى پۇراش سېزىمىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ يازغان ئەسىرىنىڭ ھاياتى تىنىققا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بىر دۆۋە جانسىز يېزىقلار تۈركۈمى بولماي، بەلكى پۇراققا، ئاۋازغا، ھارارەتكە، شەكىلگە، ھېسسىياتقا ئىگە جانلىق گەۋدە بولىدۇ. بىز يېزىقچىلىققا يېڭى كىرىشكەندە مۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز، يەنى تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىلا ئىنتايىن ئەگرى – توقاي، ئادەمنى بەك تەسىرلەندۈرسىمۇ، بىراق بىز بۇنى ئەينەن ھېكايە قىلىپ يازغاندىن كېيىن ئوقۇساق ناھايىتى ساختا بولۇپ چىقىدۇ، ئادەمنى قەتئىي تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئەمما نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ توقۇپ يېزىلغانلىقىنى ئېنىق بىلسەكمۇ، بىراق بىزگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ مېنىڭچە مەسىلىدىكى مۇھىم ھالقا، بىز تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ئىشلارنى بايان قىلغاندا، ئۆزىمىزنىڭ ئىجادكار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىمىزدىكى پۇراش، ئاڭلاش، كۆرۈش قاتارلىق ھەممە سەزگۈ ئەزالارنى ئىشقا سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزدا. ئەمما ھېلىقىندەك توقۇلما ئارقىلىق يېزىلغان بۈيۈك ئەسەرلەرنىڭ بىزنى تەسىرلەندۈرەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئاشۇ ئەسەرلەرنى يازغان يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ بارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئىشقا سېلىپ، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئاجايىپ تۇيغۇلارنى ئىجاد قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ ئادەمنىڭ قۇرۇتقا ئايلىنالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسەكمۇ، ئەمما كافىكانىڭ ‹‹شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى››دېگەن ئەسىرىدە ئادەمنىڭ قۇرۇتقا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزنى شۇنچە تەسىرلەندۈرگەنلىكىدىكى تۈپ سەۋەب.
    كىنو دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىستىقبالىدىن ناھايىتى قايغۇرۇشتى. 50 يىلنىڭ ئالدىدىلا جۇڭگودا ئەدەبىي ئەسەرلەر ھالاك بولىدۇ دېگەن پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى، ئەمما دەرۋەقە ئۇنداق بولمىدى. تېلېۋىزور كۇرمىڭلىغان ئائىلىلەرگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەقدىرى تازا ياخشى بولمىدى، گەرچە تېلېۋىزور كىتاب ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۇرغۇنىنى تارتىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن ئادەم كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئۆلۈم يېقىن ئارىدا كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئېچىلىشى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە خىرىس ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن ئىنتېرنېت تورى بىزنى پەقەت باشقىچە بىر خىل يېزىقچىلىق ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىۋى يېزىقچىلىقتىن پەرقلىنىدىغان ئۇسۇل بىلەنلا تەمىن ئەتتى، دەپ قارايمەن.
    مەن يېزىقچىلىقتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئاپتور بولۇش سۈپىتىدە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەممۇ، ئەمما ئېتىراپ قىلغۇم كەلمەيدۇ. بۇنداق بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ رولىنى ھەرقانداق بىر خىل سەنئەت ۋە تېخنىكىلىق ئۇسۇل ئالالمايدۇ. گەرچە پۇراق ئېلىش ماشىنىسى ئىجاد قىلىنغان تەقدىردىمۇ. چۈنكى پۇراق ئېلىش ماشىنىسى دۇنيادىكى بار پۇراقلارنى ئالالىغان بىلەن، ئەمما مەۋجۇت بولمىغان پۇراقلارنى ئالالمايدۇ. بۇ خۇددى سىنئالغۇ رېئال تۇرمۇشتىكى مەۋجۇت جىسىملارنىلا سىنغا ئېلىپ، مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەرنى سىنغا ئالالمىغاندەك بىر ئىش. بىراق يازغۇچىلار تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ يوق نەرسىلەرنى بار قىلالايدۇ، تەسەۋۋۇر كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەۋجۇت پۇراقلارنىمۇ، مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنىمۇ ئىجاد قىلالايدۇ. بۇ بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ ئۆلمەي مەڭگۈ ياشناپ تۇرىشىدىكى بىر ئاساس.
    ئەينى يىلى، گېرمانىيەلىك يازغۇچى تۇماس مان كافىكانىڭ بىر پارچە ئەسىرىنى ئېينىشتىيىنگە بەرگەن، ئەما ئېينىشتىيىن ئەتىسىلا ئەسەرنى تۇماس مانغا قايتۇرۇپ بېرىپ: ‹‹ئادەم مېڭىسى بۇنداقمۇ مۇرەككەپ بولامدۇ؟›› دېگەن. بىزنىڭ كافىكا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىم پەن ئالىمىنى يېڭىۋالغان، مانا بۇ بىزنىڭ كەسىپنىڭ پەخىرلىك تەرىپى!
    ئۇنداق بولسا بىز يۈرىكىمىزنى قاپتەك قىلىپ، بارلىق سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ، نەپەس، پۇراق، ھارارەت، ئاۋاز، شۇنداقلا ئاجايىپ – غارايىپ ۋە ئىدىيەگە ئىگە ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلايلى.
    ئەلۋەتتە، يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىنى تىل ئارقىلىق يېزىپ چىقىدۇ. بۇنداق بولۇشى پۇراق، رەڭ، ھارارەت، شەكىللەرنى پەقەت تىل ئارقىلىقلا ياراتقىلى بولىدۇ ياكى بۇلار پەقەت تىل ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. تىل بولمىسا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا تەرجىمىگە قولايلىق بولۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يازغۇچىلارمۇ تىرىشىپ سەزگۈلەرنى ئىپادىلەپ، ھاياتىي تۇيغۇغا ئىگە دۇنيانى يارىتىپ چىقىشى كېرەك. تۇيغۇ بولغاندىلا ھېسسىيات بولىدۇ. ھاياتىي تۇيغۇغا ئىگە بولمىغان ئەسەرلەر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تىترىتەلمەيدۇ.
    بىز ئۇسۇلى دەرياسىدىكى كېتا بېلىقىغا ئوخشاش ئانا دەريانىڭ پۇرىقىنى ھىدلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى.
    مەن يۈرەكلىك ھالدا ئېلىمىزنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەسئۇل رەھبەرلەرگە: 2008 – يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە، مەشئەلنىڭ ئۈستىگە 100 خىل گۈل – چېچەك، 100 خىل دەل – دەرەخ، 100 خىل ئېسىل خۇشبۇي ھاراقنىڭ ھىدىنى قويۇپ تۇتاشتۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى خۇشپۇراققا پۈركەيلى دەپ تەكلىپ بەرگۈم كېلىدۇ.
    بىز ئۆزىمىزنىڭ خاتىرىسىدىكى بارلىق پۇراقلارنى ئىشقا سېلىپ، ئاندىن شۇ پۇراقنى بويلاپ ئىلگىرىكى تۇرمۇشىمىزنى، مۇھەببىتىمىزنى، خۇشاللىقىمىزنى، زېرىكىشلىك دەملىرىمىزنى، بالىلىقىمىزنى، ئانىمىزنى... قىسقىسى، ھەممە – ھەممە نەرسىمىزنى ئىزدەيلى، خۇددى پوروسىت بىر تال مادىرىنا پىرەنىكى بىلەن بالىلىقىغا قايتقاندەك، بالىلىق ۋە ياشلىق خاتىرىلىرىمىزنى ئاقتۇرايلى.



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار