ئەدەبىي تەنقىتنىڭ ئۆلچىمى(2)

يوللانغان ۋاقتى:11-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
كونكىرتلىقنى نەزەرگە ئالغاندا، ھەقىقى تىل مۇھىتى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئەدەبىيات قىممىتىمىزنىڭ كېيىكى چاغل

كونكىرتلىقنى نەزەرگە ئالغاندا، ھەقىقى تىل مۇھىتى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئەدەبىيات قىممىتىمىزنىڭ كېيىكى چاغلاردا ۋە يېقىندا زادى قايسى ئورۇندا ئارىسالدا بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەن بىر نەچچە ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان تەنقىتچىلەر «ئومۇمى بايانى»دا بىر قىسىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا تۈۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، كىشىلىك ھاياتتىكى نازۇك ھەۋەسلەرنىڭ تىجارىتىنى قىلىشقا تىرىشىپ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاتالمىش ئاسانلا سەل قارىلىدىغان كىچىك ئىنچىكە ھالقىلار، روھى ھالەتلەر ۋە كىچىك پەلسىپىۋى قائىدىلەرگە رەڭ بېرىپ پاقىرىتىش، بۇ بىر نۇقتا تۇتاشتۇرۇلسا، كاللىدىن ئۆتكۈزۈلسە، كىشىلىك ھايات ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىكى گۇمانلىق جايلار  تېز ئوڭاي ھەل بولۇپ كېتىدۇ. ئىككىنچى، «ئىچكى خاسلىق» تۇرمۇش كەمتۈكلىكىدىكى كېسەللىك يىلتىزى نۆۋەتتە جۇڭگولۇقلار ئېتىقادىدا كەم بولىۋاتقان نەرسە ئۈستىدىن ئىزدىنىلىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، باش پېرسۇناژ  ھەر جەھەتتىن ئېتىقاد جەھەتتىكى سۈر ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۈچۈنچىدىن، ئىشلارنى بايان قىلىش نەزىرى بىرىنچى شەخىس «مەن»نىڭ كونتۇرۇللىقىدا بولىدۇ، ئاندىن مەننىڭ قېزىپ چىققىنى  ئىچكى جەھەتتىكى ئامال بولماي، نەتىجە ئويلىغاندەك بولۇپ، سەۋەب تېپىپ چىقىلىدۇ، ئەسلىدە «مەن»گە كاشىلا قىلىۋاتقان ئەركىن، تىنچ بولالمىغان بارلىق توسالغۇلارنىڭ مەۋجۇت بولىدىغان تۇرىدىغان ئورنى قالمايدۇ،  «مەن»نىڭ ئىنسان خارەكتېرىدىكى قورسىقى كەڭلىكى يېتەرلىك بولماي، ۋاز كېچەلمىگەن بولۇپ، بىۋاسىتە ھالدا «مەن» نەپسى چوڭلۇق قىپتىمەن دەيدۇ.
پارچە-پۇرات قىممەت ئىنتىلىشلىرىنى بىرلەشتۈرسەك، ئەمىلىيەتتە نۆۋەتتىكى تەنقىد پۈتۈن كۈچىنى چىقارغان بولۇپ، خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئاشۇ ئاخىرقى نىشانغا قاراپ چېپىۋاتقان بولىدۇ. ئالدى بىلەن، مانا مۇشۇنداق بىر بىخەتەر، توغرا دەپ قارالغان نىشان بولغاچقا، تەنقىتنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن كىچىك، كونكىرت ياكى ئىنتايىن پۇل-بايلىققا ئەھمىيەت بېرىشلا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىنتايىن تېز بولغان ئىنكاس، قاپ يۈرەكلىك بىلەن چىقىرىلغان شەخسى كۆزقاراش ئارقىلىق، ئەسەردىكى پېرسۇناژلارغا  «تومۇر تۇتۇش»، يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىگە دورا رېستىپى يېزىپ بېرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تەنقىتنىڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە پىكىر يولىنى خۇلاسىلىسەك، ئۇ بايان قىلىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولمىغان، قۇرۇلمىسى چۇۋۇلچاق، پېرسۇناژلار ئارىلىشىپ كەتكەن، باش تېمىسى مۇجىمەل، كىلاسسىكىزمغا مۇدىرنىزىمنى ئارىلاشتۇرىۋالغان، رومانتىزمغا مۇدىرنىزىمنى ئارىلاشتۇرىۋالغان دىگەندەك بىر نىمىلەر بولۇپ چىقىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، سىز «پاقا»، «مىڭ جۈملىگە تەڭ بىر جۈملە»، «مەن پەن جىنلەن»، «خۇشال بولۇش»، «پانۇس ئېلپ يۈرۈش»، «ئالتە كىشىلىك كەچلىك تاماق» قاتارلىقلارغا چېتىلىشلىق نەزەرىيىۋى باھالاش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئوبزۇرلارنى تەپسىلى ئوقۇپ بېقىڭ. قايسى بىر پارچىسىدا جۈملە ئوقۇش قاتلىمىغا كۈچ چىقارمىغان دەيسىز؟ يەنە بىرلىرىدە بۇ ئەسەرنىڭ قىممەت قارىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا تەھرىرلىك خىزمىتى ئۈچۈن ئالدىرىۋاتقانلىقىنى سەزگىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇلار بۇ خىل ئومۇميلىققا ئىگە قىممەت قارىشىغا ئاساسى جەھەتتىن ئورتاق تونۇشقا كەلگەن بولغاچقا، ئۇلار ئارزۇ قىلىۋاتقان كۆڭۈلدىكى ئەدەبىيات خەرىتىسى-ئاتالمىش داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئاستا، كەينىگە سۆرىگەن، يۇرتىۋازلىق ۋە يېڭى دولقۇن بولمىغان، بىۋاسىتە ئەمەس، ئاسى ئەمەس، شۇنداقلا يېرىم ياتا ياپقان، يېڭى ئادەملەرنىڭ يېڭى ئەسەرلىرىدىكى يېڭى ھادىسىلەردىن ئاسانلىقچە سىرداش تاپقىلى بولمايدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت. ئىككى خىل ئەسلىدىنلا قىممەتنىڭ ئىككى قۇتۇپىغا تارقالغان تەنقىدتە ئاخىرىدا چوڭ بىرلىشىش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. ئەسلىدىكى داڭلىق يازغۇچىنىڭ يېڭى ئەسىرىگە قوشۇلغان سەت گەپلەر، مەسخىرە قىلىشلار نۆۋەتتىكى ئادىمىلىك روھىنىڭ ئاساسى ھالىتىنى ئاساس قىلغان بولماستىن بولۇپمۇ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىكى مەلۇم خىل ئادەمنى چۆچىتىدىغان بۆلىنىشنى چىقىش قىلغان بولۇپ، تەنقىت ئۈچۈن تەنقىت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىردىن بىر ئامالى «سىياسى»دىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش بولۇپ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇلار ئىسپات ئېلىشقا قولايلىق بولىدىغان ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدىگە يېتىدۇ. يېڭى يازغۇچىلارنىڭ يېڭى ئەسەرىدىكى يېڭى ھادىسىلەرنى كۆككە كۆتىرىپ ماختاشقا نىسبەتەن، ئەدەبىيات تارىخى ئاساسىدىكى بۆسۈش، چوڭقۇرلاشنى ئاساس قىلىپ، پەقەتلا ئەدەبىيات خەرىتىسىنى كېڭەيتىش، ئەدەبىياتنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا ئىش قىلىدۇ. تەنقىد مەلۇم خىل مودا بولىۋاتقان يېزىقچىلىق فورمىلاسىنى ئېچىپ بېرىش ئاساسىدا، مەلۇم خىل قارىماققا يېڭى كۆرىنىدىغان «لياۋجەي خاتىرىلىرى»، «كانزاس شىتاتىدىكى ئامېرىكىلىق ئارتور خانلىقى»، «ئەيلىسنىڭ چۈشىدە جەننەتنى ساياھەت قىلىشى» قاتارلىق ئەندىزىدىكى يۈرۈشلۈك يوللارنى قايتا مۇلاھىزە قىلىش ئەمەس، بۇلار مۇشۇنداق بولغاچقا، بۈگۈنكى تەنقىد نەزىرى ئىچىدە بۇلار ئاساسەن يوق ئەلۋەتتە.
نۆۋەتتە تەنقىتتە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە، مانا مۇشۇنداق مويەن شەكلىدىكى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان «ياخشى ھېكايىلەر»گە يۈزلىنىش، مانا مۇشۇنداق تەپەككۈرىدا يېڭىلىق قوغلىشىۋاتقان تەنقىد تىل مۇھىتى، خۇددى خەي زى ئۆلگەندىن كېيىن «يۈزمىڭ خەي زى» ناخشىلىرىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە قانداق توغرا قاراش، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى مو يەن شەكىلدىكى ئەدەبىيات ئەندىزىسىنىڭ كەڭ ئەۋجى ئېلىشىدىن قانداق ساقلىنىش ۋە «ھەممىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قارىماسلىق»(سۇن لىپىڭنىڭ سۆزى) شەكىلىدىكى ئەدەبىي تەنقىد تەپەككۈرىنىڭ يامراش مەسىلىسى قاتارلىقلارغا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت. ھەممىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قارىماسلىق تەپەككۈرى ئەدەبىي تەنقىتنىڭ دەل تەنقىدتىكى ئاخبارات فومىلاسىنى قوللىنىشنى ئەكس ئەتتۇرۈپ بېرىدۇ: بۇنىڭدا تېما تاللاشتا ئەتراپلىق بولۇش، نام بېرىشتە نۇقتىنى كۆرۈش، ئۇقۇم جەھەتتە غەلىتە نەرسىلەر خارەكتېرى بولۇش، تەنقىد سۆزى قۇلاققا خوشياقماسلىق، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئامىللار بىرلىككە كەلگەن ئاساستا چاقماق شەكىلدىكى سۈرئەت بىلەن چوقۇم تېزلىكنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك، مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا ھازىرقى كۈندىكى شۇ چاغ تەنقىتى تۈۋەندىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرگە قارىتا قاتتىق سىر ساقلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بولمايدۇ.



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار