ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • بلوگدا ھازىرقى زىيارەت سانىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بلوگىڭىزنى ھازىر نەچچە ئادەمنىڭ كۆرىۋاتقانلىقىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟ بلوگىڭىزدا «كۆرىۋاتقانلار: xxx نەپەر» دىگەن ئۇچۇرنىڭ چىقىپ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلامسىز؟ ئەمىسە تۆۋەندىكى تېمىنى ئوقۇپ بېقىڭ.

    خەتكۈچ:
  • دوستلارنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن بىلىك، ئىنتىل، شەبنەم، دىيارىم، ئىزدىنىش قاتارلىق 5 تور بېكەتتىكى يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتىش كودى تەمىنلەندى. بۇلارنى 自定义HTML نىڭ ئىچىگە قويساق بولىدۇ.

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • ئۇزۇندىن بۇيان بلوگىمدىكى تېمىلارنىڭ ماۋزۇسىنىڭ خېتى مەزمۇنىنىڭ خېتىدىن كىچىك كۆرۈنۈپ قېلىپ، كۆزۈمگە تازا سىغمايۋاتاتتى. بۈگۈن زادى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • بلوگنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بلوگىڭىزنىڭ تەگلىكىنىڭ رەڭگى سىزگە يارامدۇ؟ ئەگەر يارىمىغان بولسا، ئۆزىڭىزگە يارىغان رەڭگە ئۆزگەرتىۋېلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مەن بۈگۈن بلوگىمنىڭ تەگلىكىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ باقتىم. ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتۈم:

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • 雅虎统计 نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت قىلىنىش تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلگىڭىز بامۇ؟ مەسىلەن: بلوگىڭىزنىڭ بۈگۈنكى ياكى تۈنۈگۈنكى ۋە ياكى مەلۇم بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدىكى زىيارەت سانى قانچە؟ زىيارەتچىلەرنىڭ IP نومۇرى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى قايسى؟ زىيارەت قىلغۇچىلار بلوگىڭىزنى بىۋاستە زىيارەت قىلدىمۇ ياكى باشقا تور بەتلەردىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق كىرىپ زىيارەت قىلدىمۇ؟ ............ قاتارلىقلار. 雅虎统计 سىزگە تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت قىلىنىش ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلاپ بېرەلەيدۇ.

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندىن بۇيان تەكلىماكان ئەپەندى ۋە ئارامگاھ ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ خالىسانە باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بلوگ قىزغىنلىقى كۆتىرىلدى. ماڭا ئوخشاش پروگرامما تىلى ۋە كود دىگەندەكلەردىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەرمۇ تىرىشىپ تىرمىشىپ يۈرۈپ، ئۇيغۇرچە بلوگ قۇرىۋالدۇق ۋە ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆز خاسلىقىمىزنى نامايەن قىلىشقا كىرىشتۇق.

    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭ «تارىم بلوگى» نى قۇرۇپ چىقىشىمغا يول كۆرسەتكەن، ياردەملەشكەن ۋە قىزغىن قوللىغان  تەكلىماكان، ئارامگاھ، يوليار، يۈكسەل، سەھرا، دۆلەتباغ..... قاتارلىق بلوگلارغا، بلوگىمنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىۋاتقان دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

    خەتكۈچ:چۈشۈرۈش