ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • بلوگدا بەتنىڭ ئۈستى تەرىپىگە تىزىملىك قوشۇش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

     

     

    بلوگدا بەتنىڭ ئۈستى تەرىپىگە تىزىملىك قوشۇش ئۇسۇلى

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندىن بۇيان تەكلىماكان ئەپەندى ۋە ئارامگاھ ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ خالىسانە باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بلوگ قىزغىنلىقى كۆتىرىلدى. ماڭا ئوخشاش پروگرامما تىلى ۋە كود دىگەندەكلەردىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەرمۇ تىرىشىپ تىرمىشىپ يۈرۈپ، ئۇيغۇرچە بلوگ قۇرىۋالدۇق ۋە ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆز خاسلىقىمىزنى نامايەن قىلىشقا كىرىشتۇق.

    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭ «تارىم بلوگى» نى قۇرۇپ چىقىشىمغا يول كۆرسەتكەن، ياردەملەشكەن ۋە قىزغىن قوللىغان  تەكلىماكان، ئارامگاھ، يوليار، يۈكسەل، سەھرا، دۆلەتباغ..... قاتارلىق بلوگلارغا، بلوگىمنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىۋاتقان دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

    بلوگدا بەتنىڭ ئۈستى تەرىپىگە تىزىملىك قوشۇش ئۇسۇلى ھەققىدە ئارامگاھ ئەپەندى ئۆز بلوگىدا خېلى تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى تورداشلار بۇنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىگەنلىكىنى ياكى تەۋەككۈل قىلىپ بلوگىنىڭ ئۇسلۇبىنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بايان قىلىشتى. شۇڭا مەن ئارامگاھ ئەپەندىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆزۈمنىڭ بلوگىغا تىزىملىك قوشۇش جەريانىنى سۈرەتلىك دەرسلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم. بلوگخۇمار دوستلارغا ئاز تولا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. دەرسلىكتە خاتا كەتكەن جايلار بولسا، دوستلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    دەرسلىك مۇقىم بوشلۇققا قايتا يوللاندى.

    تۆۋەندىكى بەتكە كىرىپ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ:

    http://www.qupan.com/tarim68@126.com/37792.html


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:چۈشۈرۈش
  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • ئادىشىم ..ما خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ..رەڭگىنى قانداق ئۆزگەرتىدىكەنمىز؟ بىلسەڭلا دەۋېتىڭلا ئۇنداق قىلماي ھى ھى ........
      تارىم回复ئاجايىپ说:
      قايسى خەتنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقىنىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىمغۇ. سىز يازغان ئىنكاس ۋە مەن قايتۇرغان جاۋاپتىكى خەتنى داۋاتمايدىغانسىز؟ سۇئالنى تەپسىلىيراق بايان قىلسىڭىز ئاندىن جاۋاپ بېرەيمىكىن.
      2008-12-03 15:39:11
    • .
      ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندىم :

      مەن سىزنىڭ بۇ <<بلوگدا بەتنىڭ ئۈستى تەرىپىگە تىزىملىك قوشۇش ئۇسۇلى >> دىگەن دەرسىڭىزگە بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم ، ئۇ دەرىسلىكنى چۈشۈرەي دىسەم چ چ بوشلۇققا قۇيۇپتىكەنسىز ، چۈشمىدى . مۇمكىن بولسا مۇقۇم بوشلۇققا يوللاپ قويسىڭىز . رەخمەت
      مەنمۇ بىر بىلوگ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم ، بۇجەھەتتىكى بىلىمىم كەمچىل ،ۋاقتىڭىز بولسا مىنىڭ مەھەللەمنىمۇ زىيارەت قىلىپ تەكلىپ پىكىر بىرەرسىز .
      تارىم回复ئۇزۇق说:
      ھازىر مۇقىم بوشلۇققا قايتا يوللاپ قويدۇم. تېمىدا كۆرسىتىلگەن ئادرىسقا كىرىپ، چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
      2008-08-11 20:53:58
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.