بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • بۇگۇن تېڭشۈن تورىدا، دۆلىتىمىزنىڭ پىنسىيىگە چىقىش يېشىنى تەڭشەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بىرماقالە ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇئارقىلىق مەن ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلغان « دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھىسابىدا 13 تىرلىيون يۇەن قۇرۇق ھىساب باركەن» http://www.blogbus.com/tanhaburkut-logs/69340101.html دىگەن ماقالدە ئېيتىلغىنىدەك، بۇ قۇرۇق ھىسابنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پىنسىيىگە چىقىش يېشىنى تەڭشەشنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ، توردا بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنكاس ناھايىتى كۈچلۈك بۇلۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر قارشى تۇرۇپتۇ،