بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • دۆلىتىمىز ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھېساباتىدىكى قىزىل رەقەم 13 تىر لىيون يۇەن ئىكەن - [ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى]

    2010/07/15

    دۆلىتىمىز ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھېساباتىدىكى قىزىل رەقەم 13 تىر لىيون يۇەن ئىكەن

    تېڭشۇن خەۋىرى (2010-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى)

    بىر ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ھۈكۈمەت ئەمەلدارى، قىزل رەمدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدى، ئەگەر جوڭگۇدا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا قىزىل رەقەم كۈرۈلسە، دۆلەت تۇلۇقلايدۇ، شەخسىي ھېساباتتىكى مەبلەغ گەرچە ھازىرقى كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ ئىناۋىتى ئارقا تىرەك، سۇغۇرتىلانغۇچىلار ھۇقۇقىنىڭ زىيانغا ئۇچىرشىدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىدى.

    گېزىتىمىز خەۋىرى ( مۇخبىر ياڭ خۇا يۈن ) جوڭگۇنىڭ كۈتۈنۈش سۈغۈرتىسى ھېساباتىدىكى  « قۇرۇق ھېساب» تەخمىينەن 13 تىليون يۇەن بۇلۇپ؛ 2004 –يىلى بۇ سان 7 تىليون 400 مىليارىد. بۇنى جوڭگۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەتقىقات ئورنى دۇنيا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېن بىڭ ۋېن تۆنۈگۈن جوڭگۇ ۋە لاتىن ئامىرىكىسى كۈتۈنۈش سۇغۇرىسى تۈزىمى خەلقئارا مۇزاكىرە يىغىنىدا ئاشكارلىغان.

    مۇتەخەسىسىلەر لاتىن ئامىرىكىسدىن ئۆگىنىپ مۇۋافىقىيەت قازانالمىدۇق دىدى.

    « لاتىن ئامىرىكىسىغا سېلىش تۇرغاندا، جوڭگۇنىڭ تۈزىمى مۇۋافىقيەتلىك بولمىدى» . جېن بىڭ ۋېن 13 تىرلىيون ‹ قۇرۇق ھىساب› بولسا جوڭگۇنىڭ لاتىن ئامىرىكىسدىن ئۆگىنىپ مۇۋافىقىيەت قازىنالمىغانقلىنىڭ ئىپادىسى دىدى، ھەم تەھلىل قىلىپ لاتىن ئامىرىكسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزىمىنى پاي سېتىۋېلىش شەكلىگە ئۆزگەرتىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزىمىنى تەننەرىخكە ئۆزگەر تىشنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلدى، بىراق جوڭگۇدا بۇ مەسىلە ئۇدا ھەل بولماي كىلىۋاتىدۇ.

    « تۇلۇق يىغىپ ھىسابلاش شەكلى ئەڭ ياخشى بۇلىشى ناتايىن»

    30 يىل ئىلگىرى،چىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ياشانغانداكۈتۈش شەخسىي ھىسابات تۈزۈمىنى قوللانغان بۇلۇپ، فوندىنىڭ كاپىتال شەكلىدە ئايلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇررۇپ، ياشانغانداكۈتۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ پايدىسىنى 12%كە يەتكۈزگەن. چىلىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە، جوڭگۇ دەسلەپكى قەدەمدە فوندى بىلەن ھىسابات بىرلەشتۈرۈلگەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەكلىنى بەرپا قىلدى. بىراق جېن بىڭ ۋېن ئۇدۇللا جوڭگۇ شەخىسىي ھىسابات شەكلىنى قوللىنىپ ئۇتۇق قازىنالمىدى، شەخىسىي ھىسابات جانلىق ئىقتىدارىنى يوقتىپ قويدى دېدى.

    يۇقارقى ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئەمەلدارنىڭ قارىشىچە، جوڭگۇ ئىقدىسادىنىڭ يۇقىر سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىرگە، جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققى تىز ئۆسىسە، بۇ  ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغى پايدىسىنىڭ  ئوتتۇرچە ئىش ھەققىدىن يۇقىرى بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بولسا ئېھتىمال مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، جوڭگۇ ئىقدىسادىنىڭ يۇقىر سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان شارائىتتا،  تۇلۇق يىغىپ ھىسابلاش شەكلى ئەڭ ياخشى بۇلىشى ناتايىن.

    ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مال باسىغا يىتىشەلمىدى. ئۆتكەنكى 9 يىلدا ھەر يىلى نەچچە ئون مىليارد زىيان بولدى، شۇڭا دەرھال بىر چارىنى ئوتتۇرغا چىقارمىسا بولمايدۇ.

    ماقالىنىڭ ئەسلىي ئادىرىسى: http://news.qq.com/a/20100714/001382.htm

     

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ