بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىدارەم ئىجتىمائي سۇغۇرتامنى تۆلەشنى رەت قىلدى قانداق قىلىمەن؟ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2010/07/12

    ئىدارەم ئىجتىمائي سۇغۇرتامنى تۆلەشنى رەت قىلدى قانداق قىلىمەن؟

    سۇئال: مەن بىر ئىدارىدە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن، ھازىر مىنى ئىشتىن بوشاتتى، بىراق ئىدارە مىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتامنى تۆلەشنى رەت قىلىپ ئۆزەڭ تۆلەيسەن داپ تۇرىۋالدى قانداق قىلىمەن.

    جاۋاپ: ئەھۋال سىز ئېيتقاندەك بولسا، سىز ئىدارىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئەمگەك كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئەمگەك كاپالەت مەمۇرى تەپتىش ئەتىرتىگە دىلو مەلۇم قىلىڭ، ئولار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئىدارە تۆلەشكە تىگىشلىك قىسمىنى مەجبۇرىي تۆلەتكۈزۈپ بېرىدۇ، سىز ئۆزىڭىز تۆلەشكە تىگىشلىك قىسمىنى ئۆزىڭىز تۆلەيسىز، كىچىكىپ تاپشۇرغانلىقتىن كىلىپ چىققان جەرىمانىسىنى ئىدارە ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ خىل ئەرىزلەرگە سىزدىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، ئەمگەك كاپالەت مەمۇرى تەپتىش ئەتىرتى دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن باشلاپ 60كۈن ئىچىدە بىرتەرەپ قىلىش جاۋابىنى بېرىدۇ، مۇرەككەپ دېلو بولسا 30 كۈن ئۇزارىتسا بۇلىدۇ، ئىككى يىلغىچە ئەرىز قىلمىسىڭىز ھۇقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلەر قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

    分享到:
    خەتكۈچ:

    评论

  • سۇغۇرتا ئىشى توغۇرلۇقتى،لىكن ئىنكاس رامكىسىغا كۆپ خەت يازغىلى بولمايدىكەن،تەپسىلىيرەك دىمىسەم سىزمۇ ئاسان چۈشىنەلەيتىڭىز،
    wulkan回复بارخان说:
    دادام 1978- يىلىدن باشلاپ يېزىنىڭ كىنوخانىسىدا ئىشلىگەن، 2000-يىلى كىنو قۇيۇش ئىشلىرى توختىغاندىن كىيىن، كىنو گورۇپپىسىدىكى ياشلار قايتىدىن ئىشقا ئورۇنلاش تۇرۇلدى، لىكىن دادام 60 ياشقا يېقىنلاپ قالغاچقا قايتىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولماي ئىشسىز قالدى، ئەينى چاغدا كىنو گورپپىسى ئۆز خىراجىتىنى ئۆزى قىلغاندىن باشقا،ھەر يىلىدا يېزىغا پايدا تاپشۇرۇپ كەلگەن، لېكىن يېزىلىق ھۈكۈمەت ئۇلار ئۈچۈن سۇغۇرتا تاپشۇرمىغان، شۇ سەۋەبتىن دادامغا سۇغۇرتا پۇلىمۇ كەلمىدى، ئۇ ناھىيەگە ئەھۋال ئېيتىپ كىرگەندىن كىيىن، ناھىيىدىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە دادامنىڭ تاپشۇرۇلمىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ ھەممىنى يوللاپ تۇلۇق تاپشۇرۇشنى، دادام ئۆزى تۆلەشكە تىگىشلىك قىسمىنى دادام ئۆزى تۆلەپ تاپشۇرۇشنى، شۇ ئارقىلىق دادامنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بۇيرىدى. لىكىن يېزىلىق ھۆكۈمەت يېزا مالىيىسىدە پۇل يوق دەپ تاپشۇرغىلى ئۇنىمىدى، دادام ناھىيىگە كىرىۋەرگەندىن كىيىن، ئۇلار ئاخىرى ئەسلىدىكى يېزىلىق كىنوخانا ئەتىرتىدىكىلەر سالغان دۇكاندىن ئىككىنى بېرىپ، شۇ ئارقىلىق تۇرمىشىنى قامداشقا بۇيرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن دادام شۇ دۇكانلارنىڭ ئازغىنە بولسىمۇ ئىجارە پۇلىغا تاينىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەنتى، ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا دادامنىڭ يىلدا قىش پەسلىدە قوزغۇلىدىغان ئۆپكە كېسىلى قوزغۇلۇپ قېلىپ، يۇقىرلاپ داۋالىتىشقا پۇلىمىز بولمىغاچقا ۋاپات بولدى. شۇنىڭدىن كىيىن دۇكاننىڭ ئىگىدارلىق ھۇقۇقى ماڭا قالدى، مەن بىر يىلدىن بۇيان شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەلگەن ئىدىم ، لىكىن يېقىندا يېزىلىق ھۈكۈمەت مەندىن، نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنكاندىن پايدىلىپ بولدۇڭ دەپ دۇكاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، مەن مۇشۇ توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم، مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
    جاۋاب:« ئەمگەك قانۇن» نىڭ 2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جمھۇرىيىتى دتەۋەسىدىكى كارخانىلار، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.
    72-ماددا 2- تارمىقىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى قانۇن بويىچە ئىجتىمئاىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇشى شەرت. دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنداق بولغاندا دادىڭىزغا 1993- يىلىدىن باشلاپ سۇغۇرتا پۇلىنى تۇلۇقلاپ تاپشۇرشى كېرەك ( دۆلىتىمىز دە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا 1993- يىلىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ، دۆلەت كارخانللىرىدىكى شىتاتلىق خادىملارغا 1993- يىلىدىن بۇرۇنقىسىنى تۆلىدى دەپ قاراپ خىزمەت سىتاژى قۇشۇپ ھىسابلىنىدۇ، كوللىكتىپ كارخانىلار كوللىكتىپنىڭ مەبلىغىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلۇپ، پايدا –زىيىنىغا كولىلكتىپ مەسئۇل بولىدىغان بولغاچقا، كوللىكتىپ كارخانىلاردىكى خادىملارغا قارتا ئەمەلىي تۆلىگەن سۇغۇرتىسا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ) ئىدى ، بىراق يېزىلىق كىنوخانىدىن تۆلىمگەن، كىنو خانا ۋەيران بولغان بولسا « كارخانلارنىڭ ۋەيران بۇلۇش قانۇنى» 113- ماددىسى بويىچە ئالدى بىلەن كىنۇخانىنىڭ ۋايران بۇلۇش پۇلىدىن داداڭىزنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بۇلاتتى، ئەگەر تۈزۈم ئۆزگەرتىكەن بولسا قايتۇرۋالغۇچى ياكى سېتىۋالغۇچى ئورۇندىن تەلەپ قىلاتتىڭىز، لىكىن سىز ھۇقىڭىزدىن ۋاز كىچىپسىز، ھەم داداڭىز ۋاپات بۇلۇپتۇ دىمەك داۋا سۇبۇكتى يوق شۇڭا قايتا تەلەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ.
    دۇكاننىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك؛ شۇ دۇكاننى داداڭىزنىڭ سۇغۇرتىسىغا ھىسابلاپ بېرىپتۇ، لىكىن بۇنى ۋاقىتلىق پايدىلىنىپ تۇرۇشقا بەرگەنمۇ ياكى ئىگدارلىق ھۇقۇقىنى دادىڭىزا ئۆتىنىپ بەرگەنمۇ؟ ئەگەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىپ تۇرۇشقا بەرگەن بولسا، دادىڭىز ۋاپات بولغاندىن كىيىن دۇكاننى ئەسلىي ئېگىسىگە قايتۇرشىڭىز كېرەك، دادىڭىزنىڭ سۇغۇرتىسا ھىسابلاپ ئېگدارلىق ھۇقۇقىنى ئۆتىنىپ بەرگەن بولسا سىز«ھەق –تەلەپ قانۇنى» ۋە « مىراس قانۇنى» بويىچە دەۋاملىق ۋارىسلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىرى بۇ يېزىلىق كىنۇخانا زادى قانداق خاراكتىردىكى كارخانا؟ كوللىكتىپ ئىگدارلىقىدىكىمۇ ياكى يېزا- بازار ئىگىدارلىقىدىكىمۇ؟، ئەگەر كولىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى كارخانا بولسا دۇكاننى قايتۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلىش ھۇقۇقى يېزىلىق ھۆكۈمەتتە بولمايدۇ بەلكى شۇ كارخاننى قۇرغان كوللىكتىپتا بولىدۇ، يېزىلىق ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە ئۆتكۈزىۋالغان بولسا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەلەپ قىلىش ھۇقۇقى بولىدۇ.
    ھازىرچە بېرىدىغان مەسلىھەتىم مۇشۇ، سىزمۇ ئىزدىنىپ بېقىڭ، يەنە ئۇچىرغان مەسىللەر بولسا سورسىڭىز بولىدۇ.
    2011-01-31 16:16:03
  • مەن سىزدىن بىر ئىش توغۇرلۇق مەسلەھەت سوراي دىگەنتىم،چ چ نۇمۇرۇمنى قوشۋالسىڭىز 293514613
    wulkan回复بارخان说:
    قانداق مەسىلىھەت سورايسىز، قېنى سوراڭ.
    2011-01-31 13:32:39
  • دەىدىددىنزدنىزدا
1056551709QQ