بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشتا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار - [ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش]

    2010/07/15

    ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشتا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

     

    بېجىرىدىغان ئورۇن: ھەرقايسى ۋىلايەتلىك ( ئوبلاسىتلىق ) ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ( ئادەم بايلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ) ئىدارىسى.

    تىلىفۇن نۇمىرى: 118114 ياكى 12333 نۇمۇر ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىڭىز بۇلىدۇ.

    بېجىرىش مۇددىتى: ئەمگەك ئىتىدارىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنىدىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش نەتىنجىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ، زۈرۈر بولغاندا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش نەتىنجىسىنىڭ مۇددىتىنى 30 كۈن ئۇزارىتسا بۇلىدۇ.

    قانۇن، سىياسەت ئاساسى: « ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامنامىسى» گوۋۇيۇەننىڭ 375- نۇمۇرلۇق پەرمانى، « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يولغا قۇيۇش ۋاقىتلىق چارىسى» ش ئە ئى خ [2007] 126- نۇمۇرلۇق ھۆججەت قاتارلىق ھۆججەتنىڭ روھى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

    ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش باھالاش ئىلتىماسىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش تەرتىۋى: ئىش ئۈستىدە يارلانغان ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلغان خادىملار بىرنچىدىن، يارلانغان خادىملار داۋالىنىش ئارقىلىق يارلىنىش ئەھۋالى نىسبىي مۇقملاشقاندىن كىيىن (بەدىندىكى ئەزالارغا  مۇقىملاشتۇرش سايمىنىنى ئېلىۋېتىش لازىم، مەڭگۈلۈك ئورنىتىلغان سايمانلار بۇنىڭ سىرتىدا) يارلىنىشى ئەمگەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇلىشى لازىم. ئىككىنچدىن، ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىپ بەرگەن « ئىش ئۈستىدە يارلىنىشىنى بېكىتىش ئۇقتۇرىشى»، تەكشۈرۈلىدىغان خادىملارنىڭ كىمكىنىڭ كۆپەيىتلمىسى، دەسلەپكى دېئاگىنوز ئىسپاتنامىسى، بالنىستا يېتىپ داۋالانغاندا تەمىنلەشكە تېگىشلىك بالنىستا يېتىش ئىسپاتنامىسى، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ماتىرياللار. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىش ئۈستىدە يارلانمىغان بولسا ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان خادىم بولسا تەكشۈرۈلگۈچى خادىملارنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيىتمە نۇسخسى، مۇناسىۋەتلىك بالنىستا يېتىش كېسەللىك تارىخي ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) باھالايدىغان خادىملارنى دەرىجىگە ئايرىشى، تىزىملىشى، رويخەتكە ئېلىشى ھەمدە ھەممىنى بىرلەشتۈرۈپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتىتى ئىشخانىسىغا بېجرىپ بىرىشكە ئىلتىماس قىلىش لازىم.

    ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى يوللاش ۋاقتى ۋە يوللاش تەرتىۋى: ھەرقايسى ۋىلايەتلەر ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ، يەنى جۈپ ئايلاردا ( بەزى ۋىلايەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن)، ۋىلايەتكە بىۋاستە قاراشلىق ھەرقايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورگانلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشلىرىنى بېجرىدىغان خادىملار ياكى ئىش ئۈستىدە يارلانغان خادىملارنىڭ ئۆزى ھەر جۈپ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتتا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ، بىر سوڭلۇق رەسىمدىن بىرقانچە پارچە ئېلىپ كىلىپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتىتغا تاپشۇرىشى لازىم. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەنلىرى بىردەك قۇبۇل قىلنمايدۇ.   

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ