بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاختى - [ئىش ۋاقتى]

    2010/07/16

    ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاختى

     

    ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاختى ‹ ئەمگەك قانۇنى› ،‹ ئەمگەك توختام قانۇنى› ۋە ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ ( 2008) 3- نۇمۇرلۇق ھۆججىتى بويىچە تۆۋەندىكىدەك بۇلىدۇ:

    1›كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتىىنڭ ھىسابلىنىشى

    يىللىق خىزمەت كۈنى: 365 كۈن – ( ئارام ئېلىش كۈنى) 104 كۈن – (قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنلىرى) 11 كۈن= 250 كۈن.

    پەسىللىك خىزمەت كۈنى: 250 كۈن ÷ 4 پەسىل = 62.5 كۈن.

    ئايلىق خىزمەت كۈنى: 250 كۈن ÷ 12 ئاي = 20.83 كۈن

    2› سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىنىڭ ھىسابلىنىشى

    ھەپتىلىك، ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق خىزمەت كۈننىڭ كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتى 8 سائەت

    كۈندىلىك ئىش ھەققى= ئايلىق ئىش ھەققى ÷ ئايلىق ئىش ھەققى ھىسابلىنىدىغان كۈن سانى.

    سائەتلىك ئىش ھەققى= ئايلىق ئىش ھەققى ÷ ( ئايلىق ئىش ھەققى ھىسابلىنىدىغان كۈن سانى × 8 سائەت ).

    ئايلىق ئىش ھەققى ھىسابلىنىدىغان كۈن سانى= ( 365 كۈن- 104كۈن) ÷ 12 ئاي= 21.75 كۈن.

    ئىزاھات:

     بىر يىل 365 كۈن، 52 ھەپتە ، ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن ئارام ئېلىش كۈنى جەمئىي 104 كۈن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت – بايرام 11 كۈن. 

     

    分享到:
    خەتكۈچ:

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ ئۇچۇرىڭىزنىتولۇق كۆرۈپ چىقتىم ،يەنە داۋاملىق مۇۇشنداق پايدىلىق ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇراسىز.
    wulkan回复ئەتتىرگۈل说:
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بولىدۇ داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن.
    2010-07-16 16:03:44
1056551709QQ