-
فىرانىسىيىدە 62 ياشتا پىنسىيىگە چىقىدىكەن - [ئۇچۇرلار]
2010/07/19
فىرانىسىيىدە 62 ياشتا پىنسىيىگە چىقىدىكەن
فىرانسىيە ئىچكى كابىنىتى 13 چىسلا پىنسىيىگە چىقىش تۈزىمى توغرىسىدىكى قانۇن لايھىسىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭدا پىنسىيىگە چىقىش يېشى 60 ياشتىن تەدىرىجىىي 62 ياشقا ئۇزارتىلدىكەن.
ئاخباراتتا پىنسىيە تۈزۈم ئىسلاھاتى تەرتىپ بويىچە تەدىرىجىي ئىلگىرلەش ۋە ئادىللىق پىرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ دىيىلدى. پىنسىيىگە چىقىش يېشى ھەريىلى 4 ئايدىن ئۈزارتىلىپ، ھازىردىن باشلاپ 2018- يىلىغىچە 60 ياشتىن 62 ياشقا ئۇزارتىلىدۇ. شۇنداقلا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش يىلى چەكلىمىسى 2013 يىلىغا بارغاندا 41 يىلغا كۆتىرىلىدۇ، ئاممىۋى تارماقلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش نىسبىتى 10 يىل ئىچىدە 7.85% دىن 10.55% كە يەتكۈزۈلۈپ، شەخسىي تارماقلار بىلەن تەڭلەشتۈرۈلىدۇ.
