بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  •   -يىلى 30 – دېكابىر ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ‹‹ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى ئېلان قىلدى. يىغىندىن ئىگىلىشىمچە، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون ئون چوڭ سىياسەت قوللىنىپ، 2009 – يىلىدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە 2010– يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن 280 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.