-
2011-يىلىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى 10 چوڭ سىياسەت - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2011/02/01
-يىلى 30 – دېكابىر ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ‹‹ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى ئېلان قىلدى. يىغىندىن ئىگىلىشىمچە، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون ئون چوڭ سىياسەت قوللىنىپ، 2009 – يىلىدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە 2010– يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن 280 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.