-
فىرانسىيىدە 2 مىليون ئادەم پېنسىيىگە چىقىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى - [ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار]
2010/09/08
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان پېنسىيىگە چىقىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا لايىھەسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن فىرانسىيىدىكى چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى 7-سېنتەبىر دۆلەت ئىلىكىدىكى ئورۇنلاردىكى خادىملارنى مەملىكەت بويىچە ئىش تاشلاشقا ھەم كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا تەشكىللىدى. «فىرانسىيىدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ نامايىش» دەپ ئاتالغان بۇ نامايىشقا فىرانسىيىدىكى تۆتتىن بىر قىسىم دۆلەت مەمۇرى ئاۋاز قوشۇپ، ساركوزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى ۋە بۇ ئىسلاھات لايىھەسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.