-
فىرانسىيىدە 2 مىليون ئادەم پېنسىيىگە چىقىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى - [ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار]
2010/09/08
فىرانسىيىدە 2 مىليون ئادەم پېنسىيىگە چىقىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان پېنسىيىگە چىقىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا لايىھەسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن فىرانسىيىدىكى چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى 7-سېنتەبىر دۆلەت ئىلىكىدىكى ئورۇنلاردىكى خادىملارنى مەملىكەت بويىچە ئىش تاشلاشقا ھەم كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا تەشكىللىدى. «فىرانسىيىدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ نامايىش» دەپ ئاتالغان بۇ نامايىشقا فىرانسىيىدىكى تۆتتىن بىر قىسىم دۆلەت مەمۇرى ئاۋاز قوشۇپ، ساركوزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى ۋە بۇ ئىسلاھات لايىھەسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكىلەر: مەملىكەت بويىچە جەمئىي 114 يەردە نامايىش قىلدۇق، كوچىلارغا چىققانلار 2 مىليوندىن ئاشىدۇ، پايتەخت پارىژدىكى ئىش تاشلاش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، قاتناشقۇچىلار 270 مىڭغا يېتىدۇ، دېدى. ئەمما، ساقچى تەرەپنىڭ مۆلچەرىچە، مەملىكەت بويىچە 450 مىڭ ئادەم كوچىلارغا چىقىپ، نامايىش قىلغان.
مەنبە: خەلق تورىئىلگىرى فىرانسىيە پىنسىيە تۈزىمىنى ئىسلاھ قىلىپ 62 ياشتا پىنسىيىگە چىقىشنى بەلگىلىگەن.
http://www.blogbus.com/tanhaburkut-logs/69711903.html
