بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺗﯜرﻛﯜﻣﻠﻪپ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ۋە ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 5 __ 6 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦﺑﯘﻳﺎن دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎش ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﮬﻪرﻛﯩﻢ ﺋﯚزى ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺴلاﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺋﯩﺶ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘرﻏﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻏﺎ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﯜك ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﯚز ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻳﻮل ﺗﯘﺗﯘپ، روﻧﺎق ﺗﯧﭙﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﺮى ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﻛﯚﻧﮕﻪن ﺗﻪﻳﻴﺎرﻏﺎ ﮬﻪﻳﻴﺎرلاردﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﯧﻤﻪﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي ﮔﺎﯕﮕﯩﺮاپ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﺋﯘلاردﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮەك ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪس، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚت ﻛﻮﭼﺎ دوﻗﻤﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﻪﻣﺘﯩﺮەپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺑﺎردەك ﻗﯩﻠﯩﺪۇ: