-
ستۇدېنتلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - بازار ئاھالىسى - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2010/07/09
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگوڭتىڭى ھۆججىتى
ش ھ ب 【2008】224- نومۇرلۇق
ستۇدېنتلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - بازار ئاھالىسى
ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىنىقى دائىرىسىگە
كىرگۈزۈش توغرىسىدا پىكىرئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:
ستۇدېنتلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ستۇدېنتلارنى شەھەر - بازار ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىنىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» (گ ب [2008] 119 - نومۇرلۇق) ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» (گ ب [2007] 63 - نومۇرلۇق) نىڭ ئالاقىدار روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكىچە يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
1. ئاساسىي پرىنسىپ
1) ئاساسىي پرىنسىپ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، ئىختىيارى بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ستۇدېنتلارنى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىنىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ھەمدە كۈندىلىك داۋالاش خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش؛ سۇغۇرتىلانغان ستۇدېنتلارنى تەۋە جاي بويىچە باشقۇرۇش؛ داۋالىنىش كاپالەت مەبلىغىنى توپلاش مېخانىزمى ۋە خىراجەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ، كاپالەت سەۋىيىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
2. سۇغۇرتىلاش دائىرىسى، كاپالەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى، مەبلەغ غەملەش، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش، تەمىنات ۋە چىقىم
2) سۇغۇرتىلاش دائىرىسى. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان ھەمدە ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان تۈرلۈك ئالىي مەكتەپلەر (پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە چوڭلار مائارىپ ئالىي مەكتەپلىرى، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندە بىردەك «ئالىي مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ) دە ئادەتتىكى ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار.
3) كاپالەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى. ستۇدېنتلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ۋە ئامبۇلاتورىيىدە ئېغىر كېسەلنى داۋالىتىش مەسىلىسىنى تەۋە جاي پرىنسىپى بويىچە، مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىم. ستۇدېنتلار شۇ جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ ھەمدە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، تەمىنات سەۋىيىسى شۇ جايدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭكىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە، ستۇدېنتلارنىڭ كۈندىلىك داۋالىنىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا كېسەل كۆرسىتىشىگە قۇلايلىق يارىتىش كېرەك.
ستۇدېنتلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش ئاساسىدا، ئۆزى ئىختىيار قىلىش پرىنسىپى بويىچە، ئۇلارنى سودا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق داۋالىنىش كاپالەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
4) مەبلەغ غەملەش. ستۇدېنتلار شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا، شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش چارىسى يولغا قويۇلىدۇ. شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ستۇدېنتلار شۇ جايدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر ئوقۇغۇچى يىلىغا 20 يۈەندىن تاپشۇرىدۇ. مەركەز مالىيىسى يەرلىككە قاراشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ياردەم پۇل بېرىش چارىسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيىسى ۋە جايلارنىڭ مالىيىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى بويىچە ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ياردەم پۇل بېرىش سىياسىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ياردەم پۇل بېرىدۇ. ستۇدېنتلار تاپشۇرىدىغان ھەقنى پرىنسىپ جەھەتتە ستۇدېنتلار ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۈستىگە ئالىدۇ، شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەر ھەق تاپشۇرۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم پۇل بەرسە بولىدۇ. ستۇدېنتلارنىڭ كۈندىلىك داۋالىنىشىغا كېرەكلىك مەبلىغى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى بويىچە تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ياردەم پۇل بېرىدۇ.
ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ستۇدېنتلارغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇل مەبلىغى ھەر دەرىجىلىك مالىيىنىڭ خام چوتىغا بىر تۇتاش كىرگۈزۈلىدۇ.
سىناق رايونلار تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزلىرى تاپشۇرىدىغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلى ۋە بەلگىلىمە بويىچە شەخسلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك داۋالىنىش ھەققىنى تاپشۇرۇشتا، قىيىنچىلىقى بار ستۇدېنتلارغا داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش تۈزۈمى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي ئىئانە توپلاش قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشى كېرەك.
5) سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش. شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ستۇدېنتلار سىناق رايونلىرىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر سىياسەت - بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى بىلەن شۇ جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتا ئىشلىرى بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ سۇغۇرتىلىنىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ ھەمدە سۇغۇرتا پۇلىنى ۋاقتىدا تولۇق تاپشۇرىدۇ. يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن، مەكتەپ ئالماشقان ياكى مەكتەپتىن چېكىنگەنلەرگە قارىتا، مەكتەپلەر شۇ جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ، ئۇلارنى تولۇقلاپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرتۈش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىشى لازىم.
6) تەمىنات ۋە چىقىم. ستۇدېنتلار ئاساسىي داۋالىنىش بىر تۇتاش فوندى ئاساسلىقى سۇغۇرتىلانغان ستۇدېنتلار دوختۇرخانىدا ياتقان ۋە ئامبۇلاتورىيىدە ئېغىر كېسەل داۋالاتقاندا بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى داۋالىنىش ھەققى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ستۇدېنتلار داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسى بىلەن كېسەل كۆرسىتىدۇ.
(1) سۇغۇرتىلانغان ستۇدېنتلار دوختۇرخانىدا ياتسا ۋە ئامبۇلاتورىيىدە ئېغىر كېسەل داۋالاتسا ئىشلەتكەن دورا، داۋالاش تۈرى، مۇلازىمەت ئەسلىھەسى تۈرى، فوندتىن چىقىم قىلىش ئۆلچىمى، چىقىم قىلىش نىسبىتى ۋە ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى، شۇنداقلا ستۇدېنتلارنىڭ ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىتىدىغان ئېغىر كېسەل تۈرى ۋە دائىرىسى سىناق رايونلىرىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
(2) ستۇدېنتلار دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە ئامبۇلاتورىيىدە ئېغىر كېسەل داۋالىتىش ھەققى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ، باشقا چىقىملارنى تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش ۋە ئىئانە توپلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ.
(3) ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا قىلىشى ۋە قىشلىق - يازلىق تەتىل ئۆتكۈزۈش، كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئېلىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن مەكتەپتە بولماي، باشقا جايدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، شۇ جايدىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالانسا بولىدۇ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا كەتكەن ھەقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن قىسمى ستۇدېنتلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە ئامبۇلاتورىيىدە ئېغىر كېسەل داۋالىتىش بىر تۇتاش فوندتىن بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ؛ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ باشقا جايغا يۆتكەپ داۋالىتىشقا توغرا كەلگەن ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە يۆتكىلىپ داۋالىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلەرنىڭ باشقا جايدىكى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش مەزگىلىدە كەتكەن داۋالىنىش ھەققى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، بىر تۇتاش غەملەمگەن فوندتىن بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ.
ستۇدېنتلار باشقا جايدا داۋالانسا ۋە باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالانسا، داۋالىنىش ھەققى سىناق رايونلىرىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
3. مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش
7) تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش. سىناق رايونلىرى ھازىرقى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كەسپىي تېخنىكا تەشكىلاتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە مۇلازىمەت باشقۇرۇش كەسپىي تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ستۇدېنتلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش، تەمىنات بويىچە چىقىم قىلىشقا دائىر تۈرلۈك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
8) فوندنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش. ستۇدېنتلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە ئامبۇلاتورىيىدە ئېغىر كېسەل داۋالىتىش بىر تۇتاش فوندى سىناق رايونلىرىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى مالىيە مەخسۇس سچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ. سىناق رايونلار ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى باشقۇرۇشتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مالىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش فوندىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، فوندنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
9) مۇلازىمەت قىلىش. سۇغۇرتىلانغان ستۇدېنتلار بەلگىلەنگەن نۇقتىدا داۋالىنىدۇ. ستۇدېنتلارنىڭ داۋالىنىشىغا قۇلايلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، سىناق رايونلىرىنىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى شۇ جايدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئالىي مەكتەپلەرگە قاراشلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئالدىن سۇغۇرتىلانغان ستۇدېنتلار داۋالىنىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىشى لازىم. شەرتى ھازىرلانمىغان ۋە داۋالاش ئاپپاراتى يوق ئالىي مەكتەپلەر يېقىن ئەتراپتىكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى ياكى مەھەللە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەكتەپتىكى ستۇدېنتلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالىي مەكتەپتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ستۇدېنتلارنى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيىدە داۋالاش جەھەتتىكى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشى لازىم.
4. تەشكىلىي رەھبەرلىك
10) تەشكىلىي رەھبەرلىك. شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىنىقى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ستۇدېنتلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىشقا ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇشقا تولۇق، ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ.
11) مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، تەرەققىيات - ئىسلاھات، مالىيە، سەھىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش، خەلق ئىشلىرى، يېمەكلىك - دورا نازارەتچىلىكى ۋە مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئەتراپلىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ، ھەق تاپشۇرۇش ۋە مالىيە مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ستۇدېنتلارنىڭ داۋالىنىش ھەققى ۋە داۋالىنىشىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. مائارىپ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ماسلاشتۇرۇپ، مەكتەپتىكى ستۇدېنتلارنى سۇغۇرتىلاشنى تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ستۇدېنتلارنى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ستۇدېنتلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ۋە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.
شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىنىقىنى قانات يايدۇرغان جايلار بۇ پىكىرگە ئاساسەن، ستۇدېنتلارنى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىستېمىسىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ستۇدېنتلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە ئامبۇلاتورىيىدە ئېغىر كېسەل داۋالىتىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، شۇنداقلا ستۇدېنتلارنى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيىدە داۋالاش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىشى؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىنىقىنى ئېلىپ بارمىغان جايلار ھازىرقى چارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ستۇدېنتلارنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى، سىناق دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ستۇدېنتلارنى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا دائىرىسىگە تەدرىجىي كىرگۈزۈشى لازىم.
سىناق رايونلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ستۇدېنتلارنى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى لازىم. سىناق رايونلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ستۇدېنتلارنى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە قەدەمنى تېزلىتىپ، مۇۋاپىق كاپالەت سەۋىيىسىنى بېكىتىپ، ستۇدېنتلارنىڭ داۋالىنىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ستۇدېنتلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
12) بۇ پىكىر 2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.2008 - يىل 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى
关于将大学生纳入自治区城镇居民基本医疗保险试点的实施意见يوللانغان ۋاقتى:(2009-01-24)
