بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئۇيغۇر كەشپىياتچى ئالىمجان توغرىسىدىكى مەلۇماتلار - [ئۇچۇرلار]

    2010/07/07

     

    ئالىمجاننىڭ كەشپىياتلىرى ھەققىدە

    1. ھاۋانى بىردىنبىر ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىپ ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر

    بۇ ماتۇرغا ھاۋا ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىنىدۇ. سىلىقلاش مېيى(جىيۇ) دىن باشقا ھەر قانداق نېفىت ماتىرىيالى (بىنزىن ياكى سەلەركە)ئىشلىتىلمەيدۇ. ئۇنىڭ مۇھىت بۇلغاش نىسبىتى - مۇتەخىخەسىسلەر ۋە دۇنيا ئالىملىرى تەرپىدىن « % 0 » (دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسىى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن ، ھەم 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دۇنيا پەن تېخنىكا كومتىتىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان) دەپ ئېلان قىلىندى. ماتۇر ئىچىدە كۆيۈش ھادىسىسى بولمىغاچقا ئۇنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بىرىش ئېغىزىدىن ساپ ھاۋا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئات كۈچى ئادەتتىكىدىن (بىنزىن ياكى سەلەركە يېقىلغۇ قىلغاندىكىدىن) نەچچە ھەسسە ئارتۇق. بۇ ماتۇرنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئېنىرگىيەگە ئېرىشىش خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە مۇھىت بۇلغۇنۇش سەۋەبىدىن كىلىدىغان تۈرلىك خەۋىپ - خەتەرلەر ئەندىشىسىنىمۇ پۈتۈنلەي يوقاتتى. 6 -ئاينىڭ 25 - كۈنى دۇنيا پەن تېخنىكا كومتىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يىغىنىدا كومتىت ئىجرائىيە ئەمەلدارى لوس جىبران ئالىمجاننىڭ بۇ كەشپىياتىغا « ئىنسانلار ھازىرغىچە بايقىغان ئەڭ ياخشى پەن تېخنىكا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ يۇقۇرى باھا بەردى ۋە مۇنداق دېدى:
    (
    مەنبە:www.yahoo.com www.bolg.sohu.com/n/vw/2831072) : «جۇڭگۇلۇق ئويغۇر يىگىتى ئالمجان قالتىس ماھارەت بىلەن ھاۋا ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان ماتۇرنى ياساپ، دۇنيادا قىس بولىۋاتقان ئېنىرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئالىمجاننى ئېينىشتىيىندىن كىيىنكى كاللىسى ئىشلەيدىغان ئىككىنچى ئېينىتىيىن دەپ قاراشقا بولىدۇ».

    2.سۇ كۈچى ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان مەڭگۈلىك دىۋگاتىل

    بۇ سۇكۈچىدىن پايدىلىنىپ ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر بولۇپ ئۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا تولىمۇ باب ىلىدۇ. مەلۇم بىر ئورۇنغا قاچىلىۋالغان مەلۇم مىقداردىكى سۇ مەلۇم تېخنىكا بىلەن ئۆزلىكىدىن يۇقۇرىغا چىقىپ، تۆۋەنگە چۈشۈشتە نۇرغۇن ئىش ئىشلەپ ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە پاكىزە مۇھىت بەرپا قىلىشقا ئاساس سالىدۇ. ئەگەر بۇ ماتۇرنىڭ قۇرۇلمىسى ماس نىسبەتتە چوڭايتىلسا ئۇنىڭ كۈچى ۋە ئىشلىگەن ئۈنىمىمۇ ماس ھالدا ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئېنىرگىيە مەنبەسى كەتمەيدۇ. ئۇ مەلۇم بىر ئورۇن (توكقا بولغان ئىھتىياج قانچلىك چوڭ بولۇشتىن قەتئىينەزەر)، زاۋۇت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ مەڭگۈلىك توك مەنبەسىنى بىمالال ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ.

    3.ھاۋانى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان يېقىلغۇ گاز

    بۇ گاز ھاۋانى بىردىنبىر ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ. ئۇ گاز تۇڭىغا قاچىلانغان ھاۋاغا مەلۇم بىر تېخنىكا ئىشلىتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرىلىدۇ. ئۇ زەھەرسىز، پۇراقسىز كۆيۈشچان گاز بولۇپ پاكىزە ھەم ئەرزان تەننەرقىلىق ئېنىرگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى نۆۋەتتىكى كۆيۈشچان دەپ قارىلىدىغان، سانائەت ياكى تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىۋاتقان ھەر قانداق بىر گازنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە تامامەن بولىدۇ.

    4.كۆپ ئىقتىدارلىق توغراش ماشىنىسى

    بۇ ماشىنا تۆۋەن سەرپىيات بىلەن يۇقۇرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ چوڭ پولوخانىلاردا سەۋزە توغراش، سامسىخانا ۋە مانتىخانىلاردا پىياز ۋە گۆش توغراش، ئاشخانا ۋە رېستۇرانلاردا سوغاق سەي ماتىرىياللىرى (ياڭيۇ، سەۋزە، تەرخەمەك...قاتارلىقلار) دا سوغاق سەي تەييارلاش، ئائىلىلەردە قورۇما تەييارلىقلىرى... ، كاۋاپخانىلاردا (خالىغان ھەجىم ۋە شەكىلدە) گۆش توغراش... قارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    5.كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆپكە – ھېسىپ قۇيۇش ماشىنىسى

    بۇ ماشىنا نۆۋەتتە يىمەك – ئىچمەك ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقىنى تولدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆپكە – ھېسىپ تەييارلاش جەريانىنىڭ مۇرەككەپلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى، يۇقۇرى ئىش سەرپىياتى تەلەپ قىلىشتەك بىر قاتار جەريانلارنى بىراقلا ئاددىيلاشتۇرۇپ، يىمەك - ئىچمەك ساھەسىنىڭ ئېلىكتىرۇن دەۋرىگە قەدەم قويۇشىنى تىزلىتىپ، ئاز ئىش بىلەن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ماشىنا ئارقىلىق سائىتىگە ئون يۈرۈش ئۆپكە - ھېسىپ تەييارلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۆپكە - ھېسىپ قۇيۇپ توپ ۋە پارچەسېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا، ئائىلىسىدە ئۆپكە – ھېسىپ تەييارلاش... قا ماس كېلىدۇ.

    6.كۆز قارچۇقى ئارقىلىق نىشان بەلگىلەشكە بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق كەپشەرلەش كۆز ئەينىكى

    بۇ ئەينەك نۆۋەتتە كەپشەرلەش تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ بىر قولىدا كۆتۈرۋالىدىغان قالقانسىمان قالپىقى، كۆزىگە تاقىۋېلىپ قول ئارقىلىق ھەركەتلەندۈرىدىغان قوش گەۋدىلىك كۆرۈش ئەينىكى قاتارلىقلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە يېڭى بىر ئەۋلات كۆز ئەينەك بولۇپ ئۇ يېنىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، تەننەرقى تولىمۇ تۆۋەن بىراق ئىش ئۈنۈمى يوقۇرى بولغان، توك ئارقىلىق كەپشەرلەش، گاز ئارقىلىق كەپشەرلەش، كىسىش... تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆزىنى ئاسىراش بىلەن ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قوش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇ سىزنى قولدا باشقۇرۇش، يۆتكەپ كونتىرول قىلىش... قا ئوخشاش ئاۋارىلىقلاردىن خالاس قىلىدۇ.

    7.ئېنىرگىيە تىجەيدىغان يۇقۇرى ئۈنۈملىك ئېلىكتىرلەشكەن يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى

    بۇ ماشىنا تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن تۆۋەن ئېنىرگىيە يۇقۇرى ئۈنۈملىك ئېلىكتىرلەشكەن يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى بولۇپ، ئۇ ھەر خىل تالا، پاختا، يۇڭ ... قاتارلىقلاردىن يىپ ئىشلەپىقىرىدۇ. ئۇ نۆۋەتتە بۇ ساھەدە قوللىنىلىۋاتقان تېخنىكىلاردىكى نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرى ۋە مەشخۇلات تەرتىپلىرى شۇنداقلا كۆپ مىقداردىكى ئېلىكتىر ئېنىرگىيسىنى ۋە ۋاقىتنى تېجەيدىغان بولۇپ، گىلەمچىلىك، ماتاچىلىق، توقۇمچىلىق... قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدەئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    8. ئاپتۇماتىك ئوت ئالىدىغان گاز بىلەن كەپشەرلەش تاپانچىسى

    بۇ مەھسۇلات نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان بارلىق گاز بىلەن كەپشەرلەش (پاياتلاش) تاپانچىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭغا ئاپتۇماتىك ئوت ئالدۇرۇش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بۇلۇپ تېخنىكا خادىملارنىڭ چاقماق ياكى سەرەڭگە ئىشلىتىپ گازغا ئوت يېقىش ھاجەتسىز. سىز گازنى ئېچىپ ھېچقانداق ئوت مەنبەسىگە تايانماستىن بىر كونۇپكا بىلەنلا گازنى تۇتاشتۇرۇپ خاتىرجەم كەپشەرلەش (پاياتلاش) مەقسىتىگە يىتەلەيسىز. بۇ مەھسۇلات مۇشۇ ساھەدىكىلەرنى سىرتقى ئوت مەنبەسىگە تايىنىپ چاقماق بىلەن چېقىش، سەرەڭگە بىلەن يېقىش... تەك مەشغۇلات جەريانلىرىنى قىسقارتىش بىلەن بىرگە بىخەتەر ھەم تىزلىك بىلەن گازنى ئوت ئالدۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.

    ئەسكەرتىش

    يۇقارقى كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەرتىپلەر بويىچە دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسىگە تېزىمغا ئالدۇرۇلۇپ پاتنىتى ئېلتىماس قىلىنىپ بۇلۇنغان.

     

    خۇلاسە

    ئويغۇر يىگىتى ئالىمجان يۇقارقىدەك بىر قاتار كەشپىياتلىرى بىلەن بىزنى جاھان ئەھلىگە تونۇتۇش، ئۇلۇق ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شان - شۆھرىتىنى يەنىمۇ نامايەن قىلىش يولىدا توختاۋسىز تەر تۆكىۋاتقان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ برى. ئۇ يۇقارقىدەك كەشپىيات مىۋىلىرىنى روياپقا چىقىرىش جەريانىدا ئالدى بىلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىزغىن قوللىشى، ياردەم بىرىشى بىلەن ، ئاندىن جەمئيەت ھەر ساھە، ھەر قاتلاملاردىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ يېقىندىن قوللاپ مەدەت بىرىشىگە ئېرىشتى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى قوللىغان، ياردەمدە بولغان بارلىق كىشىلەرگە سەمىمىي ئىھتىرام ۋە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

    ئارزۇ ۋە ئۈمۈت

    بىز جەمئيەت ھەر ساھە، ھەر قاتلاملاردىكى شىركەت، كارخانىلار، زاۋۇتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ بىز بىلەن تېخنىكا ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
    ئۈمۈدىمىز: بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا قۇلايلىق ئېلىپ كىلىشىنى، بۇئارقىلىق ئىشلەپىقىرىش كۈچلىرىنى ئازات قىلىپ زامانىۋىلىشىش قۇرلۇشىنىڭ قەدىمنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.

    ئالاقىلاشقۇچى: ئالىمجان

    ئالاقە مەنزىلى: 13279874321 . 13179981915 . 6992238 -

    ئادىرسى:

    ئۇيغۇر ئاكاددىمىيىسى تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار

    ئادىرسى:  http://uyghuracademy.com/?p=3028

    سىرلىق تورىدىكى مەلۇماتلار

    ئادىرسى:  http://home.sirlik.com/space.php?uid=3&do=blog&id=725

    ئۇيغۇر @@ تورىدىكى مەلۇماتلار

    ئادىرىسى: http://www.uyghurqq.cn/home/?dp-bbsthread-803.html

    ئۇچۇر كۆزنىكى تورىدىكى مەلۇماتلار

    ئادىرسى: http://www.280180.com/unversal.asp?id=825&tpg=unversalvis.asp

    باس باس تورىدىكى مەلۇماتلار

    ئادىرىسى: http://www.basbas.cn/article/2009/0908/article_5381.html

    بىلقۇت تورىدىكى مەلۇماتلار

    ئادىرىسى: http://www.bilqut.com/Unwersal/show.php?itemid=153

     يۇقارقى تور بەتلەردە ئىلگىرىكى قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار ناھايتى جېق، بىراق ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات تېخى يوق، بەلكىم ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارغاندۇ، ھەممىىز ئالىمجاننىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

    قالدى مەلۇماتلار بۇلۇپ قالسا يوللاپ قۇيارسىلەر.

     

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ