-
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 13 ناھىيە(شەھەر)دە قانات يايدۇرۇلدى - [يېزا ياشانغادا كۈتۈنۈش سۇغۇرتى]
2010/07/09
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 13 ناھىيە(شەھەر)دە قانات يايدۇرۇلدى
ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-03-23 11:07 لۇ پەنپەن خەۋىرى : كارتىنى سالساقلا پۇل چىقىدىكەن، خۇددى بىرسى بىكارغا بەرگەندەكلا! – دېدى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى زاتەن كەنتىدىكى 70 ياشلىق لى شۆۋېن بوۋاي يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلىنى تۇنجى قېتىم ئالغاندىكى ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەپ. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىدا سىناق قىلىنغان 13 ناھىيە(شەھەر)دىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا 12 مىليون 280 مىڭ يۈەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىپ بەرگەن.
يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى بۇلتۇر 12 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ناھىيە(شەھەر)دە رەسمىي قانات يايدۇرۇلۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە 1 مىليون 700 مىڭ دېھقان – چارۋىچى يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ يىل چاغاندىن ئىلگىرى، لى شۆۋېن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئىككى ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئالدى. لى شۆۋېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يىل بېشىدىلا ناھىيە بىزگە يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئامانەت كىنىشكىسىنى بېجىرىپ بەردى، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ھەممىسى ئامانەت كىنىشكىمىزگە ئۇرۇلىدۇ. ھازىر ئامانەت قەرز – كوپىراتىپىغا بارساقلا، كۈتۈنۈش پۇلىنى ئالالايمىز. بىزدەك ياشتىكىلەر پۇللا ئالىمىز، سۇغۇرتا سېتىۋالمايمىز. بالىلىرىمىز بىر يىلدا 400 يۈەنلىك سۇغۇرتا سېتىۋالدى، 15 يىل تاپشۇرسا، 6000 يۈەن بولىدىكەن، 60 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن بەھىرلىنەلەيدىكەن، نېمە دېگەن ياخشى – ھە!
يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 60 ياشقا كىرگەن، شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمىغان يېزىلاردىكى ياشانغانلار پۇل تاپشۇرمىسىمۇ ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ خېڭيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل چاغاندىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇقتىدا سىناق قىلىنغان 13 ناھىيە(شەھەر)دىكى سالاھىيىتى ئېنىقلانغان، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم ئېنىق تەكشۈرۈلگەن 60 ياشتىن ئاشقان 1 مىليون 230 مىڭ ياشانغانغا دۆلەتنىڭ ھەر بىر كىشىگە 55 يۈەندىن پۇل بېرىش بەلگىلىمىسى بويىچە جەمئىي 12 مىليون 280 مىڭ يۈەن كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتى ۋە جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ناھىيە(شەھەر)لەردە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى كۆپ تارقىتالىغان جايلار ئۈچ ئايلىقنى، ئاز تارقاتقان جايلار ئىككى ئايلىقنى تارقاتتى.
ھازىر، يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان شەخسلەرنىڭ يىللىق تاپشۇرىدىغان ھەق ئۆلچىمى 100 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە قىلىپ بەش دەرىجىگە ئايرىلدى، سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قانچىلىك تاپشۇرۇشنى يىل بويىچە تاللىسا بولىدۇ، قانچە كۆپ تاپشۇرسا، شۇنچە كۆپ كۈتۈنۈش پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. سۇغۇرتىلانغۇچىلار كۈتۈنۈش پۇلىنى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەندىن كېيىن، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئايدا ئالسا بولىدۇ. خۇاڭ خېڭيى: نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ناھىيە(شەھەر)لەر ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا پائال ئىلھام بەردى، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ھەرىكىتى تېز بولغان بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %90 كە يەتتى. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىغا ئەگىشىپ، شەھەردىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئوخشاشلا، يېڭى يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىمۇ ئاۋۋال كىرگۈزۈلۈپ، ئاندىن تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىك 55 يۈەنلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ سۇغۇرتا ھەققىگە ئىگە بولالايدۇ! دېدى.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت 历史上的今天:
