بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نى يولغا قويۇش چارىسى - [قانۇن نىزاملار]

    2009/04/02

    « ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى » نى يولغا قويۇش چارىسى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ115  - نومۇرلۇق

     –1  باب ئومۇمىي پرىنسىپ
    1
    -ماددا بۇ چارە دۆلەتنىڭ «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» (تۆۋەندە «نىزام» دەپ قىسقارتىلدى)غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.
    2 –
    ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونىدىكى كارخانىلار، ئىشچى ياللىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، ئۆز ئورنىدىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر يـاكى يـالـلانـمـا ئىشچىلار (تۆۋەندە ئىشچى – خىزمەتچىلەر دېيىلىدۇ) ئۈچۈن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.
    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر «نىزام» ۋە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
    3 –
    ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) لەر بىر تۇتاش غەملەيدۇ (تۆۋەندە بىر تۇتاش غەملەيدىغان رايونلار دېيىلىدۇ).
    4 –
    ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
    ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
    ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا قاراشلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى (تۆۋەندە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى دەپ قىسقارتىلدى) ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئىشلىرىنى كونكرېت بېجىرىدۇ.

    2 –
    باب ئىشتا يارىلىـنـىـش سۇغۇرتا فوندى
    5 –
    ماددا بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى تەسىس قىلىشى ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ – خەتەر زاپاس فوندى تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك.
    6 –
    ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشتا، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەۋپ – خەتەر دەرىجىسىگە قاراپ، ئىشتا يارىلىنىشتىكى ئوخشاش بولمىغان سۇغۇرتا ساھە پەرقى بويىچە ھەق نىسبىتى يولغا قويۇلىدۇ.
    ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ساھە پەرقلىق ھەق نىسبىتىنى غەملىگۈچى جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت بېكىتكەن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ئوتتۇرىچە تاپشۇرۇش نىسبىتى ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئۆلچەملىك ھەق نىسبىتىگە ئاساسەن، شۇ بىر تۇتاش غەملىگۈچى رايوننىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتى، كەسپىي كېسەلنىڭ زىيان دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، چىقىمغا قاراپ كىرىمنى بېكىتىش، كىرىم – چىقىم تەڭپۇڭ بولۇش پرىنسىپى بويىچە بېكىتىدۇ.
    ساھەلەرنىڭ پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھەنىڭ ئىچـكـى ھـەق نىسبىـتـى كاتېگورىيىسىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن قەرەللىك تەڭشىلىدۇ.
    7 –
    ماددا سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا نىسبىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا تىزىملىتىپ تەستىقلاتقان تىجارەت (ئاساسىي) تۈرىگە مۇناسىپ ساھە پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھە ھەق نىسبىتى كاتېگورىيىسىگە ئاساسەن بېكىتىشى كېرەك؛ ساھە ھالقىپ تىجارەت قىلغان بولسا، ھالقىغان ساھەنىڭ مۇناسىپ پەرقلىق ھەق نىسبىتى ۋە ساھە ئىچكى ھەق نىسبىتى كاتېگورىيىسى بويىچە ئۇلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى بېكىتىشى كېرەك.
    8 –
    ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشماقچى بولسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەك؛ رايون ھالقىيدىغان، كۆپرەك يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار نىسبىي مەركەزلىك بولۇش ئۇسۇلى بويىچە، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇغۇرتا بېجىرىش ئـاپـپـاراتىـغـا بـېـرىپ رەسمىيەت بېجىرسە بولىدۇ.
    9 –
    ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئايمۇئاي تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.
    10 –
    ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ چىقىم دائىرىسى:
    (1)
    ئىشتا يارىلانغانلارنىڭ داۋالىنىش پۇلى؛
    (2)
    يارىلىنىپ، مېيىپ بولغانلارغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەم پۇلى؛
    (3)
    يارىلىنىپ، مېيىپ بولغانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى؛
    (4)
    تۇرمۇشتا كۈتۈنۈش پۇلى؛
    (5)
    ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان دەپنە ياردەم پۇلى؛
    (6)
    ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى بېقىشقا بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلى؛
    )
    ئىشتا ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بېرىلدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى؛
    (8)
    ياردەمچى سايمان پۇلى؛
    (9)
    ئىشتا يارىلانغانلارنى ساقايتىش پۇلى؛
    (10)
    ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ھەققى؛
    (11)
    قانۇن، نىزاملاردا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئىشـلـىتـىـش بـەلگىـلـەنگەن باشقا خىراجەتلەر.
    11 –
    ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىككىنچى يىل 1 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن بۇرۇن، ئۆز ئورنىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىسىملىكى، ھەق تاپشۇرۇش سۈرۈكى، ھەق تاپشۇرۇش ئەھۋالى، ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىش، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش، ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى ۋە يۈز بەرگەن ئىشتا يارىلىنىش ھادىسىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئورنىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئېلان قىلىش ۋاقتى 15 كۈندىن كەم بولماسلىقى، ئېلان قىلىش ئەھۋالى سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.
    12 –
    ماددا بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خەۋپ – خەتەر زاپاس فوندىنى ئالدىنقى يىللىق ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى ئېلىش – تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ %10 ى بويىچە ئاجرىتىپ، ئۇنى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى مالىيە مەخسۇس سىچوتىغا كىرگۈزۈپ، چوڭ – چوڭ ھادىسىلەردە يارىلانغانلارنىڭ سۇغۇرتا تەمىناتى ئۈچۈن چىقىم قىلىدۇ، يەتمىگەن قىسمى شۇ جايدىكى مالىيىدىن چىقىرىلىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى خەۋپ – خەتەر زاپاس فوندىنىڭ ئومۇمىي قالدۇق سوممىسى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندى كىرىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

    3 –
    باب ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىش
    13 –
    ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھادىسىدە يارىلىنىش يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ياكى كەسپىي كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ۋە باھالانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايدىكى ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا دائىر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت چېكى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنمىسا، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ھادىسىدە يارىلىنىش يۈز بەرگەن كۈن ياكى كەسپىي كېسەل، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ۋە باھالانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايدىكى ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
    ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئون كۈن ئىچىدە شۇ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ئىچىدە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنمىسا، بۇ مەزگىلدە «نىزام» ۋە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا چىقىم قىلىنغان ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى خىراجىتىنى شۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۆتۈرىدۇ.
    ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنۇشتا، «ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى» تولدۇرۇلۇشى كېرەك.
    14 –
    ماددا ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىشتا يارىلانغان دەپ قارىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلانمىغان دەپ قارىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن پاكىت كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە ئون كۈن ئىچىدە ئەمگەك – كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تاپشۇرىدۇ. سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرالمىسا، ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە يەكۈن چىقارسا بولىدۇ.
    15 –
    ماددا ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىش قارارىنى چىقىرىشى ھەمدە ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇنغان ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ۋە شۇ ئىشچى – خـىـزمـەتـچـى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا «ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىق (ئۆلگەنلىك) نى ئېتىراپ قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى تەگكۈزۈشى ھەمدە ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىگە «ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلانغانلىق (ئۆلگەنلىك) ئىسپاتنامىسى»نى تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.
    16 –
    ماددا ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئىشتا يارىلانغانلىقنى بېكىتىش مەزگىلىدە، ھادىسە زىيىنى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

    4 –
    باب ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش
    17 –
    ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى، كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى، سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى ۋەكىلى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە شۇ دەرىجىلىك ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.
    18 –
    ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىكى بۆلۈم (تۈر) كەسپىي تېخنىك خادىملىرى ئۈچتىن بەشكىچە بولۇشى كېرەك.
    19 –
    ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى تۆۋەندىكى باھالاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:
    (1
    ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش؛
    (2
    ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى باھالاش؛
    (3
    ئىشتىن توختىتىپ مائاشىنى ساقلاپ قېلىش مەزگىلىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى بېكىتىش؛
    (4
    ياردەمچى سايمان سېلىشنى بېكىتىش؛
    (5
    كېسەلنىڭ ئىشتا يارىلىنىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش؛
    بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلۇقىنى باھالاش؛
    (7
    كـەسـپـىـي كېسـەلـنىڭ ساقىيىشىنى بېكىتىش؛
    (8
    ھـاۋالـە قىلىنـغـان ئـەمـگـەك ئىقتىدارىنى باھالاش.
    20 –
    ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىلتىماسىنى سۇنۇشى ھەمدە «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى تولدۇرۇشى، «ئىشتا يارىلانغان (ئۆلگەن) ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئېتىراپ قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى»، «ئىشتا يارىلانغان (ئۆلگەن) ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىسپاتنامىسى»، دىئاگنوز ئىسپاتى، كېسەل تارىخى ۋە ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىشىغا دائىر باشقا ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
    21 –
    ماددا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، دۆلەت بەلگىلىگەن ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش پىكرىگە ئاساسەن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى ۋە ئالاقىدار بېكىتىش يەكۈنلىرىنى چىقىرىشى ھەمدە باھالاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى تەگكۈزۈشى كېرەك.
    ئىشتا يارىلىنىپ كېسەل بولۇش ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ بـولـسـا، ئـەمـگـەك ئىقتىدارىنى باھالاش سۈرۈكى مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
    داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ يارىلىنىش، مېيىپ بولۇش دەرىجىسىنى تېببىي جەھەتتىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىسا، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا سالاھىيەتكە ئىگە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، تېببىي تەكشۈرۈش ۋاقتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش خىزمىتى سۈرۈكىگە ھېسابلانمايدۇ.
    22 –
    ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى تۇنجى قېتىم چىقارغان باھالاش يەكۈنىگە قايىل بولمىسا، «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ئەسلىي باھالاش يەكۈنى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى قايتا باھالاشتا بۇرۇنقى باھالاش خىزمىتىگە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
    ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قايتا چىقارغان ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش يەكۈنى ئاخىرقى يەكۈن بولىدۇ.
    23 –
    ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشقا كەتكەن خىراجەت ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ؛ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ياكى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى ۋاقتىدا تولۇق تاپشۇرمىغانلارنىڭكىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىم قىلىدۇ. قايتا باھالاش يەكۈنى ئۆزگەرمىگەن بولسا، باھالاش خىراجىتىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىشتىن توختىتىپ مائاشىنى ساقلاپ قېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ياردەمچى سايمان سېلىش ۋە كەسپىي كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى بېكىتىشكە كېرەكلىك خىراجەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۆتۈرىدۇ.

    5 –
    باب ئىشتا يارىـلـىـنىش سۇغۇرتا تەمىناتى
    24 –
    ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى ئىشتا يارىلانغان، ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا «ئىشتا يارىلانغان (ئۆلگەن) ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىسپاتنامىسى»، «ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئۇقتۇرۇشنامىسى»نى تاپشۇرۇشى كېرەك. بېقىلىدىغان تۇغقانلىرى نەپىقە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماس قىلغان تەمىنات تۈرىگە ئاساسەن يەنە تۆۋەندىكى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
    (1
    بېقىلغۇچىنىڭ نوپۇس دەپتىرى، كىملىكى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھايات ئىسپاتى؛
    (2
    مەھەللە ئىش باشقارمىلىرى ياكى يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقىرىپ بەرگەن بېقىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىسپاتى؛
    (3
    خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئىگە – چاقىسىز قېرى ياكى يېتىم بالىلار ئىسپاتى؛
    (4
    خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ بېقىۋالغان ئاتا – ئانا ۋە بېقىۋالغان بالا توغرىسىدىكى ئىسپاتى.
    بېقىلغۇچىلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىسا، سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالاش يەكۈنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
    25 –
    ماددا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلاردىن يـارىـلانـغـان، مېـيـىپ بولغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئاپپاراتىدا بولغان چىقىمىنى ئاۋۋال ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بېرىپ تۇرىدۇ، ئىشتا يارىلانغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات ئاتچوت قىلىدۇ.
    ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىشىنى باشقۇرۇش ۋە راسچوت قىلىش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.
    26 –
    ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىپ كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانسا، شۇ ئادەمنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن كاماندىروپكا، تاماق ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويمىغان بولسا، شۇ ئورۇن شۇ جاينىڭ كاماندىروپكا، تاماق ياردەم پۇلى ئادەتتىكى ئۆلچىمىنىڭ %70 ى بويىچە كېسەلخانا تاماق ياردەم پۇلى بېرىدۇ.
    27 –
    ماددا 1 – دەرىجىلىكتىن 4 – دەرىجىلىككىچە بولغان ئـىـشـتـا يارىلانغۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ يارىلىنىپ مېيىپ بولۇشىغا بېرىلگەن قوشۇمچە پۇلى شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ؛ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلارنىڭكىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ بېرىدۇ.
    28 –
    ماددا 5 –، 6 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ياكى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق بىر تۇتاش غەملىگۈچى جايدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئۇلارغا بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ، مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. 5 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى 11 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 6 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا ئون ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 5 – دەرىجىلىك ئـىـشـتـا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى 27 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 6 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا 24 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ.
    29 –
    ماددا 7 – دەرىجىلىكتىن 10 – دەرىجىلىككىچە بولغان ئىـشـتـا يـارىلانغۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك توختام مۇددىتى توشۇپ توختىتىلسا ياكى ئۆزى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئۇلارغا بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلـى بـېـرىـلـىدۇ. 7 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى توققۇز ئاي بويىچە بېرىلىدۇ، 8 – دەرىجىلىك يارىلانغانلارغا سەككىز ئاي بويىچە بېرىلىدۇ، 9 – دەرىجىلىك يارىلانغانلارغا يەتتە ئاي بـويـىـچـە، 10 – دەرىـجـىـلىك يارىلانغانلارغا ئالتە ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 7 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش يـاردەم پـۇلـى 21 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ؛ 8 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا 18 ئاي بويىچە، 9 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا 15 ئاي بويىچە، 10 – دەرىجىلىك ئىشتا يارىلانغانلارغا 12 ئاي بويىچە بېرىلىدۇ.
    30 –
    ماددا 5 – دەرىجىلىكتىن 10 – دەرىجىلىككىچە بولـغـان ئىشـتـا يارىلانغۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشى بەش يىل كەملىگەن بولۇپ، ئۆزى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى كەملىگەن ھەر بىر يىلغا %20 ئازايتىش ئۆلچىمى بويىچە بېرىلىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا بىر يىل كەملىگەن بولسا بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى %10 بويىچە بېرىلىدۇ. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا توشقان ھەمدە پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرگەن بولسا، بىر قېتىملىق ئىشتا يارىلانغانلار داۋالىنىش ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.
    31 –
    ماددا ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق ئىشتا ئۆلۈش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئاساس قىلىنىپ، بىر قېتىمدىلا 48 ئايلىقتىن 60 ئايلىققىچە ئىشتا ئۆلگەنلەر ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. «نىزام» نىڭ 14 – ماددا (1)، (2)، (4)، (5)، (6)، (7) تارماقچىدىكى ۋە 15 – ماددىنىڭ (1) تارماقچىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە 48 ئايلىق ئىشتا ئۆلگەنلەر ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ «نىزام» نىڭ 14 – ماددىسىنىڭ (3) تارماقچىدىكى، 15 – ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە 54 ئايلىق ئىشتا يارىلانغانلار ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىلگەن بولسا 60 ئايلىق ئىشتا ئۆلگەنلەر ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
    32 –
    ماددا يارىلىنىپ مېيىپ بولغانلار قوشۇمچە پۇلى، تۇرمۇشتا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە بېقىلىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ نەپىقە پۇلى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك – ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بىر تۇتاش غەملىگۈچى جاينىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەش لايىھىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ

    3- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
    يەتتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
    34 - ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى كارخانا بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ياكى كارخانا بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ھاسىل قىلغان بارلىق ئەمگەكچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    35- ماددا كارخانىچە باشقۇرۇلىدىغان كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلاردىن كوللېكتىپ توختام ۋە ساھە رايون كوللېكتىپ توختامى تۈزىدىغانلىرى مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىدۇ.
    36- ماددا ئاپ

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ