بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش - [ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسى]

    2009/04/02

    ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش

    ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ئىشتا يارىلاندى، دەپ بېكىتىش كېرەك:
    (1)ئىش ۋاقتىدا ۋە ئىش سورۇنىدا ئىش سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛
    (2) ئىش ۋاقتىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئىش سورۇنىدا ئىشقا تەييارلىنىش ياكى ئىشنى يىغىشتۇرۇش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛
    (3) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش سورۇنىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋېتىپ، زوراۋانلىق قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛
    (4) كەسپىي كېسەل بولغانلار؛
    (5) ئىش بىلەن سىرتقا چىققاندا، ئىش سەۋەبىدىن يارىلانغانلار ياكى ھادىسىگە ئۇچراپ ئىز - دېرىكى چىقمىغانلار؛
    (6) ئىشقا كېلىش - كېتىشتە ماتورلۇق ماتناش ۋاسىتىسى ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار؛
    (7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشتا يارىلاندى، دەپ بېكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
    ئۇندىن باشقا ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىمۇ ئىشتا يارىلاندى، دەپ قارىلىدۇ:
    (1) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئورنىدا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ياكى 48 سائەت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلەر؛
    (2) خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداشتا يارىلانغانلار؛
    (3) ئىشچى - خىزمەتچى ئىلگىرى قىسىمدا مەجبۇرىيەت ئۆتەپ، جەڭدە ۋە ھۆكۈمەت ئىشىدا مېيىپ بولۇپ، ئىنقىلابىي مەجرۇھ ھەربىيلەر كىنىشكىسى ئالغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بارغاندىن كېيىن، يارىسى قوزغالغانلار.
    ئىشچى -خىزمەتچىلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2) تارماقچىلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى بۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرى بۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، بىر يولىلا بېرىلىدىغان مېيىپلىق ياردەم پۇلىدىن باشقا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ