-
جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش چارىسى - [ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسى]
2009/04/02
جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش چارىسى
1– ماددا بۇ چارە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىشتا يارىلىرىنىشنى بېكتىىش ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىشلەپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۈزۈلدى.
2– ماددا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئىشلىرىنى بۇ چارە بويىچە ئىشلەيدۇ.
3– ماددا ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھادىسە تۈپەيلىدىن يارىلانسا ياكى كەسپىي كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن كەسپىيى كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، باھالانغان بولسا، ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ھادىسە تۈپەيلىدىن يارىلىنىش يۈز بەرگەن كۈن ياكى كەسپىيى كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ، باھالانغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە بىر تۇتاش غەملىگەن رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىيى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشقا تېگىشلىكلەر جاي تەۋەلىكى پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن تۇرۇشلۇق رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
4– ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلىگەن مۆھلەتتە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ھادىسە تۈپەيلىدىن يارىلىنىش يۈز بەرگەن كۈن ياكى كەسپىي كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، باھالانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، بۇ چارىنىڭ 3– ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشىنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىسا بولىدۇ.
5– ماددا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، «ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماس جەدىۋىلى»نى تولدۇرۇش ھەمدە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك:
(1) ئەمگەك توختامىنىڭ كۆچۈرمىسى ياكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىققا دائىر باشقا ئىناۋەتلىك ئىسپات؛
(2) داۋالاش ئاپپاراتى چىقىرىپ بەرگەن يارىلانغاندىن كېيىنكى دىئاگنوز ئىسپات خېتى ياكى كەسپىى كېسەل دېگەن دىئاگنوز ئىسپات خېتى (ياكى كەسپىي كېسەل دېگەن باھالاش خېتى).
ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماس جەدۋىلىنىڭ ئەندىزىسىنى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش تۈزىدۇ.
6– ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى تەمىنلىگەن ماتېرىيال تولۇق بولمىسا، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەيداندا ياكى 15 ئىش كۈنى ئىچىدە، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
7– ماددا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تەمىنلىگەن ماتېرىيال تولۇق بولۇپ، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا ھەمدە قوبۇل قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە بولسا، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قوبۇل قىلمايدىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازمىچە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
8– ماددا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېين، ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەمىنلىگەن دەلىل – ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرسە بولىدۇ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر بۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، داۋالاش ئاپپاراتى، ئالاقىدار تارماق، شۇنىڭدەك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئالاقىدار كىشىلەرنى بۇ خىزمەتكە ماسلىشىپ، ئەھۋال ۋە ئىسپات – ماتېرىياللارنى پاكىت بويىچە تەمىنلەپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
9– ماددا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشتە، ئىلتىماس قىلغۇچى تەمىنلىگەن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولغان كەسپىي كېسەل دېگەن دىئاگنوز ئىسپات خېتى ياكى كەسپىي كېسەل دېگەن باھالاش خېتىنى قايتا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرمىسىمۇ بولىدۇ. كەسپىي كېسەل دېگەن دىئاگنوز ئىسپات خېتى ياكى كەسپىي كېسەل دېگەن باھالاش خېتى دۆلەت بەلگىلىگەن ئەندىزە ۋە تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى شۇ ئىسپاتنى چىقىرىپ بەرگەن تارماقتىن قايتا ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
10– ماددا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، باشقا بىر تۇتاش غەملەيدىغان رايوندىكى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
11– ماددا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىىي تارمىقىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم بىرلىكتە ئىشلىشى ھەمدە ھۆكۈمەت ئىشىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىق توغرىسىدىكى ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
12– ماددا ئەمگەك ۋە ئىجىتمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:
(1) خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئورۇنغا ۋە ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كىرىش؛
(2) قانۇڭن بويىچە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن سوئال سوراش؛
(3) ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان خاتىرە، ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇغائېلىنغان ۋە كۆچۈرۈۋېلىنغان ماتېرىياللار.
13– ماددا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) ئالاقىدار ئورۇننىڭ سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىنى ساقلاش؛
(2) ئەھۋال بىلەن تەمىنلىگەن ئالاقىدار كىشىلەر ئۈچۈن مەخپىيەتلىك ساقلاش.
14– ماددا ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇققىنى ئىشتا يارىلىنىش دەپ قارايدىغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش دەپ قارىمايدىغان بولسا، دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشكە ئۇنىمىسا، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى تەمىنلىگەن دەلىل – ئىسپاتقا ئاساسلىنىپ، قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلانغان، دەپ يەكۈن چىقارسا بولىدۇ.
15– ماددا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى ئىشتا يارىلانغان ياكى ئىشتا يارىلىنىش بىلەن ئوخشاش دەپ بېكىتىش قارارى ۋە ئىشتا يارىلىنىشقا كىرمەيدۇ ياكى ئىشتا يارىلىنىش بىلەن ئوخشاش ئەمەس، دەپ بېكىتىش قارارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
16– ماددا ئىشتا يارىلنىشنى بېكىتىش قارىغا تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
(1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تولۇق نامى؛
(2) ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، جىنسى، يېشى، كەسپى، كىملىك نومۇرى؛
(3) يارىلانغان يېرى، ھادىسە يۈز بەرگەن ۋاقىت ۋە دوختۇردا داۋالانغان ۋاقىت ياكى كەسپىي كېسەلنىڭ نامى، زەخىملىنىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلىش ئەھۋالى، داۋالاش – قۇتقۇزۇش ئاساسىي ئەھۋالى ۋە دىئاگنوز يەكۈنى؛
(4) ئىشتا يارىلانغان، ئىشتا يارىلىنىش بىلەن ئوخشاش دەپ بېكىتىش ياكى ئىشتا يارىلىنىشقا كىرمەيدۇ، ئىشتا يارىلىنىش بىلەن ئوخشاش ئەمەس دەپ بېكىتىشنىڭ ئاساسى؛
(5) بېكىتىش يەكۈنى؛
(6) بېكىتىش قارارىغا قايىل بولمىسا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان تارماق ۋە ئىلتىماس قىلىش مۆھلىتى؛
(7) بېكىتىش قارارى چىقىرىلغان ۋاقىت.
ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارىغا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش خاس تامىغىسى بېسىلىشى كېرەك.
17– ماددا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارىنى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارى چىقارغان كۈندىن باشلاپ 20 ئىش كۈنى ئىچىدە ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا، شۇنىڭدەك يارىلانغان ئىشچى – خىزمەتچى (ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى)گە ۋە ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئۇنىڭۇ كۆچۈرمىسىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرگەن ئاپپاراتقا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قانۇن ھۆججىتىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»دىكى يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
18– ماددا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كەم دېگەندە 20يىل ساقلىشى كېرەك.
19– ماددا ئىشچى – خىزمەتچى ياكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تۇغقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قوبۇل قىلماسلىق قارارىغا ياكى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا يىك مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
20– ماددا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش جەريانىدىكى تەكشۈرۈشتە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە خادىم ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشقا ئۇنىمىسا، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.
21– ماددا بۇ بەلگىلىمە 2004-يىل 1– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
