Viewing Category » فىلىملەر

تىيىنچاقنىڭ ھېكايىسى (بالىلار كارتون فىلىمى)

Post Thumbnail of تىيىنچاقنىڭ ھېكايىسى (بالىلار كارتون فىلىمى)
 تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 24 دېكابىر 2010

ھەممىمىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قوچاقلىرىدا ئۇلار ئېيتىپ بەرگەن ھەر خىل مەزمۇنلاردىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئۆتكۈزگەن، دېمەك ھېكايە بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ، شۇنداقلا دەسلەپ قەدەمدە بىزگە ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرى ۋە ئەدەپ قائىدە توغرىسىدا بىلىم بېرىدۇ، خوش ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۆۋەندىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى بۇ تىيىنچاق بالىلىرىغا قانداق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدىكىن، مەزكۈر كارتون تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەم ئېنگىلىزچە قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

كارتون فىلىم : رەزىل مەن

Post Thumbnail of كارتون فىلىم : رەزىل مەن
 تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 21 دېكابىر 2010

گرۇ مەخسۇس كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ نام قازىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، بىر قېتىم ئۇ كۆكتىكى ئاينى ئوغۇرلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نامىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر رەقىبى ئۇ پىلانلاپ ئوغۇرلاپ چىققان كىچىكلىتىش قۇرالىنى ئۇنىڭدىن ئوغۇرلىۋالىدۇ، كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرۈش جەريانىدا گرۇ رەقىبىنىڭ يېنىغا خالىغانچە كىرىپ چىقالايدىغان ئۈچ كىچىك بالىنى ۋاقىتلىق بېقىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ھەم سۇ ئارقىلىق كىچىكلىتىش قۇرالىنى قولغا چۈشۈرىۋالىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا مېھىر-مۇھەببەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەمنىڭ قانداق بولۇپ ياخشى بىر دادىغا ئايلانغانلىقىغا قىزىقامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز يېڭى تەرجىمە خەتلىك فىلىمىمىز «رەزىل مەن» دە بولسۇن.
تەرجىمە قىلغۇچى : ئارمانىم

شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى

Post Thumbnail of شاھ ئۇيغۇر بلوگى ۋوردپرەسكە كۆچتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ھەم بارلىق تورداشلار
بلوگوم (شاھ ئۇيغۇر بلوگى) بۈگۈندىن باشلاپ بلوگباس سۇپىسى بىلەن ھەقىقى خوشلىشىپ ۋوردپرەس مۇلازىمىتىگە تۇلۇق كۆچتى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ئادىرىستا تېخىمۇ كۆپ نادىر فىلىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى داۋاملىق تەمىن ئېتىشكە تىرىشىمىز. نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگومدا بولسۇن
شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادىرىسى : WWW.SHAHBLOG.NET

ئۆلۈم تەجرىبىسى

Post Thumbnail of ئۆلۈم تەجرىبىسى
 فىلىملەر 18 دېكابىر 2010

بىر توپ ئادەتتكى ئادەملەر ئىنسان تەبىئىتى تەجرىبىسىگە قاتناشتۇرىلىدۇ، تەجرىبە ئېلىپ بارغۇچىلار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم ئايرىم رول تەقسىم قىلىدۇ، مەقسىتى ھەرخىل ھوقۇق ۋە ئىمتىياز شۇنداقلا شارائىتنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى بىلىش بولۇپ، فىلىمدە بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىكى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان ئۆزگىرىشچانلىق خاراكتىرى ئۇچۇق تەسۋېرلەپ بېرىلگەن، فىلىمنىڭ تەرجىمىسى تورداش تېكەسنىڭ ياردىمىدە ئاساسى جەھەتتىن تاماملىنىپ بولدى، پات ئارىدا كەڭ دوستلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ

تەرجىمە قىلغۇچى : تېكەس

ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : مودا

Post Thumbnail of ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : مودا
 فىلىملەر 18 دېكابىر 2010

ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئارزۇ ئارمىنى بولىدۇ، شۇ ئارزۇ ئارماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز، بەزىلەر بۇ خىل جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ، بەزىلەر مەيلى قانچىلىك جاپا مۇشەققەتكە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ، ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ مېگنامۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمۇ ئويلىمىغان قۇربانلارنى بېرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مودىل بولالامدۇ يوق؟ دىققىتىڭىز بلوگىمىز تەرجىمە قىلغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «مودا» دا بولسۇن.

ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : مودا

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى

يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت 3D نۇسخىسى

Post Thumbnail of يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت 3D نۇسخىسى
 فىلىملەر 18 دېكابىر 2010

بەلكىم قىسمەن كىتاپخۇمار دوستلار بۇنىڭ كىتاپنى ئوقۇغان بولىشى مۇمكىن، مەزكۈر فىلىم دەل شۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ چۈرەۋور جىيەنى بىلەن بىرلىكتە ئىسلاندىيەگە بېرىپ خەننانىڭ ياردىمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ يەر تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تاپماقچى بولىدۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار نامەلۇم بىر غارغا كىرىپ قىلىپ چىقىش يولىنى ئىزدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر شارىنىڭ مەركىزىگە يەنى ئەڭ ئىچكىرى قاتلىمىغا كىرىپ قالىدۇ، ئۇلار بۇ يەردىمۇ ئايرىم دۇنيا بارلىقىنى ھەم كىتاپتا يېزىلغان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار يەر يۈزىگە چىقىپ كېتەلەمدۇ؟ دىققىتىڭىز مەزكۈر فىلىمدە بولسۇن

فىلىم نامى : يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت

تەرجىمە قىلغۇچى : ش ئە ئۇيغۇرى

2012-يىلى راستتىنلا زامان ئاخىرىمۇ؟

Post Thumbnail of 2012-يىلى راستتىنلا زامان ئاخىرىمۇ؟

تورداشلار بەلكىم 2012 فىلىمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، بۇ فىلىمدە رېژىسسورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئاخىرقى زامان ئالامەتلىرى رىئاللىق بىلەن زىچ بىرىكـتۈرگەن ئاساستا ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ھەم فىلىم قويۇلغاندىن كېيىنمۇ پۈتكۈل كىنو ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، زامان ئاخىرى، ئاخىرقى زامان توغرىسىدىكى گەپ سۆزلەر ئىزچىل مەۋجۈد، ھەر قايسى دىن ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئاخىرقى زامان توغرىسىدا بىر بىرىگە ئوخشاش بولغان شۇنداقلا ھەم ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار ، ئۇنداقتا زامان ئاخىرى راستتىنلا يېقىنلاپ كەلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ سۆزى بۇيىچە بۇنى پەقەت قادىر ئاللالا بېلىدۇ، ئۇنداقتا بىز قېنى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى…

ھۆججەتلىك فىلىم : 2012-يىلى راستتىنلا زامان ئاخىرىمۇ؟

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى ، ش ئە ئۇيغۇرى

5 سانتېمىتىر سېكۇنت

Post Thumbnail of 5 سانتېمىتىر سېكۇنت
 تەرجىمە كارتون،فىلىملەر 18 دېكابىر 2010

خاگارى بىلەن تاگاكى ساۋاقداش بولۇپ ھەر ئىككىلىسى باشقا شەھەردىن توكيوغا ئوقۇشقا كەلگەن ھەر ئىككىسى كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن ئىدى، خاگارى دائىم تاگاكى بىلەن بىرگە بولۇشنىلا ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خاگارى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن توكيودىن كۆچۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككىسى پەقەت خەت ئالاقە ئۇسۇلى بىلەنلا ئالاقىلىشىپ كېلىدۇ، يىللارنڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارمۇ ئاستا ئاستا چوڭ بولىدۇ تاگاكى چوقۇم خاگارى بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاخىرى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ ئۇنداقتا ئۇلار ئۇچرىشالامدۇ؟

مەزكۈر كارتون فىلىم ئاساسلىق ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مۇھەببەت ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىم تەرجىمىسى گۇرۇپپىمىزدىكى Spx_Faruk تەرىپىدىن ئىشلەندى. ئەگەر كارتون مەزمۇنىغا قىززىقسىڭىز تولۇق كۆرۈشنى بېسىپ كۆرۈڭ

تەرجىمە قىلغۇچى :

ئەرەبچە تەسىرلىك ناخشا : ئەرەبلەردىكى ۋىجدان

Post Thumbnail of ئەرەبچە تەسىرلىك ناخشا : ئەرەبلەردىكى ۋىجدان

32 نەپەر ئەرەب چولپانلىرى بىرلىكتە ئورۇندىغان ناخشا ئەرەبلەردىكى ۋىجدان.ئازاپ-ئۇقۇبەت ۋە غەزەپ نەپرەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ناخشا، قەلىبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن قىلىنغا چاقىرىق، بۇ ناخشىدا ئەرەبلەرنىڭ بۇ ئون نەچچە يىلدىن بېرى تارتقان ئازاپ ئوقۇبەتلىرى تەسۋېرلەنگەن بولۇپ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنى تىنچلىققا، تىنچ تۇرمۇشقا چاقىرىق قىلىنغان
تەرجىمە قىلغۇچى : خىيال
ۋاقىت خاتىرلىگۈچى : خىيال
كىرىشتۈرگۈچى : ش ئە ئۇيغۇرى

چالما-كېسەك قىلىنغان سۈرەييە

Post Thumbnail of چالما-كېسەك قىلىنغان سۈرەييە
 فىلىملەر 10 دېكابىر 2010

چالما-كېسەك قىلىنغان سۈرەييە ناملىق بۇ فىلىم فىرانسىيەلىك يازغۇچى فرېيدون ساھېبجامنىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ ، فىلىم ۋەقەلىكى ھەقىقى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاساس قىلغان ، فىلىمدىكى باش قەھرىمان سۈرەييەمۇ ھەقىقى ئۆتكەن شەخىس بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا يەنى 1986-يىلى ئېرى 14 ياشلىق بىر قىزبالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ھېچ ئاساسسىز پاھىشە دېگەن بەتنامنى چاپلاپ ئۆز يېزىسىنىڭ قائىدىسى بۇيىچە ئۇنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ تۆھمەت قۇربانى قېلىۋېتىدۇ، رېژىسسور بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئاياللار ھوقۇقى مەسلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ سۈرەييەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرمۇشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ئاخىرى بۇ فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىققان فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن تورۇنتو كىنو فىستوۋالىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ باھالانغان، ھەم دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ئاياللار كىشىلىك ھوقۇقى مەسلىسىگە بولغان دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان،فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۇلۇق كۆرۈشنى بېسىپ كۆرۈڭ

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەركان خوتەنى
تەھرىر ۋە كىرىشتۈرگۈچى : ش ئە ئۇيغۇرى

 سىز 1-بەتتە، جەمئىي 3 بەت  1  2  3 »
Usix designed by Webdesign In conjunction with Free MMORPG Games , Best SUV , Fat Burning Furnace.