ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئارىمىزدىن كەتكىنىگە توپتوغرا 15 يىل بولدى، ئۇ − ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بارماقتا سانىغۇدەك مەشھۇر ۋەكىللىرىنىڭ
بىرى، يېتۈك ئەدىب، ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى سۈپىتىدە خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە قىممەت قارىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن كىشى بولۇپ، خەلقىمىز بۇ
مۆھتەرەم زاتنى ھېلىھەم ئىپتىخار بىلەن ياد ئېتىپ كەلمەكتە .ئۇنىڭ تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي تەپەككۇر مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇجەسسەملەنگەن، ئۇيغۇر
رومانچىلىقىنىڭ يېگانە پەللىسىنى تىكلىگەن «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرى؛ پاساھەتلىك تىل، مول شېئىرىي ھېكمەت، تېرەن پەلسەپىۋى پىكىرلەر بىلەن يۇغۇ
رۇلغان «قەشقەر كېچىسى» ۋە «رۇبائىيلار» قاتارلىق شېئىرىي ئەسەرلىرى؛ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىنغان قايىل قىلىش
كۈچىگە ئىگە ئىلمىي ماقالىلىرى؛ شېئىرىيەت ۋە تىل مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىلگەن ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى تەتقىقات ئەسەرلىرى؛ كوللېكتىپ ۋە
خۇسۇسىي سۆھبەت سورۇنلىرىدىكى تەسىرلىك بايانلىرى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقىغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكنى تونۇش؛ غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق، ساپالىق ئىنسان
بولۇش؛ ھاياتقا ئۈمىدۋار قاراش، ھاياتتىن بەخت ۋە خۇشاللىق تېپىش دېگەندەك نۇرغۇن تەرەپلىرىگە ئىلھام ۋە مەدەت بولۇش رولىنى ئوينىماقتا . ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدىكى ئاشۇ ئىجابىي مەزمۇنلار جەمئىيىتىمىزدە ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى ئۈچۈن، بولۇپمۇ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرى
سانىلىدىغان ياشلار -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشى ئۈچۈن زور تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. مەن ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، بۇ مۇبارەك
زاتنىڭ سەمىمىي تەلىملىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە نائىل بولغان بىر ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن قىلغان سۆھبىتىمدىكى بىرقەدەر
چوڭقۇر تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم. - 1989يىلى، مەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپ پىكىرلىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدىم .ئۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى، بۇ زاتنى
بېيجىڭدا چاڭئەن كوچىسىغا جايلاشقان مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى ئالدىدا تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئىدىميۇ، بىرخىل ئەيمىنىش ئىچىدە بىر قانچە مېتىر يىراقلىقتىن
جىمجىت قاراپ قالغان، يېنىغا بېرىپ ئەھۋاللىشىشقا پېتىنالمىغان ئىدىم - 1989 .يىلى بولسا، ماڭا بۇ زات بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىش نېسىپ
بولۇپ قالدى .ئەينى چاغدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ ئىستېداتلىق يازغۇچىنىڭ «ئويغانغان زېمىن» رومانىنىڭ بىرىنچى كىتابى نەشر قىلىنغان بولۇپ،
ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى مەسئۇلى مېنى ئاپتورغا بېرىلىدىغان بىرقانچە پارچە كىتابنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتكەن ئىدى .مەن ئالدىنئالا ئۇقۇۋالغىنىم بويىچە، ئۈرۈمچى
بوغدا يولى تەۋەسىدىكى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆيىنى ئاسانلا تېپىپ باردىم .ئىشىكنى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ رەپىقىسى خەلىچىخان ھەدە ئاچتى .مەن سالام بېرىپ، كېلىش
مەقسىتىمنى ئېيتقاندىن كېيىن، خەلىچىخان ھەدە مېنى كۈنگەي تەرەپتىكى مېھمانخانا ئۆيىگە باشلىدى .مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى يېنىدىلا قامەتلىك، خۇشچىراي ئۆتكۈر
ئەپەندى ئۆرە تۇراتتى .ئەسلىدە مەن كىتابلارنى ئۆتكۈر ئەپەندىگە تاپشۇرۇپلا قايتىشنى ئويلىغان ئىدىم .ئەمما، ئۆتكۈر ئەپەندى مېنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ
كۆرۈشتى - دە، قولۇمدىكى كىتابلارنى ئېلىپ ئوتتۇرىدىكى ئۇزۇن شىرەنىڭ يېنىغا قويۇپ، مېنى قىبلە تامغا يۆلەپ قويۇلغان مېغىز رەڭ ساپاغا تەكلىپ قىلدى .مەن قو
رۇنۇپراق ساپاغا ئولتۇردۇم .ئۆتكۈر ئەپەندى بولسا ئۇدۇلۇمدا − شىرەنىڭ يەنە بىر يېقىغا قويۇلغان يۆلەنچۈكلۈك ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى .ئۆتكۈر ئەپەندى
مېنىڭدىن نەشرىياتقا قاچان كەلگىنىمنى، قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىمنى، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى بىر - بىرلەپ سورىدى .مەن ئۇنىڭ سوئاللىرىغا لايىقىدا
جاۋاب بەردىم .ئارىلىقتا ئۆتكۈر ئەپەندى مېنىڭدىن: − بىرەر چەت ئەل تىلى ئۆگەندىڭىزمۇ، ئۇكام؟ − دەپ سورىدى .مەن: − بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقىنىمدا بىر مەزگىل ياپون تىلى ئۆگەنگەن ئىدىم .ياپون تىلىدىن دەسلەپكى ساۋاتقا ئىگىمەن .ھازىرمۇ خىزمەت جەريانىدا ئۆگىنىۋاتىمەن، −
دېدىم . − بەك ياخشى قىپسىز ئۇكام، ئانا تىلغا پىششىق بولغاندىن سىرت، بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش تولىمۇ مۇھىم ئىكەن .سىلەر ياش، تازا غەيرىتىڭلار ئۇرغۇپ تۇ
رغان ۋاقتىڭلار، ۋاقىتنى تۇتۇپ ئىمكانقەدەر كۆپرەك بىلىم ئىگىلىۋالغىنىڭلار ياخشى، − دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا بارغان چېغىدا يولۇققان بىر ئىشىنى سۆزلەپ بەردى
.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى - 1986 يىل - 1 ئاينىڭ - 26 كۈنىدىن - 29 كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ سانتا باربارا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق
مىللەتلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت، تارىخى ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشقان ئىكەن .ئۇ يىغىندا «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە يازغان بىر پارچە
ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپتۇ .ماقالىسى يىغىندا ياخشى باھاغا ئېرىشىپتۇ .يىغىندا ئىنگلىز، خەنزۇ تىللىرى قوللىنىلىپ، كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار ماقالىلىرىنى ئىنگلىز تىلىدا،
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئاز بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار خەنزۇ تىلىدا ئوقۇپتۇ .يىغىن ئارىلىقىدىكى ئىختىيارىي سۆھبەتتە، چەت ئەللىك بىر تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم
ئۆتكۈر ئەپەندىدىن :«يىغىندا ئوقۇغان ماقالىڭىز پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن .بىلىشىمچە، سىز جۇڭگودا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا نوپۇزلۇق
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى ئىكەنسىز .سىزگە قايىل بولدۇم .كەچۈرۈڭ، سىزدىن بىر مەسىلىنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ .يىغىندا ماقالىڭىزنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇدىڭىز .چەت ئەل
تىللىرىنىمۇ بىلىدىغانسىز؟» دەپ سوراپتۇ .شۇ چاغدا، ئۆتكۈر ئەپەندى بىر ئاز ئوڭايسىزلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە، گېرمانچە، فرانسۇزچە قاتارلىق تىللاردىن ساۋاتى
يوقلۇقىنى، ئەرەب، پارس، رۇس تىللىرىدىن ئاز - تولا خەۋىرى بارلىقىنى، لېكىن ھېچقايسىسىدا نۇتۇق سۆزلىگۈدەك سەۋىيىگە يەتمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئۆتكۈر ئەپەندى ماڭا يۇقىرىقى جەرياننى سۆزلەپ بېرىپ، شۇ ئاخشىمى ئۆزىنىڭ كېچىچە ئۇيقۇسى كەلمىگەنلىكىنى، بىرەر چەت ئەل تىلىنى پىششىق ئىگىلىمىگەنلىكىدىن
قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكىنى، ئىلمىي ساھەگە كىرىمەن دېگەن ئادەمنىڭ خەلقئارادا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىنگلىز، رۇس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىشى زۆرۈرلۈكىنى، بىر
تىلنى ئارتۇق بىلگەن كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ نىسبەتەن كەڭرەك بولىدىغانلىقىنى، تىل ئۆگىنىشنىڭ ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
.شۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرىدە ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچىنى بىلمىگىنىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن، ئامېرىكىدىكى ئالىملار ئۆزىگە تەقدىم قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر
ئىنگلىزچە كىتابلارنى ئوقۇيالمىغىنىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان ئۆتكۈر ئەپەندى كېيىنچە كىچىك قىزى زۇلھاياتنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە
ئوقۇتقان ئىدى ...ئەينى چاغدا، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى مېنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ئىرادەمگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى .مەن بىر تەرەپتىن،
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تىل ئۆگىنىش ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ تۈرتكىسى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزۈمنىڭ ياپون ئەدەبىياتىغا بولغان قىزىقىشىمنىڭ ئىلھامى بىلەن، ئەسلىدە
ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆگىنىشكە باشلىغان ياپون تىلىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل ئىگىلەشكە يۈزلەنگەن ئىدىم .مەن ياپون تىلىغا ئۈزلۈكسىز
بېرىلىش نەتىجىسىدە، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك سەۋىيە ھاسىل قىلدىم :ياپونچە ماتېرىياللارنى ئانچە قىينالمايلا ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ھەم ياپونچە سۆ
زلىشەلەيدىغان بولدۇم - 1994 .يىلى «ياپون تىلى» ناملىق ئۆگىنىش قوللانمىسىنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردۇم .ئەينى چاغدا، مەن بۇ كىتابتىن بىرنى ئۆتكۈر ئەپەندىگە
ھەدىيە قىلغان ئىدىم، بۇ زات ئىنتايىن سۆيۈنۈپ مېنى تەبرىكلىگەن ئىدى . بۈگۈنكى كۈندە، خۇددى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ كۈتكىنىدەك، جەمئىيىتىمىزدە چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلىندى .نۇرغۇن
ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئىنگلىز تىلى قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىنى ئىگىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ .ئىلىم ساھەسىنى
ئالساق، ئىنگلىز، رۇس، گېرمان، فرانسۇز، ياپون، ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئىگىلىگەن بىر تۈركۈم ياش تەتقىقاتچىلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ .ئەدەبىيات - سەنئەت
ساھەسىنى ئالساق، باشقا ساھەلەرگە سېلىشتۇرغاندا، چەت ئەل تىللىرى جەھەتتە نىسبەتەن ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بىۋاسىتە چەت
ئەل تىللىرىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلالايدىغان، ئۇيغۇر تىلىدىن چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلالايدىغان قابىل ياش تەرجىمانلار مەيدانغا كەلدى .مەيلى قانداقلا
بولسۇن، بىزدە چەت ئەل تىلى تەرجىمىچىلىكى يەنىلا تەلەپتىن خېلىلا يىراق ھالەتتە تۇرماقتا .نۆۋەتتىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى چەت ئەل
تىلى زۆرۈرىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ياشلىرىمىزغا قىلغان چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ھەققىدىكى تەۋسىيىلىرى ھېلىھەم چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، بىز ئىككى سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلاشتۇق .مېنىڭدىكى قورۇنۇش، تارتىنىشلارمۇ ئاللىقاياقلارغا غايىب بولدى .چۈنكى،
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئاجايىپ سەمىمىي، يېقىنلىق بىلەن قىلغان مۇئامىلىسى كۆڭلۈمدىكى ئەندىشىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان ئىدى .شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ئۆتكۈر
ئەپەندى - 1995 يىل - 10 ئاينىڭ - 5 كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانغا قەدەر، بۇ زات بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتتە بولدۇم - 1993 .يىلى ئەتىيا
زدا، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ خانىسىدىكى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە، شۋېتسىيىلىك مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس، دىپلومات گۇننار ئالفېرد ياررىڭ )2005 -1907( ئەپەندىنى تىلغا
ئېلىپ قالدىم .شۇ چاغدا ئۆتكۈر ئەپەندى ئىپتىخارلانغان ھالدا: − ياررىڭ ئەپەندى ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى توپلاش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە زور تۆھپە كۆرسەتكەن كىشى .بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ كىشى
شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغىمۇ كۈچ چىقارغان، − دېدى - دە، ياررىڭ ئەپەندىگە ئائىت ئۆزى بىلىدىغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. - 1978يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە - 1979 يىلىنىڭ بېشىدا، ياررىڭ ئەپەندى ئېلىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جاي
لاردا زىيارەتتە بولغان ئىكەن .ياررىڭ ئەپەندى شۇ قېتىمقى تۇرپان سەپىرىدە، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى خارابىلىكىگىمۇ بارغان ئىكەن .بۇ دەل قىش مەزگىلى بولۇپ،
ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېھقانلار بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ سېپىل تاملىرىنى كەتمەن بىلەن چېپىپ، ئېشەك ھارۋىلىرىغا قاچىلاپ تۇپراق
كۈچلەش ھېسابىدا ئېتىزغا توشۇۋاتقان ئىكەن .تۇرپاننىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ياررىڭ ئەپەندى دېھقانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا چىداپ
تۇرالماپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ نەسىھەت قىلىپ توسۇپتۇ .لېكىن، دېھقانلار تەرسالىق قىلىپ، ئۇنىڭ گېپىنى قاپتىلىغىمۇ ئالماپتۇ .ياررىڭ ئەپەندى نادان
دېھقانلارغا ئۆزلىرى چېپىپ ئوغۇت قىلماقچى بولغان بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ تەۋەررۈك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىر يوقالسا ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى ھارغىچە
ئېزىپ ئىچۈرۈپ چۈشەندۈرۈپتۇ .دېھقانلار شۇنىڭدىمۇ پەيلىدىن يانماپتۇ .شۇ چاغدا، ياررىڭ ئەپەندى سالاھىيىتىنى قايرىپ قويۇپ، دېھقانلارنىڭ كەتمىنى ئاستىدا توپىدىلا
ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ .بۇنى كۆرگەن دېھقانلار ئارىسىدىكى بىرى :«ئاغىنىلەر، بۇ چەت ئەللىك شۇنچىلىك قىلىپ كېتىۋاتىدۇ .بۇنىڭدا بىر گەپ بار .بولدى قىلايلى، قايتىپ
كېتەيلى!» دەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن، دېھقانلار قايتىشقا تەرەددۇت قىپتۇ .ياررىڭ ئەپەندى بولسا شۇئان يېنىدىن بىر قانچە يۈز يۈەن خەلق پۇلىنى چىقىرىپ :«بۇنىڭغا
ئوغۇت ئېلىڭلار» دەپ دېھقانلارغا بېرىپتۇ .دېھقانلار پۇلنى ئېلىپ قايتىشىپتۇ .ياررىڭ ئەپەندى تۇرپان شەھىرىگە قايتقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئو
رگانلىرىغا تۇرپاندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىغا بولغان قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىپتۇ. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگىنىگە 16 يىل بولدى .ئەمما، بۇ سۆزلەر خۇددى تۈنۈگۈن ئېيتىلغاندەكلا قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ .ئەينى چاغدا،
ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قەدىرلەش ھېسسىياتىنى، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن تۇغۇلغان ئېچىنىش تۇيغۇسىنى ياررىڭ ئەپەندىگە
ئوخشاشلا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدى .يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، دىيارىمىزدا قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتى
كۈچەيتىلدى .لېكىن، خېلى كۆپ كىشىلىرىمىزدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇش تېخى يېتەرلىك ئەمەس .شۇ سەۋەبتىن، ئۇزاق
تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسارئەتىقىلەر، بىر قىسىم مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تەۋەررۈك تۇرالغۇ جايلىرى ھېلىھەم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا .شۇنى تونۇپ
يېتىش كېرەككى، بۇ نەرسىلەر دىيارىمىزدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى ئۈچۈن خۇددى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا تېگىشلىك نەرسىلەردۇر .چۈنكى، بۇ نە
رسىلەر بىباھا تارىخىي، ئىلمىي قىممەتكە ئىگە .بۇلار بىر يوقالسا، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس .ياررىڭ ئەپەندى 30 يىل ئىلگىرى ئاجايىپ چىن ئىخلاسى
بىلەن ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنى قوغدىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىزدە شۇنچىلىك روھ يوقمۇ؟ ياررىڭ ئەپەندىدەك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمىزمۇ؟ مېنىڭچە، بۇ
ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. مەن - 2002 يىلىدىن - 2006 يىلىغىچە ياپونىيىدە تۆت يىل ئوقۇش ۋە تەتقىقاتتا بولدۇم .بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئېرىشتىم .ياپونىيىلىكلەرنىڭ قە
دىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى، ئاسارئەتىقىلەر، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئىز جايلىرى، ئىبادەتخانا، مازارلارنى مۇكەممەل ساقلىغانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر تەسىر
اتىمدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى بولدى .ياپونىيىدە بۇ نەرسىلەرنى قوغداشقا ھۆكۈمەت ئەھمىيەت بەرگەننىڭ سىرتىدا، قوغداش، ئاسراشنى ھەر بىر پۇقرا ئۆزىنىڭ ئاڭلىق
ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرغان ئىكەن .مەنپەئەت تۈپەيلىدىن بۇ نەرسىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، يوقىتىۋېتىش قىلمىشى ئەسلا يۈز بەرمەيدىكەن، بەلكى ھەر بىر كىشى بۇ
نەرسىلەرنى قەدىرلەيدىكەن، ئۇلارغا ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن بېرىدىكەن .مەسىلەن، ئەدەبىيات خاتىرە سارىيىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ياپونىيىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئە
دەبىيات خاتىرە سارىيىدىن75 ى بار ئىكەن .ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات خاتىرە سارايلىرى300 دىن ئاشىدىكەن .بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئايرىم -
ئايرىم ئەدىبلەر نامىغا، بەزىلىرى پۈتكۈل ياپونىيە ئەدەبىياتىغا ئاتاپ سېلىنغان ئىكەن .ئەدىبلەرنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان خاتىرە سارايلار شۇ ئەدىبنىڭ تۇغۇلغان
يۇرتى، ئاساسلىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان جايى ۋە ۋاپات بولغان جايىغا تەسىس قىلىنغان ئىكەن .قايسىلا شەھەر ياكى رايونغا بارسىڭىز، خاتىرە سارايلار كۆ
زىڭىزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن .ئەدەبىيات خاتىرە سارايلىرىنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، كۆرۈنۈشى تولىمۇ نەپىس، كۆركەم ئىكەن .ئەدىبلەرنىڭ
نامىغا ئاتاپ سېلىنغان خاتىرە سارايلىرىنىڭ ئىچىگە شۇ ئەدىبكە مۇناسىۋەتلىك جىمى نەرسىلەر − ئۇنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرى، قوليازمىلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى،
ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات كىتابلىرى، ئىشلەتكەن قەلەم، سىياھ - دۈۋەتلىرى، سومكا، كىيىم - كېچەكلىرى قاتارلىقلار قويۇلغان بولۇپ، كىشىگە تەسىرلىك،
جانلىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدىكەن .بۇ نەرسىلەرنىڭ شۇنچە مۇكەممەل ساقلانغانلىقى، جەمئىيەت تەرىپىدىن يېتەرلىك قوغداشقا، ئاسراشقا، ئىززەت-ھۆرمەتكە
ئېرىشىدىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئىختىيارسىز ئاپىرىن - تەھسىنلەر ئېيتقۇزىدۇ .مەن ياپونىيىدىكى ھەربىر خاتىرە سارىيىغا بارغىنىمدا، ئەينى چاغدا ئۆتكۈر
ئەپەندى سۆزلەپ بەرگەن گۇننار ياررىڭ ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەنى يادىمغا ئالماي تۇرالمىدىم .ئەسلىدە بىزدىمۇ شۇنداق روھ، شۇنداق ئاڭلىقلىق بولۇشقا
تېگىشلىك، ئەلۋەتتە. يەر شارى مۇھىتىنى ئاسراش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەر چەكلەش، ئىقتىسادنى سىلجىتىش نۆۋەتتە ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر خىرىس ۋە رىقابەتتۇر
.بۇنىڭ ئىچىدىكى زەھەر چەكلەش خەلقىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ .چۈنكى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ - 80 يىللىرىدىن باشلاپ خېروئىن، كوكائىن
قاتارلىق نىجىس چېكىملىكلەر دىيارىمىزغا ئېقىپ كىرىپ ئاستا - ئاستا يامرىدى .نۇرغۇن ياشلىرىمىز مۇشۇ زەھەرلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىستىقبالىنى يوقاتتى، ئاتا -
ئانىسىنى قاڭغىر قاقشاتتى، مال - مۈلكىنى كۈل قىلدى، خوتۇن - بالىسىدىن ئايرىلدى، جېنىدىن جۇدا بولدى .جەمئىيەتكە، دۆلەتكە زىيان سالدى .ئەينى چاغدا −
زەھەر ئاپىتى يامراشقا باشلىغان مەزگىلدىلا، ئۆتكۈر ئەپەندى بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغان ئىدى .مەتبۇئاتلاردا مەخسۇس مۇشۇ تېمىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ،
ياشلىرىمىزنى زەھەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. - 1993يىلى ياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر دەم ئېلىش كۈنى ئىدى .مەن ئۆتكۈر ئەپەندىدىن ئارىيەت ئالغان چەت ئەلنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت بىر پارچە
كىتابىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بۇ زاتنىڭ ئۆيىگە قەدەم تەشرىپ قىلدىم .ئۆتكۈر ئەپەندى مېھمانخانىسىنىڭ چېتىدىكى ئەپچىلگىنە ئىجادىيەت ئۆيىدە يېزىقچىلىققا
بەنت بولۇۋاتقان ئىكەن. − يەنە بىر كاتتا ئەسەرگە تۇتۇش قىلىۋاتامسىز - نېمە، ئۆتكۈر ئاكا؟ − دېدىممەن سالاملىشىشتىن كېيىن قىزىقىشىمنى يوشۇرالماي. − كاتتا ئەسەرمۇ ئەمەس، زەھەرلىك چېكىملىك ياشلىرىمىزنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ .بۇنىسى يامان بولدى .زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ پەيدا قىلىۋاتقان تراگېدىيىلىرى ھەققىدە
يىرىك بىر نەرسە يېزىپ بېقىش ئويۇم بار ئىدى .شۇنىڭغا ئانچە - مۇنچە ئىزدىنىپ بېقىۋاتىمەن، − دېدى ئۆتكۈر ئەپەندى. − ياخشى بوپتۇ، ئۆتكۈر ئاكا .ئۇنداق بولسا، چوقۇم ئېسىل بىر ئەسەر چىقىدۇ، − دېدىممەن ھاياجانلانغان ھالدا. − زەھەرلىك چېكىملىك خەلقىمىزگە يوشۇرۇن ئاپەت بولدى .بۇنىڭ ھەممىسى نادانلىقتىن، گۆدەكلىكتىن، ئىرادىسىزلىكتىن بولۇۋاتىدۇ، − دېدى ئۆتكۈر ئەپەندى
ئەپسۇس بىلەن بېشىنى چايقاپ، − زەھەرلىك چېكىملىكتىن يىراق تۇرۇش تامامەن مۇمكىن .بۇ، شۇ ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق .ئەلۋەتتە، جەمئىيەت، ئاتا -
ئانىلار، ئۇستاز - مۇئەللىملەر ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، پەرزەنتلەرگە بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىشى، تەربىيە ئۇسۇلىنى ياخشى تاللىشى لازىم. بىز يەنە بىرئاز پاراڭلاشتۇق .مېنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن كۆپرەك سۆھبەتلىشىش ئويۇم بولسىمۇ، ئىجادىيەت ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كىتابنى تاپشۇ
رۇپ رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتىم .يولبويى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى، زەھەر چېكىشنىڭ زىيىنىغا بولغان دىققەت - ئېتىبارى خىيالىمدىن كەتمىدى .ئۇ، ھەقىقىي ئە
دىب، خەلققە غەمخور، خەلققە ھېسداش، خەلققە مەدەتكار ئەدىب ئىدى .ئۇنىڭ ئەسىرىدىنمۇ، گەپ -سۆزىدىنمۇ، روھىي ھالىتىدىنمۇ خەلققە مۇڭداشلىقى بىلىنىپ تۇ
راتتى. جەمئىيىتىمىزدە زەھەر چېكىشنىڭ ئاپىتى ھېلىھەم مەۋجۇت، زەھەر تۈپەيلىدىن نابۇت بولۇۋاتقانلار ھېلىھەم بار .ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىشنى
مەقسەت قىلىپ ئېيتقان سەمىمىي سۆزلىرى ھېلىھەم تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، ھېلىھەم چاقىرىق كۈچىگە ئىگە. يۇقىرىدا، ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ تۈرلۈك مەسىلە ۋە بۇ ھەقتىكى قىسقىچە مۇلاھىزىلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم .بۇنىڭدىن
شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىنكى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر − ئۇ، ۋىجدان بۇرچىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن بۈيۈك ئەدىب، مەدەنىيەت سەركەردىسى، يۈرىكى خەلقنىڭ يۈرىكى
بىلەن تەڭ سوققان، ۋۇجۇدى خەلقنىڭ غېمى بىلەن سىلكىنگەن، ۋىجدانى خەلقنىڭ ئازابى بىلەن ئۆرتەنگەن ئالىيجاناب زات. خۇددى ئۇ: «بۇلبۇل ئېيتۇر :گۈلزارىمدىن ئايرىما، لاچىن ئېيتۇر :قانىتىمنى قايرىما. مەن ئېيتۇرمەن :بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن، مېنى خەلقىم قۇچىقىدىن ئايرىما» دېگەن رۇبائىيسىدە ئىزھار قىلغىنىدەك، ئۆز ئەمەلىيىتىدىمۇ بېلىق بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈردى .بۇ زاتنىڭ مىسقالچىلىك سۆزىنىڭ پاتمانلاپ ۋەزنى بار
ئىدى .ئۇنىڭ پاتمانلاپ ۋەزنى بولغان سۆزلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىش ۋە ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش − ئىنسانىي قەدىر - قىممىتىنى ئىزدىگۈچى ھەربىر
ۋىجدانلىق كىشى، بولۇپمۇ كەڭ ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان ئىش . (ئاپتور :شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن)
|