www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
مېھىر- مۇھەببەتنىڭ چېگرىسى يوقتۇر
ئاپتور:خەمىت نېغمەت    چېكىلىش سانى:2994    ۋاقتى:2010-5-18    . www.seltenet.com .

       ئىنسانىيەت تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئامىللار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئەڭ جاپالىق، قىيىن، قاباھەتلىك چاغلاردا «مېھىر - مۇھەببەت»نىڭ ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ، ئۆزىدىكى «ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، دوستلۇق» سېھرىي كۈچى بىلەن ئىنسانىيەتنى قىيىن ئەھۋاللاردىن قۇتۇلدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن، 20  -ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ناتسىستلارنىڭ قاباھەتلىك تۆمۈر تاپىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى يەنچىش ئۈچۈن خىرىس قىلغاندا، دۇنيادىكى ئادالەتپەرۋەر ئەل ھۆكۈمەتلىرى، خەلقلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، كۈچلۈك ھەيۋە بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ناتسىست ئارمىيىسىنى بويسۇندۇرۇپ، دۇنيانى بىر قېتىملىق قورقۇنچلۇق چۈشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى؛ ئەمگەكچان، تىرىشچان جۇڭگو خەلقى ياپون جاھانگىرلىكى بىلەن قانلىق كۈرەش قىلغان يىللاردا ھەق - ئادالەتنى ياقلىغۇچىلار جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇردى؛ كانادالىق ئىنتېرناتسىئونالىزم جەڭچىسى، دوختۇر بېتيۇن قاتارلىق كىشىلەر ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئەسلىدە، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مېھىر - مۇھەببەت كۈچى بېتيۇن قاتارلىق كىشىلەرنى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەنىدى؛ 2008 - يىل 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا  ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىنىڭ بېرما دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئۆلۈم  - يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن مال  - مۈلۈك زىيانغا ئۇچراپ، بېرما ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئېغىر كۈنگە قالغاندا، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا خەلقى مېھىرلىك ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بېرما خەلقىنىڭ بۇ قېتىملىق  ئاپەت ۋە قىيىنچىلىقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىشىغا زور دەرىجىدە ھەمدەمدە بولدى؛ يەنە بۇ يىل 5 - ئايدا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن قاتارلىق جايلىرىدا يۈزبەرگەن پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر ئۆلۈم  - يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلدى، مال  -مۈلۈك ئىنتايىن زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى. ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەردىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاكتىپلىق بىلەن پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكىلەرگە بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلىدى. ئېلىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىدىن ئالاھىدە تەشكىللەنگەن تېخنىكىلىق قۇتقۇزۇش ئەترىتى سىچۈەنگە كېلىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى؛ ياپونىيە، كورىيە، سىنگاپور، روسىيە فېدراتسىيىلىرىدىن ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەترەتلىرى كەلدى. ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، پاكىستان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن كېيىن يۇرت  -ماكانىنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ماددىي، مەنىۋى ياردەملەرنى بەردى. دېمەك، بۇ يەردە مېھىر  -مۇھەببەت دۆلەت، مىللەت چېگرىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، داۋالاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىگە - چاقىسىز قالغانلارغا ئىگىدارلىق قىلىش، ماددىي بۇيۇملارنى ۋاقتىدا توشۇش، ئاممىغا تارقىتىش... جەھەتلەردە كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان نەمۇنىلىك ئىشلار، كىشىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىلھام -مەدەت  بېرىدىغان ھېكايىلەر بارلىققا كەلدى. يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك، ئالىيجانابلىق، مېھىر - مۇھەببەت ئۆزىنىڭ كارامىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى تەسىرلەندۈردى...
       شۇنداق، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھىر  -مۇھەببەت چېگرىسز بولۇپ، ئو ئورتاق بىرلىك ئىچىدە ئىنسانىيەتنى بىر رىشتىگە باغلايدۇ. ئۆزئارا خالىس نىيەت ۋە سەمىمىيەت سۇنۇق كۆڭۈللەرگە تەسەللىي ئاتا قىلىپ، تەمتىرىگەنلەرگە ئۈمىدۋارلىق ۋە ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىدۇ. ئۇ ھەربىر ئېرق، مىللەت ياكى خەلقنىڭ دىلىغا ئالەمچە ھېكمەت ۋە سۆيۈنۈش تۇيغۇسى بېغىشلىيالايدۇ. دۇنيا ئەنە شۇ مېھىر  -مۇھەببەتنىڭ كارامىتى بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ - ئاۋاتلىشىپ بارىدۇ. گەرچە، ئاپەت قانچە رەھىمسىز بولسىمۇ، ئۇنى بويسۇندۇرالايدىغان مېھرىبانلىقنىڭ كۈچ  - قۇدرىتى تەڭداشسىز ھەم چەكسىزدۇر!
       بىز بىر - بىرىمىزدىن مېھىر - مۇھەببىتىمىزنى ئايىمايلى، ئىنسانىيەت ئالىمىنى، تەبىئەتنى چىن قەلبىمىز بىلەن سۆيۈپ، ھاياتىمىزنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى. چۈنكى، بىز تەقدىم قىلغان ئاشۇ بىر ئۈلۈش مېھىر - مۇھەببەت بىزنى ھەسسىلەنگەن مېھىر - مۇھەببەتكە نائىل قىلىدۇ!

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 توققۇز تۈپ ئالتۇن د...
 مەردلەرنىڭ مېھرىدە ياشنايدۇ ئا...
 ھۆرمەتنىڭ قىممىتى ۋ...
 بۈگۈنىنى ئەزىزلىگەننىڭ  ئەتىسى خار...
 بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا مۇھ...
 ئۇيغۇر پىچاقلىرى

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号