www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «يانداشما»
ئاپتور:سەلتەنەت    چېكىلىش سانى:10364    ۋاقتى:2008-10-28    . www.seltenet.com .

دېھقان بالىلىرىنىڭ پارچە خىراجەت سېلىقى كەچۈرۈم قىلىندى. دەرسلىك كىتابلار ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى. ئەمما، بەزى رەھبەرلەرنىڭ كەيپچىلىكتە نامرات دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوينىشىپ قول قويۇۋەتكەن، بىر - بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، قاتمۇقات تېڭىلغان «يانداشما ماتېرىياللار»، «پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى»نىڭ پۇلى ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرى تاپشۇرۇپ كەلگەن دەرسلىك كىتابنىڭ پۇلىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى پاختا تېرىش ئەمگىكى ئارقىلىق مەكتەپ مالىيىسىگە كىرىم قىلىدىغان 15 كۈنلۈك ئەمگەك پۇلى 150 يۈەندىن 180 يۈەنگىچە ئۆستى.
_ ھۆكۈمەت شۇنچىۋالا كىتابنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىۋاتسا، شۇنچىلىك يانداشما ماتېرىيالنى ھەقلىق ئوقۇمامدىكەن؟ ئوقۇغۇچى دېگەن كىتاب ئوقۇمىسا نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئىدىيىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەڭ. بولمىسا بۇ مۇدىرلىقنى قىلالمىدىم - دەڭ، _ دېدى بىر رەھبەر مەكتەپ مۇدىرىغا.
_ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيىۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىڭ، كاللىسىنى ھەل قىلىڭ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىزنى تۇتۇۋېلىش ئەمەس. سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋام تۇراقلىقى بىز بەلگىلىگەن نىسبەتكە يەتسۇن، ئوقۇغۇچىلاردىن يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك تۈرلۈك ھەقلەرنى تولۇق يىغىپ تاپشۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، بىز سىزنىڭ مائاشىڭىزغا بىكاردىن - بىكار چېقىلمايمىز. بولمىسا بۇ خىزمەتنى ئىشلىيەلمىدىم دەپ، %30 تۇرمۇش پۇلى ئېلىپ ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. قالغان مائاشىڭىزغا ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىدىن ئىككىنى تەكلىپ قىلسام، جان دەپ ئىشلەيدۇ بۇ خىزمەتنى، _ دېدى مەكتەپ مۇدىرى 12 - ئايلىق مائاشىدىنمۇ قولىغا تۈزۈك پۇل ئاشماي ھال ئېيتىپ كىرگەن سىنىپ مۇدىرىغا.
_ بىزگە ھازىر پۇل مۇھىم. قانداق، ھەرقايسىڭ گەدىنىڭدىكى پۇلنى ئەكېلىشتىڭمۇ - يوق؟ گېپىڭنى ئوچۇق قىلىش، ئەگەر دېگەن ۋاقىتتا پۇلنى تاپشۇرۇپ بولالمايدىكەنسەن، كېچىكتۈرگەن ھەربىر كۈنۈڭ ئۈچۈن جەرىمانە بىلەن قوشۇپ ئالىمەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە دىپلوم ئالغىنىڭنى بىر كۆرەي، _دەپ چېچىلدى سىنىپ مۇدىرى ئۆز سىنىپىغا دەرسكە كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ھەققىدىكى تەلىپىگە ئۆز - ئۆزىدىن چېچىلىپ.
_ جەرىمانە، ئەمگەك پۇلى، قوشۇمچە ماتېرىيال پۇلى دەپ ئۆيدىكى تېلېۋىزور، ۋېلىسىپىت، ئاشلىق، قوي - كالىلىرىمىزنى تارتىۋېلىپمۇ يەنە تويمىغانمىدۇ بۇ مەكتەپ؟ _ دەپ غۇدۇراشتى ئوقۇغۇچىلار.
ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ. زادى مۇشۇ گەپلەرنىڭ قانچىلىكى راست؟
(ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە ئاۋات بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 شەھەرلىكلەرگە يېتى...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号