www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ
ئاپتور:گۈلنار مامىربېك    چېكىلىش سانى:7368    ۋاقتى:2008-9-20    . www.seltenet.com .

قازاق قىزى

    قازاقلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قازاقىستاننى مەركەز قىلغان ھالدا، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، موڭغۇلىيە، روسىيە، ئىران، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. دۇنيادىكى قازاقلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 11 مىليوندىن ئاشىدۇ.
جۇڭگودىكى قازاقلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتتە ۋە مورى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىلىرىدە، ئۈرۈمچى، سانجى دائىرىسىدىكى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىر قىسمى گەنسۇنىڭ ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. 2000 - يىلىدىكى نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سىتاتىستىكىسىدا، ئېلىمىزدىكى قازاقلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 250 مىڭ 500 بولغان.
قازاقلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار. قازاق تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ غەربىي ھون تىل تارمىقىغا كىرىدۇ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قازاق يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
قازاقلار تارىختىن بۇيان يايلاق، سۇ قوغلىشىپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن مىللەت. ھازىر كۆپچىلىك قازاق خەلقى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، ھەم چارۋىچىلىق، ھەم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولدى. يەنە بىر قىسمى يېزا، شەھەرلەرگە كىرىپ سانائەت ۋە باشقا تۈرلۈك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا.
قازاقلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مول ۋە خىلمۇخىل، رىۋايەت، ھېكايەت، بالىلار چۆچىكى، ماقال - تەمسىل ۋە تېپىشماق قاتارلىق شەكىللىرى بار. ئۇلار «ئۆلەڭ ئېيتىشىش» ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تۆھپىلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا سۆزلەپ بېرىدۇ. قازاقلارنىڭ تۇرمۇشى ناخشا ۋە شېئىرىي تۈسكە تولغان بولۇپ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاساسلىق چالغۇلىرىدىن دومبىرا، قوۋۇز ۋە سىبىزغا قاتارلىقلار بار.
قازاقلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىدە گۆش ۋە سۈت تىپىدىكى مەھسۇلاتلار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. قازاقلارنىڭ «باۋۇرساق»( بوغۇرساق)ى ئۆزگىچە تەم ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە. قازاقلار ئادەتتە  سۈتلۈك چاي ۋە قىمىز ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆيىگە كەلگەن مېھمانغىمۇ ئالدى بىلەن سۈتلۈك چاي تۇتىدۇ، سۈتلۈك چايغا نان - بوغۇرساقلارنى تۆگۈرۈپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قازاقلارنىڭ «كۆپە»سى _ تۆگە يۇڭى سېلىپ تىكىلىدىغان تون بولۇپ، ئىنتايىن يېنىك ھەم ئىسسىق بولىدۇ. قازاق قىزلىرى كىيىدىغان كەشتىلىك دوپپا __ «تاقىيا»غا ئۈكە قادىلىدۇ.
قازاقلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە - يوسۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇلار يۈزتۇرانە ھالدا ئۆي ئىگىسىنىڭ مال - چارۋىلىرىنى ساناشنى يامان كۆرىدۇ؛ مال باغلىغان ئارقاندىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە، قوي توپى ئىچىگە ئاتلىق كىرىشكە بولمايدۇ؛ يۈزتۇرانە ھالدا باشقىلارغا «بالىڭىز بەك چىرايلىق» ئىكەن دېيىشكە، بولۇپمۇ «بالىڭىز بوتلاقتەك سېمىز» ئىكەن دېيىشكە بولمايدۇ،  بۇنداق سۆزلەر بالىغا بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلاردا يەنە چوڭلارنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇل ئاتاپ چاقىرىشنى يامان كۆرىدۇ...
قازاقلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئاق قۇنى ناھايىتى قەدىرلەپ، ئۇنى خاسىيەتلىك قۇش، قۇت نىشان، دەپ كەلگەن. مەيلى قانداق ئىجتىمائىي تۈزۈم ئاستىدا، قانداق زامان، قانداق دىنىي ئېتىقاد تەسىرىدە بولسۇن، قازاقلارنىڭ ئاق قۇغا بولغان تونۇشى تا بۈگۈنگىچە ئۆزگەرمەي كەلدى. قازاقلار ئاق قۇنى ئۆز مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە باغلايدۇ، بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن رىۋايەت، شەجەرىلەر بار. ئاق قۇ ناھايىتى سۇمباتلىق بولۇپ، ئاۋازى يېقىملىق ھەم ياڭراق ئاڭلىنىدۇ، ھەرىكىتى مۇلايىم، نازاكەتلىك قۇش. قازاقلار پاكلىق - گۈزەللىكنى ئاق قۇنىڭ گۈزەللىكى بىلەن سۈرەتلىسە، ئاق قۇنىڭ ئاۋازىنى مۇڭلۇق ئاۋازنىڭ سىمۋولى، دەپ بىلىدۇ، ئاق قۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئۇسسۇلغا ئۆرنەك قىلىدۇ. قازاقلار تارىختىن بۇيان، ئاق قۇغا بېغىشلانغان ئىشق - مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتقان ۋە گۈزەل كۈيلەر بىلەن ئورۇندالغان ئۇسسۇللارنى ئويناپ كەلگەن ۋە ئاق قۇنى قەدىرلەپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قۇت نىشانى قىلغان.
ئاق قۇ __ يۈكسەك پاكلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئادىللىقنىڭ بەلگىسى. ئۇنىڭدىن ساپ مۇھەببەتنىڭ، پىداكارلىقنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ روھىنى تاپقىلى بولىدۇ.
قازاق تارىخىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئاباي قۇنانباي، ئەخمەت بايتۇرسۇن، مۇختار ئەۋىزوپ، مۇختار شاخانوپقا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئالىم ، ئەدىب، مۇتەپەككۇر، يازغۇچى، شائىرلار ئۆتكەن.


(ئاپتور: شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تاتار مىللىتى
 رۇس مىللىتى ۋە ئاق ك...
 شىبەلەر ۋە ئۇلارنىڭ قۇت نىشا...
 ئۆزبېكلەر
 قىرغىزلار ۋە «ماناس...
 بەيزۇلار
 ياۋزۇ مىللىتى

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号