قىرغىزلار ئۇزاق تارىخقا ، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى . ئېلىمىزدىكى قىرغىزلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىرقىسمى شىمالىي شىنجاڭدىكى دۆربىلجىن ، تېكەس ناھىيىلىرىدە ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇيۇ ناھىيىسىدە ( تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق نوپۇس ) تارقاق ئولتۇراقلاشقان . ئومۇمىي نوپۇسى 160 مىڭ 800 - 2000 ( يىلىدىكى سان )دىن ئارتۇق . قىرغىزلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار . قىرغىز تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ قىپچاق تىل تارمىقىغا كىرىدۇ . قىرغىزلار مىلادىيە 7 - ، 8 - ئەسىرلەردە قەدىمكى قىرغىز يېزىقىنى قوللانغان ، يەنى ئورخۇن ، يېنسەي يېزىقىنى قوللانغان . كېيىن يەنە ئەرەب ، پارس يېزىقىنى ئاساس قىلغان چاغاتاي يېزىقىنى ئىشلەتكەن ھەم چاغاتاي يېزىقى ئاساسىدا قىرغىز يېزىقىنى ئىجاد قىلغان . قىرغىزلارنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالىدا گۆش ، سۈت ، سېرىقماي ۋە بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان يېمەك - ئىچمەكلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ ؛ قىرغىزلارنىڭ قىممەتلىك يۇڭ - تېرىلەردىن ئىشلەنگەن تون ۋە كۆڭلەك - يوپكىلىرى چوڭ سۈپەت ھەم پىششىق بولىدۇ ؛ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قوي يۇڭى ، تۆگە يۇڭى ۋە قوتاز يۇڭلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولىدۇ . قىرغىزلار باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاشلا نورۇز بايرىمىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى سۈپىتىدە كاتتا مۇراسىملار ئارقىلىق داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ . قىرغىزلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرى ناھايىتى مول بولۇپ ، ئېلىمىز ۋە خەلقئارادا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە. « ماناس » __ قىرغىزلار ئارىسىدا ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئاغزاكى ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقان مەشھۇر تارىخىي داستان ، شۇنداقلا قىرغىز خەلقى پەخىرلىنىدىغان خەلق ئەدەبىياتى ئەسىرىدۇر . « ماناس » سەككىز قىسىمغا بۆلۈنىدۇ ، جەمئىي 200 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىر - قوشاقتىن تەركىب تاپقان . « ماناس » __ پۈتۈن ئېپوسنىڭ ئومۇمىي نامى ، شۇنداقلا 1 - قىسىمنىڭ نامى بولۇپ ، باشقا ھەربىر قىسىمنىڭ ئۆز ئالدىغا نامى بار ، بۇلار گەرچە مۇستەقىل قىسىم بولۇپ تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەزمۇنى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ ، باش - ئاخىرى ماسلاشقان ، پۈتۈن سەككىز قىسىمنى قوشسىڭىز ، يەنە بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ چىقىدۇ - 1 . قىسمى پۈتۈن داستاننىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ، شۇنداقلا مەزكۇر ئېپوسنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدا قەھرىمان ماناسنىڭ تۇغۇلۇشى ، ئۆسۈپ - يېتىلىشى ۋە تۆھپىلىرى بايان قىلىنغان - 2 . قىسمى « سەمەتەي » ، 3 - قىسمى « سەيتەك » بولۇپ ، بۇ قىسىملار ماناسنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىسىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئىبارەت ، قالغان بەش قىسمى ئۇلاردىن كېيىنكى بەش ئەۋلاد پەرزەنتلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدىن ئىبارەت . قىرغىزلارنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبىنى مەركەزلىك ئىپادىلەيدىغان ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بۇ ئەسەر قىرغىز خەلقىنىڭ زۇلۇمغا ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان . ئۇنىڭ مەزمۇنى جانلىق ۋە مول ، ۋەقەلىكى ئەگرى - توقاي ۋە تەسىرلىك ، تىلى ئاددىي . داستاندىكى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان شېئىرلاردا ، ھەم خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتتە رىيازەت چەككەنلىكى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ، ھەم قەھرىمانلارنىڭ زوراۋانلىققا باش ئەگمەسلىك ، ھەققانىيەتنى قوغداشتەك باتۇرانە روھى ماختالغان ، باتۇر ئوغلانلارنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان ، تىرىكچىلىك قىلغان يۇرتىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى مەدھىيىلەنگەن . « ماناس » بىر ئېپوس بولۇش سۈپىتىدە ، جىددىي ۋەقەلەر بىلەن تولغان ؛ خەلق ئەدەبىياتى بولۇش سۈپىتىدە ، ناخشا - مۇزىكا بىلەن ماسلىشىپ كەلگەن . ئۇنىڭدا سۈرەتلەنگەن قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى رىۋايەت شەكلىدە خەلقنىڭ قەلبىدە ياشاپ كەلمەكتە . مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ، « ماناس » ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تارقىلىش ئۇسلۇبى بىلەن ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان قىرغىز خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تارقىلىپ كەلمەكتە .
( خەمىت نېغمەت تەييارلىدى )
|