چاۋشيەن مىللىتى ئۇزاق تارىختىن بۇيان ، ئۆزىگە خاس مىللىي ئەنئەنىسى ، مىللىي مەدەنىيىتى ، مىللىي ئۆرپ − ئادىتى ئارقىلىق ، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا ياشاپ كەلمەكتە . چاۋشيەنلەر ئاساسلىقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ ، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى چاۋشيەنلەرنىڭ نوپۇسى 22 مىليون 114 مىڭدىن ئارتۇق ، كورېيىدىكى چاۋشيەنلەرنىڭ نوپۇسى 47 مىليون 640 مىڭدىن ئارتۇق . ئېلىمىزدىكى چاۋشيەنلەرنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 923 مىڭدىن ئارتۇق . ئېلىمىزدىكى چاۋشيەنلەر بۇنىڭدىن 100 نەچچە يىل ئىلگىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن ئوخشاش بولمىغان ئۈچ تارىخىي دەۋرگە بۆلۈنۈپ كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ ، شەرقىي شىمالدىكى جېلىن ، لياۋنىڭ ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىدە بىرقەدەر كۆپرەك ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە بېيجىڭ ، تيەنجىن ، شاڭخەي ، خاڭجۇ قاتارلىق چوڭ ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان . چاۋشيەنلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار . ھازىر چاۋشيەن تىلىنىڭ قايسى تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغانلىقى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ ، نۇرغۇن تىلشۇناسلار چاۋشيەن تىلىنى ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە، دەپ قارايدۇ، لېكىن تا ھازىرغىچە بىردەك پىكىرگە كېلىنگىنى يوق . چاۋشيەن يېزىقى خەنزۇ يېزىق شەكلى قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ ، چاۋشيەن تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ئالاھىدە بىرخىل يېزىق بولۇپ ، مىلادىيە 15 - ئەسىردە شەكىللەنگەن 40 . ھەرپى بار . چاۋشيەنلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە بولۇپ ، ئاياللار كۆپىنچە « سېگاۋلى » ، يەنى پۈرمىلىك ئۇزۇن يوپكا كىيىدۇ، كىچىك پانۇس شەكىللىك قىسقا كوپتىسىغا لېنتىلار ئېسىلىپ كۆكرىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باغلىنىدۇ . يوپكىسىنىڭ ئۇزۇنلىرى پۇتىنى ياپىدۇ ، قىسقىلىرى تىزدىن ئاشىدۇ ، يوپكىسى تۈز يوپكا ۋە يۆگىمە يوپكا دەپ ئايرىلىدۇ . يۆگىمە يوپكا پۈتۈن ئەنلىك بولۇپ بەدىنىنى يۆگەپ تۇرىدۇ، يۈرۈش - تۇرۇشتا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن ، بىر يېنىدىن چەك چىقىرىلىدۇ . ئەرلەر كۆپىنچە ئاق رەختتىن تىكىلگەن كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىدۇ . ئادەتتە ئۇچىسىغا ئاق كۆڭلەك ، ئاق شىم ، قارا كەمزۇل كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ . چاۋشيەنلەرنىڭ تائاملىرىدا گۈرۈچ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . چىلىغان كۆكتات ئۇلارنىڭ تاماق شىرەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ، ئۆزگىچە تەييارلانغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ . ئۇلار سوغۇق چۆپ ، مۇچ ۋە ساڭراۋ قۇلاق ( موگۇ ) يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئېچىتىلغان بۇغداي ، پۇرچاقلارغا تۇز سېلىپ تەييارلانغان سويۇق يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ . چاۋشيەنلەرنىڭ توي ئادەتلىرى ئۆزگىچە بولۇپ ، « يىگىت توي » ۋە « كېلىن توي » دەپ ئايرىلىدۇ . يىگىت ھەمراھلىرى بىلەن ئاتلىق قىز كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىز تەرەپ ئائىلىسىگە بارغاندا ، قىز تەرەپتىكى چوڭلار كۈيئوغۇل شەرىپىگە توي ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ ، بۇ ئادەتتە « يىگىت توي » دەپ ئاتىلىدۇ ؛ قىز تەختىراۋاندا ئولتۇرغۇزۇلۇپ يىگىت تەرەپ ئائىلىسىگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ، يىگىت تەرەپتىكى چوڭلار كېلىن شەرىپىگە توي ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ ، بۇ ئادەتتە « كېلىن توي » دەپ ئاتىلىدۇ . توي ئاخشىمى ئۇرۇق - تۇغقان ۋە مەھەللىدىكى يىگىت - قىزلار ئۇلار ئۈچۈن خۇشاللىق بەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىدۇ ، ناخشا - ئۇسسۇل ، ئويۇن - تاماشا تا يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلىدۇ . چاۋشيەنلەر قائىدە - يوسۇن ، ئۆرپ - ئادەت، ئەدەپ - ئەخلاق، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ ، ھەربىر ئائىلىنىڭ مىللەتكە ۋە شۇ ئائىلىگە خاس گۈزەل ئەخلاق مىزانى بولىدۇ . ئۇلار ئۆرپ - ئادىتى ئارقىلىق ، چاۋشيەن مىللىتىنىڭ روھىي ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى پۈتۈن مىللەت خەلقىگە ئورتاق بولۇپ ، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭگەن ۋە كەڭ دائىرىلىك ئورتاقلىققا ئىگە . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆرپ - ئادەت ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ، مىللىي ئۇسلۇبىغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكىتلەپ ، ناھايىتى كۈچلۈك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ ، ئۇنى ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە، دەپ قارايدۇ . چاۋشيەنلەر سۆز - ھەرىكەتتە ناھايىتى سىپايە كېلىدۇ ، ياشلار چوڭلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ھۆرمەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ ، تەڭ قۇرامدىكىلەرمۇ تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە ئۆزئارا ھۆرمەت سۆزى ئىشلىتىدۇ . تاماق ئۇسقاندا ئالدى بىلەن چوڭلارغا تۇتىدۇ ، چوڭلار ئېغىز تەگكەندە ئاندىن باشقىلارمۇ يېيىشكە باشلايدۇ . كىچىكلەر چوڭلار ئالدىدا ھاراق ئىچمەيدۇ ، تاماكا چەكمەيدۇ ، يول يۈرگەندە چوڭلارغا يول بېرىلىدۇ ، ئۇچرىشىپ قالغاندا سالام بېرىپ ، يول بوشىتىپ چەتتە تۇرۇپ تۇرىدۇ . چاۋشيەنلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە يېقىملىق ، لەرزان ناخشىلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلى ئەنئەنىۋى چالغۇ − «ئۇزۇن دۇمباق»تىن ئايرىلالمايدۇ ، «ئۇزۇن دۇمباق» ئادەتتە «تاياقچە دۇمباق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ يۇمىلاق تۇرۇبا شەكلىدە بولۇپ ، دۇمباقنىڭ بەل قىسمى ئىنچىكە ھەم پۈتەي بولىدۇ ، ئىككى بېشى توم، كاۋاك بولىدۇ ، يۈزلىكىگە تېرە تارتىلىدۇ ، چالغان چاغدا ئۇنى كۆكرەك ئالدىغا ئېسىۋېلىپ ياكى ياغاچ جازىغا بېكىتىپ قويۇپ ، ئوڭ قولىدا بىر تال بامبۇك چوكا تۇتۇپ دۇمباق يۈزىگە چېكىدۇ ، سول قولىدا دۇمباقنىڭ يەنە بىر يۈزىنى چېكىدۇ ، ئىككى قول رىتىملىق ئۇرۇلىدۇ ، ئۇنىڭ ئاھاڭلىرى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ . تولۇن ئاي بايرىمى − چاۋشيەنلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ئەڭ مۇجەسسەملەنگەن ، كۈچلۈك ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام بولۇپ ، بۇ بايرام ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ . بايرام كۈنىدە خادا ياغاچلار ۋە قارىغاي شاخلىرى بىلەن نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە تولۇن ئاينى كۆزىتىش راۋىقى ياسىلىدۇ ، كەچقۇرۇن تولۇن ئاي ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ چىققاندا سايلاپ چىقىلغان بىرنەچچە يۇرت ئاقساقىلى تولۇن ئاينى كۆزىتىش راۋىقىغا بەس - بەستە تالىشىپ چىقىدۇ ، كىم بىرىنچى بولۇپ تولۇن ئاينى كۆرەلىسە ، شۇ كىشىنىڭ بالا - چاقىلىرى بەختلىك ، شۇ بىر يىلدا تۇرمۇشىنىڭ ئاسايىشلىق ۋە خاتىرجەم ئۆتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئارقىدىنلا ، ئۇلۇغ ئوت بىلەن تولۇن ئاينى كۆزىتىش راۋىقى كۆيدۈرۈلىدۇ . چالغۇلارنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن قىزلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ ، تەنتەنە تا تۈن نىسپىگىچە داۋاملىشىدۇ .
( ھۈسەنجان جۈماخۇن تەييارلىدى )
|