ئېلىمىزدىكى بەيزۇلار ئاساسەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بېجى ۋىلايىتىدە ، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئولتۇراقلاشقان . ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 858 مىڭدىن ئارتۇق - 2000 ( يىلىدىكى سان . ) بەيزۇلارنىڭ ئۆز تىلى بار ، يېزىقى يوق . بەيزۇ تىلى خەنزۇ - زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسىنىڭ زاڭزۇ - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ . بەيزۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن مەرمەرتاش ۋە قىممەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى كۆپ چىقىدۇ . دالىدا گەنتۇڭ ئىبادەتخانىسى ، چۇڭشېڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈچ مۇنارى قاتارلىق بىرمۇنچە قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار ، ساڭشەن تېغى ۋە سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك ئېرخەي كۆلى قاتارلىق مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرى بار . بەيزۇلار ئىشلەپچىقىرىشتا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ ، شالنى كۆپ تېرىيدۇ ، گۈرۈچتىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ . بەيزۇلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە بولۇپ ، ئومۇمەن ، ئەرلەرنىڭ كىيىنىشى ئاددىيراق ، كۆپىنچىسى چوڭ پەشلىك چاپان ۋە ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ ، بېشىغا ئورام ياغلىق چېگىدۇ ، رەڭ جەھەتتە قارا ، كۆك ، ئاق رەڭلەرنى ئاساس قىلىدۇ . بەيزۇ ئاياللىرى سىدام كۆڭلەك كىيىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل رەڭلىك جىلىتكە كىيىشكە ۋە پەرتۇق تارتىشقا ، شۇنداقلا رەڭگارەڭ چۇچىلىرى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان باش كىيىم كىيىشكە خۇشتار . بەيزۇلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، چاي تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ، مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى بويىچە ئالدى بىلەن مېھمانغا چاي تۇتىدۇ . «باۋاڭ قامچىسى» __ بەيزۇ خەلق تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ بىر تۈرى . باۋاڭ قامچىسى كۆپىنچە بامبۇك ياغاچلاردىن ياسىلىدۇ ، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى ئىككى چىدىن ئاشىدۇ ، بەش بوغۇم بولىدۇ ، ھەربىر بوغۇمىغا ئۈچتىن بەشكىچە يارماق ئېسىلىدۇ . ھېيت - بايرام كۈنلىرى كىشىلەر يۇمىلاق سورۇن ھاسىل قىلىپ ، سۇناي ۋە جاڭ - دۇمباقلار ساداسى ئىچىدە باۋاڭ قامچىسىنى ئۇرۇشۇپ ، تۈرلۈك جانبازلىق ھەرىكەتلىرىنى ئوينايدۇ . قامچا مۈرە ، دۈمبە ، يوتىلارغا توختىماي ئۇرۇلغاندا ، يېقىملىق ئاۋاز چىقىدۇ ، ھەرىكىتى قاتتىق ھەم رىتىملىق بولىدۇ . « مارت بازىرى » ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلىنىپ دالى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ساڭشەن تېغى ئېتىكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ ، ۋاقتى 5 7__ كۈن بولۇپ ، نۇرغۇن جايلاردىن كەلگەن بەيزۇلار بۇ جايغا جەم بولىدۇ . بازار مەزگىلىدە تاڭ سۈزۈلۈش بىلەنلا ، چوڭ - كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئات - ئۇلاغلارنىڭ كىشنەشلىرى بىر ئالىدۇ ، ئادەملەر سەلدەك ئاقىدۇ ، رەڭگارەڭ تۇغلار ۋە پلاكاتلار ئېسىلىدۇ . چىرايلىق كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيگەن بەيزۇ قىزلىرى ھۆسنىگە تولۇپ كېتىدۇ . خېرىدار توۋلىغان ئاۋازلار ، كۈلكە - چاقچاق سادالىرى مۇزىكا ۋە ناخشا سادالىرىغا ئەگىشىپ بىردەم ئۆرلەپ ، بىردەم پەسىيىپ ، قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇۋېتىدۇ . بازار مەزگىلىدە ناخشا - ئۇسسۇل ، لەپەر - قوشاق ، ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇلار كىشىلەردە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ. بەيزۇلار ئارىسىدىن جاڭ بوجيەن ، جۇ باۋجۇڭ قاتارلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئىنقىلابىي تارىخىدىكى مەشھۇر زاتلار چىققان . بەيزۇلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان « دۇۋەنچىچىڭدا بوغما يىلاننى چاناش » ، « ئايماق بېگىنى ئۆلتۈرۈش » ، « قۇياش ئېلىش » قاتارلىق ئەسەرلەر ئېلىمىز مەدەنىيەت تارىخىدىكى قىممەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت مىراسلىرى بولۇپ ، بۇلاردىن بەيزۇلارنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنى ، قەھرىمانلىق ئىش - پائالىيەتلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ .
( خەمىت نېغمەت تەييارلىدى )
|