www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ئۆزبېكلەر
ئاپتور:خەمىت نېغمەت    چېكىلىش سانى:6309    ۋاقتى:2010-3-23    . www.seltenet.com .

     ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، تەسىرى كۈچلۈك، نوپۇسى ئەڭ كۆپ  قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئومۇمىي ئاھالىسى 26 مىليوندىن ئارتۇق. ئۆزبېكلەر ئاساسلىقى ئۆزبېكىستان( 20 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ ، ئۆزبېكىستان ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەك قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ) ، قازاقىستان ( 400مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ .3 2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) ، قىرغىزىستان ( 976 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ .6 14 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ )، تاجىكىستان ( 1 مىليون 706 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، تاجىكىستان ئاھالىسىنىڭ .5 26 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) ، تۈركمەنىستان(  874 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ، تۈركمەنىستان ئاھالىسىنىڭ .2 9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ)، ئافغانىستان ( 2 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ ، ئافغانىستان ئاھالىسىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) قاتارلىق دۆلەتلەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قالغان بىرقىسمى تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ، ئامېرىكا ، روسىيە ، ئىران ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان. ئېلىمىزدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 12 مىڭ 400 دىن ئارتۇق بولۇپ ، ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا ، ئۈرۈمچى ، چۆچەك ، مورى ، قەشقەر ، يەكەن ، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيە ، شەھەرلىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان - 1987 . يىل 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە دانەنگو ئۆزبېك مىللىي يېزىسى قۇرۇلغان.
     ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار . ئۆزبېك تىلى __ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈرك تىللىرى ئائىلىسىنىڭ غەربىي ھون تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۆزبېكلەر يېزىق ئالاقە ئىشلىرىدا لاتىن ھەرپى ئاساسىدىكى ئۆزبېك يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئېلىمىزدىكى ئۆزبېكلەر ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ. دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۆزبېكلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە كىرىدۇ.
     ئۆزبېكلەردە ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي ئەخلاق - قائىدىلەرنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇلار ئائىلىنى مۇقەددەس ئىجتىمائىي بىرلىك ھېسابلايدۇ . ئاتا __ ئائىلىنىڭ باشلىقى بولۇپ ، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ۋە جەمئىيەتتە بىرەر مەۋقەگە ئىگە بولۇشىغا ، ئائىلە قۇرۇشىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئۆزبېك ئائىلىلىرىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى يەنە كىچىكلەرنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى ، ئىتائەت قىلىشى ، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى ، بويسۇنۇشى ئەڭ ئاساسلىق ئەخلاق ئۆلچىمى دەپ قارىلىدۇ.
     ئۆزبېكلەرنىڭ توي مۇراسىملىرى ئۆزگىچە قائىدە - يوسۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىت بىلەن قىز توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن ، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە «ساۋچى » ( ئەلچى) ئەۋەتىپ ، قىز تەرەپ ئاتا - ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ تولۇق پۈتۈشكەندىن كېيىن توي باشلىنىدۇ. توي مەرىكىسى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ- 1 : كۈنى قىز تەرەپتە نىكاھ ( توي ) مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 2 - كۈنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنى تەكلىپ قىلىپ جاۋابەن مەرىكە ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالىدۇ ، بۇ __ «چىللاش» دەپ ئاتىلىدۇ ؛ 3 - كۈنى يىگىت تەرەپ يېڭى كېلىننى ئېلىپ ، كېلىننىڭ ئاتا - ئانىسى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تەرەپكە سالامغا بارىدۇ. بۇ __ «يۈز ئاچقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ . توي مەرىكىسى بولۇۋاتقان كۈنى ، نىكاھتىن كېيىن قىزنى يۆتكەش ۋاقتىدا ، قىز تەرەپ بىلەن يىگىت تەرەپ بىر - بىرىگە جاۋابەن «يار - يار» ئېيتىشىدۇ. بۇ گويا ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنى تونۇشتۇرۇشى ، مەنىۋى جەھەتتىن بەسلىشىشىگە ئوخشىشىدۇ ، يەنى قىز تەرەپ قىزنىڭ خىسلەتلىرى ، نازاكىتى ، مىجەز - خۇلقلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئۇنى ماختايدۇ. يىگىت تەرەپ بولسا يىگىتنى مەدھىيىلەپ ، ئۇنىڭ ھەممە پەزىلەتلىرى بىلەن ماھارىتىنى بېيىت ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدۇ.
     ئۆزبېكلەر ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىم - كېچەك ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ جەھەتتە تا ھازىرغىچە مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.
     «سىم» __ ئېتەكلىرىگە جىيەك تۇتۇلغان ئۇزۇن كىيىم بولۇپ ، ئوڭ پەشلىك ، تۈز ياقىلىق بولۇپ تۈگمىسى بولمايدۇ ، ئۆزبېكلەر ئۇنى يەنە « تون » دەپمۇ ئاتايدۇ ،  تون ئۈستىگە گۈللۈك رەختلەردىن تەييارلانغان پوتا باغلىنىدۇ.
     «تۇس دوپپا» __ يەنى بادام دوپپا. تۆت قىرلىق ، ئاق بادام شەكلى چۈشۈرۈلگەن باش كىيىم . تۇس دوپپا پەس ۋە قىرلىق قىلىپ تەييارلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، « تاشكەنت دوپپا » ، « خۇنابە » دەپ ئاتىلىدىغان ھەرخىل باش كىيىملەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىرلا خىل قارا ياكى بېغىر رەڭلىك مەخمەل ، دۇخاۋا بىلەن تىكىلىدۇ .  ئۆزبېكلەرنىڭ دوپپا كىيىشتە باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشمايدىغان يېرى ، ئۇلار دوپپىنىڭ ئالدى ئىككى قىرىنى چېكىسىگە توغرىلاپ كىيىدۇ.
     ئۆزبېك خوتۇن - قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەتلەستىن تەييارلانغان يارىشىملىق ، نەپىس كىيىم - كېچەكلىرى ئارقىلىق ، ھەرخىل مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . بولۇپمۇ پۈرمە كۆڭلەك ، كەشتىلىك پىنجەك قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىشنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. قول ھۆنەرگە ماھىر ئۆزبېك ئاياللىرى دائىم دوپپىسى ئۈستىدىن چۆرىلىرىگە شاپتۇل چېچىكى كەشتىلەنگەن نېپىز رومال سېلىۋالىدۇ.
     ئۆزبېكلەر ئۈجمە ، كېۋەز ئۆستۈرۈشكە ماھىرلىقى ، بوياش ، توقۇش جەھەتلەردىكى ئۇستىلىقى  بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داڭق چىقىرىپ كەلمەكتە . ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزبېك ئەتلىسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئۆزىنىڭ توقۇلۇش جەھەتتىكى سىپتىلىقى ، رەڭ جەھەتتىكى كۆركەم - نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.
     ئۆزبېك تائاملىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە « پېچەن » ( پەرۋەردە ) ، « شىرمان نان » قاتارلىق يېمەكلىكلەر ؛ رىشالە ، پەتاسى ، پەشمەك قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەر ؛ قوۋۇرداق ، ئاش ( پولۇ ) ، نارىن چۆپ ، كاۋاپ ، دۈملىمە ، دۇرمەن قاتارلىق تائاملار ۋە مەستاۋا ، ماش كىچىر، ئۈگرە قاتارلىق يەڭگىل تائاملار بار.

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تاتار مىللىتى
 رۇس مىللىتى ۋە ئاق ك...
 شىبەلەر ۋە ئۇلارنىڭ قۇت نىشا...
 قىرغىزلار ۋە «ماناس...
 بەيزۇلار
 ياۋزۇ مىللىتى
 چاۋشيەن مىللىتى

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号