ياۋزۇلار ئېلىمىزدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئاساسەن گۇاڭشى ، خۇنەن ، يۈننەن ، گۇاڭدۇڭ ، گۇيجۇ ، جياڭشى قاتارلىق ئالتە ئۆلكە ، ئاپتونوم رايوندىكى 30 نەچچە ناھىيىدە ئولتۇراقلاشقان ، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 637 مىڭ 400 دىن ئارتۇق . بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىرقىسىم ياۋزۇلار ئامېرىكا ، فرانسىيە ، گېرمانىيە ، كانادا ، ئاۋسترالىيە ، ۋيېتنام ، لائوس ، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان . بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان ياۋزۇلارنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ ، 40 مىڭدىن ئاشىدۇ . ئۇلار ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ، كالىفورنىيە قاتارلىق شتاتلىرىدا كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان . ئامېرىكىدىكى ياۋزۇلار ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇلار تەرجىمانلىق ، ئوقۇتقۇچىلىق ، يېمەك - ئىچمەك ، رېمونتچىلىق ، سودا كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئومۇمەن ، چەت ئەللەردىكى ياۋزۇلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قارىشى ناھايىتى كۈچلۈك ، بولۇپمۇ ئۇلار پەرزەنتلىرىگە بولغان ئانا تىل تەربىيىسى ۋە مىللىي ئەنئەنە تەربىيىسىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ياۋزۇلارنىڭ تۈرلۈك شارائىتلارغا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش دەرىجىسى تۆۋەن . ياۋزۇلارنىڭ تىلى بار ، يېزىقى يوق . ياۋزۇ تىلى خەنزۇ - زاڭزۇ تىل سىستېمىسىنىڭ مياۋزۇ - ياۋزۇ تىللىرى ئائىلىسى ، ياۋزۇ تىل تارمىقىغا كىرىدۇ . ياۋزۇلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىدا بىردەك ياۋزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ . خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئىتى ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈش شەكلى ئارقىلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلمەكتە . مەسىلەن ، مەشھۇر قەھرىمانلىق داستانى « مىلوتا » ۋە قەبىلىلەر ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن « پەنخۇ » ( ئىلاھىي ئىت ) تۇتېم ئەپسانىلىرى بار . ياۋزۇلارنىڭ كىمخاب - زەرباپلىرى ناھايىتى داڭلىق . بۇنداق كىمخاب - زەرباپلار توق رەڭلىك پاختا يىپ ، رەڭدار يىپەك يىپ ۋە تىۋىتلىك يىپلار كىرىشتۈرۈلۈپ توقۇلۇپ ، « توزنىڭ قانات - قۇيرۇقلىرىنى يېيىشى » ، « سېغىزخاننىڭ مېيخۇا گۈلىگە قونۇپ تۇرۇشى » ، « ئەجدىھا - سۇمۇرغلار خەيرىسى » ، « ھەممە گۈللەرنىڭ بەس - بەستە ئېچىلىشى »گە ئوخشاش ناھايىتى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق نۇسخىلار ھاسىل قىلىنىدۇ . بۇلارنىڭ رەڭلىرى ئوچۇق ،نەپىس ، كۆركەم بولۇپ ، كىيىم - كېچەكلەرنى بېزەيدۇ . ياۋزۇ ئەرلىرى چېچىنى ئۇزۇن قويۇپ بېشىغا ئورۇۋالىدۇ ، قىزىل رەخت بىلەن بېشىنى يۆگىۋېلىپ ، قىرغاۋۇل پەيلىرى بىلەن بېزەيدۇ . ئاياللىرى كۆپىنچە چوڭ پەشلىك ئۇزۇن چاپان ، ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ ، ئۈستىگە جىلىتكە كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بېشىغا ئورام ياغلىق يۆگەيدۇ . ياۋزۇلار يېمەك - ئىچمەك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش جەھەتتە ناھايىتى مول ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىغان . ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆممىقوناق ئومىچىنى ئاساس قىلىدۇ ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەردە پېلەك غوللۇق كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ ، ياغ تۈرلىرى ئىچىدە ئۆسۈملۈك يېغىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ھېيت - بايرام ، توي - مەرىكىلەردە ۋە دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىللىرىدە ئەر -ئايال ، قېرى - ياش ھەممەيلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئويناپ يۇرتقا خاتىرجەملىك ، بىر - بىرىگە بەخت ۋە ئاسايىشلىق تىلەيدۇ . دانۇ بايرىمى − ياۋزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى ھېسابلىنىدۇ . ھەر يىلى قەمەرىيە 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ياۋزۇلار يېڭى كىيىملەرنى كىيىشىپ ، كۈمۈش بېزەكلىرىنى تاقىشىپ ، مىس دۇمباق ئۇسسۇلىنى ئويناپ ، بايرامنى خۇشال - خۇرام تەبرىكلەيدۇ . ياۋزۇلار ئولتۇراقلاشقان تاغلىق رايونلاردا تەبىئىي دورا ئۆسۈملۈك ماتېرىياللىرى ناھايىتى مول بولۇپ ، بۇ ياۋزۇ تېبابىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان . ياۋزۇ تېبابىتى بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئاتا مىراس كەسپى بولۇپ ، بەزى تەجرىبىلىك ئائىلىلەر تا ھازىرغىچە بۇ كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتماقتا ، بۇ ئارقىلىق ياۋزۇلارنى مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەرگە تونۇتماقتا .
( خاسىيەت ئىسمائىل تەييارلىدى )
|