www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئاپتور:جۇڭگو مىللەتلىرى    چېكىلىش سانى:1145    ۋاقتى:2012-10-23    . www.seltenet.com .

    تـۇرغـۇن ئوبۇلقاسىم (فامىلىسى يىـلـتىز) 1964 - يىل 10 - ئاينىڭ 27- كـۈنـى لـوپ نـاھىيىـسـىـدىكى بـۇيـا يېزىسىنىڭ كۈنزىيا كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1970- يـىـل 9- ئايـدىـن 1979- يـىـل 7- ئايغىچە ئۆز يېزىسىدىكى كۈنزىيا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ۋە يۇرۇڭقاش ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز- تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان. 1979- يىل 9 - ئايدا قـاراقـاش دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىدا مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1981- يىل 9 - ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، «خوتەن گېزىتى» ئۇيغـۇر تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1985 - يىلىدىن 1987 - يىلىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىـڭ ئەدەبىيات كەسپىدە خىزمەتتىن يېرىم ئايرىلىپ ئوقۇغان؛ 1989 - يىلىدىن 1991 - يىلىغىچـە قـەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە خىزمەتتىن پۈتۈن ئايرىلىپ بىلىم ئاشۇرغان؛ 1999 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىـچـە ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى تاماملىغان؛ 2003 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقـۇپ ئاسـپىرانـت بولغان.
     تـۇرغـۇن يىـلـتىز 1981 - يىلىدىن 1986 - يىلىغىچە «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تـەھـرىـر بۆلۈمىدە مۇخبىرلىك، تەھرىرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە مەخسۇس بەتلەر مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1987 - يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن قەشقەر ئۇيـغـۇر نـەشـرىياتىغا يۆتكىلىپ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە تەھرىر بۆلۈم پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى، كـېيىن ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2002 - يىل 6 - ئايدىـن 12 - ئايـغـىـچـە بېيجىڭدىكى «شاڭۋۇ نەشرىياتى»دا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان. 2004 - يىل 11 - ئايدا خىزمەت ئېھتـىياجى بـىلەن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىيـاتـى»نىڭ شـىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسىغا يۆتكەلگەن؛ 2005 - يىل 7 - ئايدىن 2007- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نـەشرىياتى»نىڭ شىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسىگە مۇئاۋىن مۇدىر بولغان ھەمدە ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئىدارە «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 2008- يىل 1- ئايدىن باشلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىيـاتى»نىڭ شىنجـاڭ شۆبە ئىدارىسى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە ژۇرناللار)نىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى(ناھىيە دەرىجىلىك)، ئىدارە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئىدارە «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
     تـۇرغـۇن يىـلـتىز 1978 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپ ئەدەبىيات قوشۇنىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھەرقايسى گېزىت - ژۇرناللاردا 1000 پارچىغا يېقىن ھـەر خىل شېئىـرلىرى ئېلان قىلىنغان. «يۇرۇڭقاش شادلىقى»، «توي تەنتەنىسى»، «مەسەللەر خـەزىـنىسىدىن»، «ئارزۇ بوستانى»، «كارۋان(3)»، «كارۋان(6)»، «خوتەندە راۋان يوللار»، «ئاھ، نۇرلۇق ئابىدىلەر»، «يـول راۋان، ئەل شادىمان»، «تاللانغان رۇبائىيلار» قاتارلىق ئوندىـن ئارتۇق تـوپلامغا بىر تۈركۈم شېئىر ۋە داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن. «ئۇيـغـۇر شـېئىـرىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىم»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تەخمىـس ژانىرىغا تـەبىر»، «نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي - نەزەرىيىۋى ماقالىسى مـەتـبـۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ مەلۇم تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك باھالاشلاردا مۇكاپاتلانغـان. «يېڭى قاشتېشى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنـجـاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى»، «كروران» قاتارلىق ئەدەبىي ۋە ئۇنىۋېرسال ژۇرناللار ھەمدە «شىنجـاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى، «قەشقەر گېزىتى»، «خوتەن گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلـەر، مـەركىزىي خـەلـق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات- نەشرىيات ئورۇنلىرى ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلىغان. ئۇ يازغان بىرقانچە مەخسۇس فىلىم ۋە ئىتوت شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسـى تەرىپىدىن سـۈرەتكە ئېلىنىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ  ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتە تەسىر قوزغىغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن 1999 - يىلى 9 - نۆۋەتلىك ۋە 2004 - يىلى 11 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
     تـۇرغـۇن يىـلـتىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى نەمۇنىلىك مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى تاللاپ «مـۇھەببەت لىرىكىلىرى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991 - يىل نەشرى)، نادىـر ھـەجـۋىي شـېئىرلارنى تاللاپ «قـامچا» (مىللەتلەر نەشرىياتى 1993 - يىل نەشرى)، بىرقەدەر ئېسىل رۇبائىيلاردىن تاللاپ «رۇبائىيلىق كالېندار» (قـەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1998 - يىل نەشرى)، ئەنۋەر ھوشۇر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى نەمۇنىلىك ھېكايىلەردىن تاللاپ «ئۇيغۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما(1) _ «ئۇزاق كېچـە» (قەشقەر ئۇيغـۇر نەشرىياتى 2000 - يىل نەشرى) قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ ھەم نەشرگە تەييارلاپ نەشر قىلدۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. ئۇ يەنە ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى (9)» ناملىق كىتابنى ۋە «<تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى> جەۋھەرلىرى» قاتارلىق ئونغا يېقىن مەخـسـۇس كىتابنى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ، ھەرقايسى نەشرىياتلاردا نەشر قىلدۇرغان. «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى ئاپتونوم رايون بـويىچـە ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى تېپىلغان <تاڭ دەۋر شېئىرلىرى>نى تەرجىمە قىلىش مۇسابىقىسى»گە قاتنىـشـىـپ 3 - دەرىجىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ھەر خىل دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن.
     شائىر تـۇرغـۇن يىـلـتىزنىڭ «سۆيگۈ ئارخىپى» (داستانلار توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1996 - يىل نەشرى)، «ئاچـقـۇچ ئېسىۋالغان بالا» (شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نـەشرىياتى 1996 - يىل نـەشرى)، «سۆيگۈ تۇمارلىرى»(مىللەتلەر نەشرىياتى 1997 - يىل نەشرى)، «جانان كېلىدۇ» (شىنجاڭ خەلق نـەشرىياتى 1999 - يىل نەشرى) «يـول، يـول، يـول...» (داستانلار توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2000 - يىل نـەشرى) ناملاردىكى كىتابلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئارقا - ئارقىدىن يۈز كۆرۈشكەن.
     تـۇرغـۇن يىـلـتىز شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 توققۇز تۈپ ئالتۇن د...
 مېھىر- مۇھەببەتنىڭ چېگرىسى يوقتۇر
 مەردلەرنىڭ مېھرىدە ياشنايدۇ ئا...
 ھۆرمەتنىڭ قىممىتى ۋ...
 بۈگۈنىنى ئەزىزلىگەننىڭ  ئەتىسى خار...
 بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا مۇھ...
 ئۇيغۇر پىچاقلىرى

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号