www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
مەردلەرنىڭ مېھرىدە ياشنايدۇ ئالەم
ئاپتور:ئەركىن ئەبەيدۇللا    چېكىلىش سانى:3131    ۋاقتى:2010-5-18    . www.seltenet.com .

مەردلەرنىڭ مېھرىدە ياشنايدۇ ئالەم

ئەركىن ئەبەيدۇللا

مۇھەببەت - سۆيگۈدىن تۆرىلەر ئالەم،
ئۈمىد ۋە ئىجادتىن كۆكلەيدۇ بەردەم.
مەردلەرنىڭ ھىممىتى چەكسىز - ساناقسىز،
مەردلەرنىڭ مېھرىدە ياشنايدۇ ئالەم.

مەردلىك، ئۇ __ ئادەمنىڭ ھۆسنىگە زىننەت،
مەردلىكتە ئۇلغىيار شاپائەت، قىممەت.
مەردلەرنىڭ ئالىقىنى كەڭرى داستىخان،
مەردلەرنىڭ قەلبىدە بولمايدۇ مىننەت.

مەردلەرنىڭ كۆكرىكى مۈشكۈلگە قالقان،
مەردلەرنىڭ كۈچىدىن تاغ بولۇر تالقان.
مەردلەرگە دوست تارتىپ بىللە ئىشلىسەڭ،
بىلىنمەس ھارغىنلىق، قاپارماس ئالىقان.

مەرد شۇكى، ئىشىدىن تاپىدۇ نۇسرەت،
كۆڭۈللۈك ئۇنىڭغا رىقابەت، پۇرسەت.
پاراسەت، ماھارەت يېقىن دوستىدۇر،
ئۇ تۇرغان يەرلەردىن يوقىلار غەم، دەرد.

يامغۇرلۇق كۈندە مەرد ئەلگە يېپىنچا،
جۇدۇنلۇق تۈنلەردە يەنە سېلىنچا.
ۋايسىماس ئىشىدىن، يېمەس پۇشايمان،
ئەل ئۈچۈن ھەرقاچان قىلار جان پىدا.

مەردنىڭ بىر قولىدا مەشئەل، يورۇقلۇق،
بىرىدە ئاجىزنىڭ قولى تۇتۇغلۇق.
بەرىكەت بەرگەچ ئەل رىغبەت، دۇئاسى،
ئۇ سالغان كۆچەتمۇ كۆكلەر ئۇتۇقلۇق.

ئىجادتا، تۆھپىدە ئۇ سەپ ئالدىدا،
شىر يۈرەك قاپلان ئۇ، تۇرماس دالدىدا.
قۇۋ تۈلكە كۆزىگە قادالغان مىخ ئۇ،
نامەردنى جېنىدىن قىلىدۇ جۇدا.

مەرد خالىي ھەرقاچان قۇرۇق، پو گەپتىن،
جاپادا ئالدىدا، تەمەسىز نەپتىن.
ناھەققە يولۇقسا بولۇر باغرى تاش،
تەڭداشسىز كۈچلىنەر قەھرى غەزەپتىن.

ئىزگۈ ئىش باشلىسا، چىقار ئۇ باشقا،
قول سوزماس ھۇرۇندەك تەييارغا، ئاشقا.
ئەل ئۈچۈن خىزمەتتە تەڭداشسىز دېسەك،
ئوخشىتىش مۇمكىندۇر ئۇنى قۇياشقا.

چۈشكۈنلۈك، بىخۇتلۇق مەردنىڭ دۈشمىنى،
نۇر بىلەن تاۋلانغان كۆڭۈل ئاسمىنى.
ئەقىدە، ئۈمىدى ئۇنى كۆكلەتكەچ،
ھەق - ناھەق ئالدىدا تاللار راستىنى.

ئەل بىلەن بىللىدۇر مەردنىڭ كۈلكىسى،
ساداقەت، ۋاپادا كۆپنىڭ ئۈلگىسى.
ئەل ھەققى كۆزىنىڭ نۇرى مەرد ئۈچۈن،
شوتا ھەم ئەل ئۈچۈن ئۇنىڭ يەلكىسى.

ئەل - ۋەتەن مەردلەرنىڭ ئالىي بايلىقى،
ئەل سۆيۈش، يۇرت گۈللەش تۇغى - بايرىقى.
ئەلنى بىز بىر دەريا ئاپئاق سۈت دېسەك،
مەرد كىشى شۇ سۈتنىڭ يېغى -قايمىقى.

مەردلەردە بولمايدۇ تەمەننا - گەدەن،
ئۇ شۇنداق گاڭ قانات، يىقىلماس بەدەن.
ئۇ ھىمات ئاجىزغا، مۇشتۇمزورغا مۇشت،
مەرد بىلەن قۇدرەتكە تولىدۇ ۋەتەن.
        *     *     *
مەردانە - مەردلەرگە سالساممەن گىلەم،
مۇھەببەت سۈيىگە تولار پىيالەم.
مەردلىكنىڭ چېچىكى مەڭگۈ توزىماس،
مەردلەرنىڭ مېھرىدە ياشنايدۇ ئالەم.

(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 توققۇز تۈپ ئالتۇن د...
 مېھىر- مۇھەببەتنىڭ چېگرىسى يوقتۇر
 ھۆرمەتنىڭ قىممىتى ۋ...
 بۈگۈنىنى ئەزىزلىگەننىڭ  ئەتىسى خار...
 بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا مۇھ...
 ئۇيغۇر پىچاقلىرى

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号