مۇھەررىردىن: ژۇرنىلىمىز مەزمۇنىنىڭ تېخىمۇ مول، سەھىپىلىرىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار بولۇشىنى ئويلىشىپ، «ساپا ھەققىدە پاراڭ» سەھىپىمىزگە كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە، مىللىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا بىلىم، ئۇچۇر، تەتقىقات قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىدىغان ھەمدە ژۇرنىلىمىز بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى، ئەدىب، يازغۇچى، شائىرلىرىمىز بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ رىشتىنى تېخىمۇ يېقىن قىلىدىغان يېڭى مەزمۇننى قوشتۇق. سوئال سورىغۇچى كىشى ئۆز سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئاپتورلىرىدىن خالىغىنىنى تەكلىپ قىلسىمۇ ياكى بۇ ئىشنى تەھرىراتىمىزدىكى مۇھەررىرلەرگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ سەھىپىمىزگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بۇ ساندا تۇنجى بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى مەريەمگۈل تۇرسۇن قاتارلىق ستۇدېنتلار ئوتتۇرىغا قويغان بىر مەسىلىگە تەھرىراتىمىزدىكى تۇرغۇن يىلتىز ئەپەندىنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.
سالامنامە
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىكى مېھنەتكەشلەر! خەلقىمىزنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مول بىلىم ۋە ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن قېتىرقىنىپ ئەمگەك قىلىۋاتقان مول ھوسۇللۇق ئىلىم ئەھلىلىرى! سىلەرنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن، ئىلىم ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن قان - تەر سىڭدۈرۈپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى»دىن ئىبارەت ئىلىم شەربىتى كانىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىڭلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! ئۇلۇغ ئەدىب، خەلقپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي: «ئادەمى ئەرسەڭ دەمەگىل ئادەمى، ئانىكى خەلق غەمىدىن يوقتۇر غەمى» دېگەن. دېمەككى، سىلەردەك خەلق ئۈچۈن غەم يىگۈچىلەرنى ھەقىقىي خەلق ئوغلانى دېسەك بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مەن ئۆزۈمنى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى ھېسابلايمەن. شۇڭا، ژۇرنالدا بېسىلغان ماقالىلەر ۋە باشقا ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر توغرىسىدا، ئوقۇرمەنلەر ئارا كۆزقاراشلىرىمىزنى ئالماشتۇرساق، «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» دېگەندەك، بۇ ژۇرنالنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىپ، ئۇنى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرناللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، خەلق قەلبىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ ئۆستۈرسەك ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشى، دەپ ئويلايمەن. ئەمدى ئۆز پىكرىمگە كەلسەم، «جۇڭگو مىللەتلىرى» 2009 - يىللىق 1 - سانىدىن باشلاپ بېسىلىپ كېلىۋاتقان، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ «مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم» ماۋزۇلۇق ئەدەبىي خاتىرىسى مىليونلار قاتارىدا مېنىمۇ قاتتىق تەسىرلەندۈرمەكتە. چۈنكى، 2008 - يىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامى بىلەن «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېلان قىلىنىشى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى، جۈملىدىن مېنى تولىمۇ غۇرۇرلاندۇرغان ۋە ئىپتىخارلاندۇرغان ئىدى. مەكتەپ تەشكىلىنىڭ قوللىشى ھەمدە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى، فاكۇلتېتتىكى ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىمىزنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ بىرلىكتە تىرىشىشى، شۈكۈر خالۇك ئاكالىندەك تۈركىيىلىك ئالىملارنىڭ ھەمدىمى نەتىجىسىدە، 2008 - يىل 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ چوڭ يىغىن زالىدا «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان بولدى. شۇ چاغ، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلار، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار، ئىلىم ئەھلىلىرى شادلىققا شۇڭغۇغان ئىدى. زالنى ئېچىۋەتكۈدەك چاۋاك ئاۋازلىرى توختىماي ياڭرىغان ئىدى. مەنمۇ ئۇشبۇ يىغىننىڭ بىر ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەلبىم ھاياجان ئىلكىدە دېڭىز دولقۇنىدەك مەۋج ئۇرۇپ، نەچچە كېچىلەر خۇشاللىقىمدىن ئۇخلىيالمىغان ئىدىم. شۇ سەۋەبتىنمىكىن، «مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم» ماۋزۇلۇق ئەدەبىي خاتىرىنى ئوقۇغاندا، يۈرىكىم قايتىدىن ھاياجانغا تولدى. ئاشۇ ئۇنتۇلماس يىغىننىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆز ئالدىمدا قايتىدىن جىلۋىلەندى. ئۆتكەن بىر كۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، كۇتۇپخانىغا قاراپ ئىلدام قەدەم ئالدىم. مەكتىپىمىزنىڭ 15 قەۋەتلىك كۇتۇپخانا بىناسىنىڭ 5 - قەۋىتىگە چىقىپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىللىق 2 - سانىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم. سۆيۈنۈش ئىلكىدە قولۇمغا ئېلىپ، سەھىپىلىرىگە كۆز يۈگۈرتتۈم. «مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم» دېگەن ماۋزۇنى كۆرگەندە، پۈتكۈل جىسمىمنى ئىللىق بىر سېزىم قاپلىدى. كۆز ئالدىمدا، دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ ئاشۇ چاغدىكى «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا يىغىن ئەھلىگە سۇنغان، «ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى زىيارىتى» ناملىق سىن فىلىمى ۋە «كاشغەرىي يىلى» ماۋزۇلۇق ئۇيغۇرچە ھەم تۈركچە يېزىلغان شېئىرىنى ئۈنلۈك دىكلاماتسىيە قىلغان مەردانە قىياپىتى زاھىر بولدى. ئەينى چاغدا، «كاشغەرىي يىلى» ماۋزۇلۇق شېئىرنى ئاڭلىغان يىغىن ئەھلى رازىمەنلىك ھەم قايىللىق ئىلكىدە باش لىڭشىتقان، ئالقىش سادالىرى يىغىن زالىنى چاڭ كەلتۈرگەن ئىدى. «كاشغەرىي يىلى» ماۋزۇلۇق شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇلبۇل كەبى خۇش ناۋا ئاۋازدا تۈركچىسى ئوقۇلغاندا، پۈتكۈل يىغىن زالىدا ھاياجان تىنىقلىرىدىن ئۆزگە تىۋىش يوق، ھەممە ئادەم شۇقەدەر بېرىلىپ ئاڭلىغان ئىدى. شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلىمگە ھەۋەسكار ئوقۇغۇچىلار، يىغىن ئەھۋالىنى فىلىمگە ئالغۇچىدىن تارتىپ ئالىملارغىچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتقان. تۈرك ئالىمى شۈكۈر خالۇك ئاكالىن ئورنىدىن تۇرۇپ، شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىلا «كاشغەرىي يىلى» ماۋزۇلۇق شېئىرنىڭ تېكىستى پۈتۈلگەن قەغەزنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە قولىغا ئالغان ئىدى. بىزمۇ ئاشۇ گۈزەل مىسرالار پۈتۈلگەن قەغەزنى بىر تۇتۇپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىپ كەتكەن ئىدۇق... «بۈگۈن پۇرسەت كەلدى» دەپ ئويلىدىم - دە، بۇ 2 - سان ژۇرنالغا بېسىلغان مەزكۇر ئەدەبىي خاتىرىنىڭ داۋام قىسمىدىكى شېئىرغا نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم. ئەمما، شۇئان ھاڭ - تاڭ قالدىم. چۈنكى، شېئىر مەزمۇنى خېلىلا جىق (ساناپ باقتىم، 14 مىسرا شېئىرنىڭ توققۇز مىسراسى ئۆزگەرتىۋېتىلىپتۇ)! ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، شېئىرنىڭ ئىلگىرىكى جەڭگىۋارلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. مەنلا شۇنداق ھېس قىلدىممىكىن دېسەم، بۇ شېئىرنى ئوقۇغانلىكى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شېئىرنىڭ ئىلگىرىكى پاساھىتى بىلەن كېيىنكىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ماڭا ئوخشاشلا ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى بايقىدىم، ھەتتا بەزەن ساۋاقداشلارنىڭ: «يىغىنغا قاتناشقان شۇنچە ئەدىبلەر، ئالىملار ھېچقانداق نۇقسان تاپماي سۆيۈنۈپ كەتكەن شېئىردىن، قاراڭ، تەھرىر دېگەن ئاجايىپ پۇتاقچى بولامدۇ نېمە؟ بىر بەلەن شېئىرنى ئۆزگەرتىۋەتكىنىنى قارا!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. نېمىشقىدۇر، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنى خالىمىدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلەپ - پىكىرلىرىنى تەھرىرلەرنىڭ بىلىپ تۇرۇشى زۆرۈر دەپ قارىدىم. مېنىڭچە، ئادەم خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىدىكى نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەرنى بىلىپ يېتىشكە تولۇق قادىر بولالمايدۇ. شۇڭا، ئويلايمەن، بىزدىكى كەمچىلىكلەرنى باشقىلار كۆرسىتىپ بەرسە، باشقىلاردىكىنى بىز كۆرسىتىپ بەرسەك، بارا - بارا مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققىي قىلساق تولىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەمدى كۈچلۈك ئارزۇلۇق ئىلتىماسىم شۇكى، «جۇڭگو مىللەتلىرى»دىكى تەھرىرلەر خاپا بولماي، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 6 - سانىنى بىر ۋاراقلاپ باقسا ۋە ئۇنىڭغا بېسىلغان «كاشغەرىي يىلى»نى قايتىدىن بىر ئوقۇپ باقسا؛ ئاندىن، ئاتاقلىق ياش ناخشىچى شىرئەلى ئەلتېكىن «ناۋا» پروگراممىسىنىڭ 16 - مەيدانىدا ئوقۇغان مەزكۇر «كاشغەرىي يىلى» تېكىستلىق ناخشىنى بىر ئاڭلاپ باقسا، ئاندىن بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ تىلىكىنى، تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، «كاشغەرىي يىلى» ماۋزۇلۇق شېئىرنىڭ ئەسلىسىنى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىللىق كېيىنكى سانلىرىنىڭ بىرىدە قايتا بېسىپ چىقىرىپ بەرسە ئىكەن. مۇمكىن بولسا، بۇ ھەقتە ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئىزاھ بېرىشنىمۇ ئۆتۈنۈپ سورايمەن! مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى 2007 - يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: مەريەمگۈل تۇرسۇن 2009 - يىل 22 - ماي، بېيجىڭ. (ئىزاھات: بۇ سالامنامىنى يېزىپ بولۇپ، بىرقانچە يېقىنلىرىمغا كۆرسەتكەن ئىدىم، ئۇلار: «بىزمۇ ئىمزايىمىزنى قويۇپ، قوللىساق» دەپ تۇرۇۋالدى. مۇشۇنداق چەكلىك دائىرىدە قول قويغانلار شۇلار: ماھىرەم تۇرسۇنتوختى، گۈلگىنە ئەركىن، خانقىز مەتتوختى، ئاينۇرقىز مەمىتىمىن، گۈلنار مىجىت، چىمەنگۈل ئابدۇشۈكۈر، ئادالەت ئەركىن، بۇخەلچەم تەۋەككۈل، رىزۋانگۈل ئابدىكېرەم، ئامىنىگۈل ئابدۇرەھىم، مەلىكىزات مەمەتتۇردى، مېھرىئاي ئېزىز.
جاۋاب خەت
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ستۇدېنت دوستلار! ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ ئۆگىنىشىڭلار ئۇتۇقلۇقمۇ؟ خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ خۇرسەن بولدۇم، چۈنكى سىلەر ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى ئىكەنسىلەر، ژۇرنىلىمىزغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن، ئاۋۋال سىلەرگە ژۇرنىلىمىز نامىدىن چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن! ئالدى بىلەن، سىلەر خېتىڭلاردا خاتا ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى نۇقتىغا ئەسكەرتىش بېرەي: ژۇرنىلىمىزنىڭ 2009 - يىل 2 - سانىغا بېسىلغان «مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم )2(» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىنىڭ ئاخىرىدىكى «كاشغەرىي يىلى» ماۋزۇلۇق شېئىرنى سىلەر 14 مىسرا دەپسىلەر، بۇ شېئىرنى 14 مىسرا ئەمەس، 18 مىسرا دەپ بىلگەيسىلەر؛ سىلەر يەنە «شېئىرنىڭ توققۇز مىسراسى ئۆزگەرتىۋېتىلىپتۇ، مەزمۇنى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ...» دەپ نارازى بوپسىلەر. سىلەر ئەستايىدىل سېلىشتۇرماپسىلەر، شېئىرنىڭ توققۇز مىسراسىلا ئەمەس، بەلكى ئون مىسراسى ئۆزگەرتىلگەن! ئەمدى مەن سىلەرگە بۇ شېئىرنىڭ ئون مىسراسىنى نېمە سەۋەبتىن ئۆزگەرتكەنلىكىمنى بىر - بىرلەپ قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ قوياي: .1 ئاپتور شېئىرنىڭ 1 - مىسراسىنى «ئوپال ئارت تېغىدىن بالقىغاندا كۈن» دەپ يازغان ئىكەن. بۇ مىسرادىكى «ئارت» دېگەن ئەرەبچە سۆز «ئارقا» ياكى «تاغ ئاغزى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئۇ سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستېمال قىلىنمىغاچقا، ئۇنى كىشىلەر چۈشەنمەيتتى. گەرچە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەقبەرىسى يېنىدىكى تاغنى ئىلگىرى كىشىلەر «ئوپال ئارت» (ئوپالنىڭ كەينىدىكى تاغ ياكى ئوپالدىكى تاغ ئاغزى) دەپ ئاتاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنداق ئاتاش ئانچە ئۇزاق داۋاملاشمىغان. ئەل - ئاۋام ئۇ تاغنى مەھمۇد كاشغەرىي زامانىسىدىن بۇيان «ھەزرىتى موللام تېغى» دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئىسىم ياساش ئادىتىمىز بويىچە ئېيتقاندىمۇ، «ئوپال ئارت تېغى» دېيىلسە مۇۋاپىق بولمايدۇ، چۈنكى «ئارت» دېگەن سۆز «تاغ» دېگەن ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، «ئارت»نىڭ كەينىگە «تاغ»نى قوشۇپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. «ئوپال ئارت تېغى» دېيىلسە، ئوقۇرمەنلەر بۇنى «تاغنىڭ ھازىرقى نامى ئوخشايدۇ» دەپ چۈشىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. يەر - جاي ناملىرىنى قوللىنىشتا، قەدىمكى ئىستېمالدىن قېپقالغان ناملارنى ئەمەس، بەلكى ئەل ئىچىدە ئومۇملاشقانلىرىنى قوللىنىشىمىز، يەنى ئۇ تاغنىڭ ئەل ئىچىدە ئومۇملاشقان «ھەزرىتى موللام تېغى» دېگەن نامىنى قوللىنىشىمىز كېرەك. شۇڭا، مەن بۇ مىسرادىكى «ئارت» سۆزىنى چىقىرىپ تاشلىدىم. ئاپتور بۇ مىسرادا يەنە «كۈن» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، مەن ئۇنى بوغۇم ئېھتىياجىدىن «قۇياش» دەپ ئۆزگەرتىۋېدىم، «كۈن» دېگەنگە قارىغاندا يارقىن ھەم ئاھاڭدار بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بىر ناخشا تېكىستى بولغاچقا، مىسرا ئاخىرىغا كەلگەن «كۈن» سۆزىدە يېپىق سوزۇق تاۋۇش «ئۈ» بولغاچقا، ناخشىچى ئۇنى تەلەپپۇز قىلغاندا، ئاغزى تولۇق ئېچىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئۆزگەرتكەن «قۇياش» سۆزىدىكى ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش «ئا»نى ناخشىچى ئاغزىغا تولۇق ئېلىپ تەلەپپۇز قىلالايدۇ - دە، بۇ سۆزنى قانچە سوزۇپ تەلەپپۇز قىلسا شۇنچە راۋان، ياڭراق بولىدۇ. دېمەك، شېئىرنىڭ 1 - مىسراسىنى ھەم مەزمۇن جەھەتتىن، ھەم ناخشا تېكىستىغا قويۇلىدىغان تەلەپتىن چىقىپ ناھايىتى ياخشى تەھرىرلىدىم، دەپ قارايمەن. 2 . ئاپتور شېئىرنىڭ 2 - مىسراسىنى «نۇر ئېمىپ ئىللىدى ئۇيغۇر زېمىنى» دەپ يازغان ئىكەن. مەن بۇ مىسرانى ئەمەلدىن قالدۇردۇم. سەۋەبى: بىرىنچىدىن، بۇنىڭدا مەنتەقىسىزلىك مەۋجۇت، «كۈن» مەھمۇد كاشغەرىيگە، «نۇر» ئىلىم - مەرىپەتكە (ئېنىقراق ئېيتساق «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا) سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، «ئوپال ئارت تېغىدىن بالقىغاندا كۈن، نۇر ئېمىپ ئىللىدى ئۇيغۇر زېمىنى» دېگەن جۈملىدىن «بۇ كۈن بالقىمىغان چاغدا ئۇيغۇر زېمىنى ئىللىمىغان (ئىلىم - مەرىپەت مەۋجۇت بولمىغان) ئىدى، ئوپالدىكى تاغدىن بۇ كۈن بالقىغاندىن كېيىنلا، ئۇيغۇر زېمىنىدا نۇر، يەنى ئىلىم - مەرىپەت پەيدا بولدى» دېگەندەك مەنە كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق دېسەك، مەھمۇد كاشغەرىيدىن بۇرۇن ئۆتكەن كلاسسىكلىرىمىزنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىجاد - ئىختىرالىرىنى، جۈملىدىن تارىختا ئۆتكەن سان - ساناقسىز باتۇر، قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە كۆز يۇمغان بولىمىز. مەھمۇد كاشغەرىي زامانىدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىز ئىلىم ساھەسىدە ئىختىرا قىلىپ ئۆتكەن ئەمەسمۇ؟! مەھمۇد كاشغەرىيگە مەدھىيە ئوقۇيمەن دەپ، ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىزنى ئىنكار قىلساق بولامدۇ؟ شۇڭا، مەن بۇ مىسرانىڭ ئورنىغا «ئېچىلدى دۇنياغا مەرىپەت سىرى» دېگەن مىسرانى قويۇپ، «ئوپالنىڭ تېغىدىن بالقىپ بىر قۇياش» دېگەن 1 - مىسرا بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، «مەھمۇد كاشغەرىي دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن (يەنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن) مەرىپەت سىرى دۇنياغا نامايان بولدى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىدىم. ئىككىنچىدىن، «نۇر ئېمىپ ئىللىدى ئۇيغۇر زېمىنى» دېيىلگەن مىسرادىكى «زېمىنى» دېگەن سۆز شېئىرنىڭ 1 - كۇپلېتىنى قاپىيىدىن مەھرۇم قىلىپ قويغان. شېئىرىيەتتىن خەۋىرى بار كىشىلەرگە مەلۇمكى، شېئىرلاردا، بولۇپمۇ ناخشا تېكىستلىرىدا توق قاپىيە بولۇشى شەرت، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنى شېئىر دېگىلى بولمايدۇ، ناخشا تېكىستى دېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، قاپىيە − شېئىرنى قۇرۇلما جەھەتتىن شېئىر قىلىپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور «زېمىن» دېگەن سۆزگە «پىر»نى قاپىيە كەلتۈرگەن، ئەمەلىيەتتە «زېمىن» دېگەن سۆزگە «پىر» دېگەن سۆز قاپىيە كەلمەيدۇ. شۇڭا، مەن ئاپتورنىڭ «پىرى» دېگەن سۆزىنى جايىغا كەلتۈرگەن دەپ قاراپ (چۈنكى مەھمۇد كاشغەرىينى پىر دېيىشكە ھەقلىقمىز)، «سىرى» دېگەن توق قاپىيىنى كەلتۈرۈپ، شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى، جۈملىدىن مۇزىكىلىق خۇسۇسىيىتىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، شېئىرنىڭ باشتىكى ئىككى مىسراسى نۇقساندىن خالىي بولدى. 3 . شېئىرنىڭ 3 - مىسراسى «چىللىدى ئالەمگە ئېرپان خورىزى» دەپ يېزىلغان. بۇ مىسرادىكى سۆز ئىشلىتىش توغرا بولمىغانلىقتىن، ئۇقۇم ئىپادىلەشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. گەرچە ئاپتور «ئېرپان خورىزى ئالەم ئەھلىگە خۇشخەۋەر جاكارلىدى» دېگەندەك مەنىنى ئىپادىلىمەكچى بولسىمۇ، بۇ مىسرادىن ئۇنداق مەنە چىقمىغان. بىز تىل ئىستېمالىمىزدا خورازنى ئالەمگە چىللىدى، ئادەملەرگە چىللىدى ياكى ئاسمانغا چىللىدى دېمەيمىز، خوراز چىللىدى دېسەكلا كۇپايە. شۇڭا، مەن بۇ مىسرانى تەھرىرلەپ، «ئىلىم - پەن خورىزى چىللاپ كەتتى شاش» دەپ ئۆزگەرتىش بىلەن، «ئالەمگە» دېگەن ئوشۇقچە سۆزنى چىقىرىپ تاشلاپ، بۇ مىسراغا «شاش» دېگەن سۆزنى قوشۇش ئارقىلىق، ئىلىم - مەرىپەت خورىزىنىڭ جۇشقۇن، شاد ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن، مىسرالاردىكى سۆزلەر دەل جايىغا چۈشتى ھەم ئاپتور ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن يارقىنلاشتى. ئاپتور يازغان «خورىزى» دېگەن سۆز مىسرا ئاخىرىغا كەلگەچكە، ئۇنى ناخشىچى روشەن، راۋان، ياڭراق تەلەپپۇز قىلالمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئورنىغا قويغان «شاش» دېگەن سۆزدە ئوچۇق سوزۇق تاۋۇش «ئا» بولغاچقا، ناخشىچى ھەم سوزۇپ، ھەم ياڭراق تەلەپپۇز قىلالايدۇ، ئاڭلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئۇقۇممۇ روشەن بولىدۇ. 4 . ئاپتور شېئىرنىڭ 1 - كۇپلېت 4 - مىسراسىنى «كاشغەرلىك مەھمۇد بۇ - ئىلىمنىڭ پىرى» دەپ يېزىپ، ئالدىنقى مىسرادىكى «ئېرپان خورىزى»نىڭ جاكار سۆزىگە ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، «بۇ» دېگەن سۆز ئارتۇقچە كېلىپ قېلىپ، شېئىرنىڭ گۈزەللىك قۇرۇلمىسىغا تەسىر يەتكەن. مەن «بۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا مۇئەييەنلەشتۈرۈش قوشۇمچىسىنى ئالماشتۇرۇپ، مىسرانى ھەم شېئىرىي تۈسكە ئىگە قىلدىم، ھەم مەزمۇن جەھەتتىن «كاشغەرلىك مەھمۇد − ئىلىم - پەن پىرىدۇر» دېگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۇقۇمىغا تويۇندۇردۇم. 5 . شېئىرنىڭ 2 - كۇپلېت 3 - مىسراسى «مىڭ يىللار ئۆتۈپمۇ ئۇنتۇلمىدى ھېچ» دېگەن مىسرا ئوبرازلىق شېئىر مىسراسى بولالماي، پەقەتلا «مىڭ يىللار ئۆتۈپمۇ ھېچ ئۇنتۇلمىدى» دېگەندىن ئىبارەت ئادەتتىكى جۈملە بولۇپ قالغان. «ھېچ» دېگەن سۆز مىسرانىڭ ئاخىرىغا كەلگەچكە، ناخشا تېكىستى ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم ئامىلدىنمۇ مۇستەسنا بولۇپ قالغان. ناخشىچى تەلەپپۇز قىلغاندا، بۇ سۆز «ھېش»قا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، مەن بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا «ھامان» دېگەن سۆزنى قويۇش ئارقىلىق، «ھەر قاچان، ھەر زامان» دېگەن مەنىنى يۈكلەپ، مىسرانى تېرەن مەنىگە، روشەنلىككە ۋە ياڭراق ئۇرغۇغا ئىگە قىلدىم. دېمەك، «ئۇنتۇلمىدى ھېچ» دېگەندىن كۆرە، «بالقىدى ھامان» دېسەك، شېئىرىي ئوبراز پەيدا بولىدۇ، مىسرا ئىپادىلەيدىغان مەزمۇن كېڭىيىدۇ ھەمدە مىسرا ئاخىرىدىكى سۆز جىلۋىلىنىدۇ. بۇ مىسرانى ناخشىچى قانچىكى سوزۇپ، قانچىكى ياڭراق، قانچىكى جاراڭلىق ئېيتسا بوغۇلۇپ قالمايدۇ ھەم ھۇزۇرلىنىپ ئېيتالايدۇ، ھەم ئۇقۇم روشەن بولىدۇ، ھەم ناخشا ئاۋازى پەلەككە يېتىدۇ. 6 . شېئىرنىڭ 2 - كۇپلېت 4 - مىسراسىنى ئاپتور «ئابىدە ياراتقان ئالىم ھىممىتى» دەپ يازغان ئىكەن. مەن بۇ مىسرادىكى «ئابىدە» دېگەن سۆزنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «مۆجىزە» دېگەن سۆزنى ئالدىم. سەۋەبى: بۇ ناخشا تېكىستىنىڭ نەقراتىدا «كاشغەرىي ۋەتەننىڭ ئابىدە تېشى» دېگەن مىسرا بار، نەقرات ناخشىدا كۆپ تەكرارلىنىدىغان بولغاچقا، «ئابىدە» دېگەن سۆزنى بۇ كۇپلېتتىمۇ ئىشلىتىش ئارتۇقچە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «ئابىدە» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچە مەنىسى ئىبادەت قىلغۇچى تەقۋادار ئايال دېگەن سۆزدۇر؛ پارىسچە مەنىسى مەڭگۈتاش، تاشپۈتۈك؛ مازار؛ خاتىرىلىنىدىغان جاي؛ قەبرە ئۈستىگە ئورنىتىلغان يادىكارلىق دېگەن سۆزدۇر؛ مەنىداشلىق جەھەتتىن قەھرىمانلىق قىسسىسى ئويۇپ تىكلەنگەن تاش ۋە ئومۇمەن قەدىمدىن قالغان تارىخىي يادىكارلىق دېگەننى ئىپادىلەيدىغان سۆزدۇر، خالاس. ئېنىقكى، مۇشۇ مەنىلىرى بىلەن بۇ سۆزنىڭ مەزكۇر مىسراغا ماس كەلمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەن ئالماشتۇرغان «مۆجىزە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئادەتتىن تاشقىرى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش - ھەرىكەت، ھادىسە، شەيئى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سۆزۈمنى يىغسام، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دەك كاتتا ئەسەرنى «ئابىدە» دېسەك، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن بولىمىز، چۈنكى، «ئابىدە» دېگەننى قايسى يۇرتقا بارساق ئۇچرىتىش مۇمكىن، ۋاھالەنكى «مۆجىزە» دېگەننىڭ دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى خالىغان يەردىن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ (ئاپتورنىڭ ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن، نەقراتتىكى «ئابىدە» دېگەن سۆزگە يول قويغان بولدۇم.) ستۇدېنت دوستلار، سىلەر شېئىرنىڭ مەزمۇن چوڭقۇرلۇقىغا شۇڭغۇپ بېقىڭلار، «مۆجىزە» دېگەن سۆز بۇ مىسراغا خۇددى «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك» ماس كەلدىغۇ؟! يەنە سەمىڭلارغا سېلىپ قويايكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئابىدە ئەمەس، بەلكى جاھاننى ھەيران قالدۇرىدىغان مۆجىزە! 7 . شېئىرنىڭ 3 - كۇپلېت 1 - مىسراسى «شۇڭلاشقا ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل» دەپ يېزىلغان. بۇ مىسرادىكى «شۇڭلاشقا» دېگەن باغلىغۇچى سۆز شېئىرىي تۈسنى بۇزۇپ قويغان. شېئىرلاردا، بولۇپمۇ ناخشا تېكىستلىرىدا «شۇڭلاشقا»، «شۇنىڭ ئۈچۈن»، «شۇ سەۋەبتىن» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتسە، شېئىرنىڭ، جۈملىدىن ناخشا تېكىستىنىڭ قۇرۇلمىسىغا، گۈزەللىكىگە چوڭ نۇقسان يېتىدۇ. شۇڭا، مەن بۇ سۆزنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «شەۋكەتلىك» دېگەن سۆزنى قويۇپ، مىسرانى «شەۋكەتلىك ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل» دەپ بېكىتتىم. شۇنىڭ بىلەن، بۇ مىسرا باغلىغۇچى سۆزدىن ئازاد بولدى ھەم شېئىرىي مىسراغا ئوخشىدى، ھەم 2008 - يىلىنىڭ شانۇشەۋكەتلىك يىل بولغانلىقىدىن خۇش خەۋەر بېرىلىپ، ئاپتور كۆزلىگەن نىشان يورۇتۇلدى ھەمدە يارقىنلاشتى. 8 . شېئىرنىڭ 3 - كۇپلېت 2 - مىسراسىنى ئاپتور «ئاتالدى دەپ >مەھمۇد كاشغەرىي يىلى<» دەپ يازغان ئىكەن. بۇ مىسرادىكى «دەپ» سۆزى مىسرانى بۇزۇپ قويغان. مەن بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا «ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «چىن» دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرۇپ، مىسرانى شېئىرىي ھۆسنگە، مەزمۇن چوڭقۇرلۇقى ھەم چىنلىققا ئىگە قىلدىم. 9 . شېئىرنىڭ 3 - كۇپلېت 3 - مىسراسىنى ئاپتور «دۇنياۋى شاراپەت كۈلدۈردى ئەلنى» دەپ يازغان ئىكەن. مەن بۇ مىسرادا ئەكس ئېتىشكە تېگىشلىك مەزمۇن ھەقىقىي ئىپادىسىنى تاپالماپتۇ، دەپ قارىدىم. چۈنكى، بۇ مىسرادا ئاپتور تۈركىي تىللارنىڭ شۆھرىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان، لېكىن شېئىرىي پىكىر ئەۋجىگە چىقىش باسقۇچىدا، مەزمۇن ئابىستراكىتلىشىپ كەتكەن، يەنە كېلىپ بۇ مىسرادىكى «ئەل» مەۋھۇم بولۇپ قالغان. ئاپتور بۇ مىسرادا «>تۈركىي تىللار دىۋانى<نىڭ شان - شۆھرىتى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى شادلىققا چۆمدۈردى» دېمەكچى بولغان، لېكىن «شاراپەت» دېگەن سۆز جايىدا ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن، ئىپادىلەنمەكچى بولغان مەزمۇن ئۆز ئىپادىسىدىن مەھرۇم قالغان. تىل ئۇستىلىرىغا ئايانكى، «شاراپەت» دېگەن سۆز تىل ئىستېمالىمىزدا ئاياللارنىڭ ئىسمى بولۇپ كېلىدۇ؛ بۇ سۆز يەنە خىسلەت، خاسىيەت، پەزىلەت، پايدا، نەپ دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەمما بۇ مىسراغا كېلىشى مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا، مەن «دۇنياۋى شاراپەت» دېگەننى «دۇنياۋى شان - شەرەپ» دەپ، «كۈلدۈردى ئەلنى» دېگەننى «قۇچۇپ تۈركىي تىل» دەپ ئۆزگەرتىپ، مىسرانى «دۇنياۋى شان - شەرەپ قۇچۇپ تۈركىي تىل» («تۈركىي تىللار دىۋانى» دۇنياۋى شان - شەرەپ قازاندى) دەپ پۈتۈنلىدىم. نەتىجىدە، بۇ مىسرا نامۇۋاپىق سۆزدىن خالىي بولدى ۋە مەزمۇننى تولۇق ئىپادىلىدى. 10 . شېئىرنىڭ 4 - كۇپلېت 3 - مىسراسىنى ئاپتور «ئىلىم - پەن مەشئىلى قوللاردا ئېگىز» دەپ يازغان بولۇپ، «ئېگىز» سۆزى بۇ مىسرادىكى شېئىرىي پۇراقنى يوقىتىۋەتكەن. شېئىرىيەتتىن خەۋىرى بار كىشىلەرگە ئايانكى، ھېسسىيات ھەم ئوبرازلىق تىل ۋاسىتىسى شېئىرنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا شېئىرلاردا ھېسسىياتتىن قالسىلا ئوبرازلىق تىل سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. دېمەكچىمەنكى، قىلچە ئوبرازلىق تەپەككۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان «ئېگىز» دېگەن بۇ سۆز شېئىرىي مىسرانى يالىڭاچلىۋەتكەن، ھەتتا شېئىر بولۇشقا تېگىشلىك مىسرانى «قوللاردا ئىلىم - پەن مەشئىلى ئېگىز» دېگەندەك كەمتۈك جۈملىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئەگەر بۇ جۈملىنى تولۇقلاشقا توغرا كەلسە، «ئىلىم - پەن مەشئىلى قوللاردا ئېگىز كۆتۈرۈلدى» دېيىش كېرەك. دېمەك، بۇ مىسرانى يا شېئىرىي مىسرا، يا ئادەتتىكى جۈملە دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، مەن «ئېگىز» سۆزىنىڭ ئورنىغا «گۈلخان» دېگەن سۆزنى قويۇپ، بۇ مىسراغا ئوبرازلىق تەپەككۈر ۋە جانلاندۇرۇش يۈكلىدىم. دېمەك، بىر نامۇۋاپىق سۆزنىڭ ئالمىشىشى بىلەن، «ئىلىم - پەن مەشئىلى قوللاردا گۈلخان» دېگەندىن ئىبارەت يالقۇنلۇق شېئىرىي مىسرا ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ مىسرانى مەن ھەم ئوبرازلىق تەپەككۇرغا، ھەم شېئىرىي تۈسكە، ھەم مەنە كەڭلىكىگە، ھەم ناخشا تېكىستىغا قويۇلىدىغان تەلەپكە لايىقلاشتى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. شۇنىمۇ قەيت قىلىمەنكى، بۇ بىر ناخشا تېكىستى بولغاچقا، «ئېگىز» دېگەن سۆز ناخشىدا تەلەپپۇز قىلغاندا توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ۋە «ئېگىس» دېگەندەك تاۋۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئاڭلىغۇچىلاردا خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلىپ قويىدۇ؛ «گۈلخان» دېگەن سۆزنى ناخشىچى ئاغزىغا تولۇق ئېلىپ تەلەپپۇز قىلالايدۇ، شۇنداقلا بۇ سۆزنىڭ ئېيتىلىشىدا مۇئەييەن ئۇرغۇ بار، ئەلۋەتتە. يەنە دېسەم، «گۈلخان»نى بۇ كۇپلېتنىڭ 1 - مىسراسىدىكى «پىلان»غا قاپىيە قىلىپ، مىسرالارغا قۇچاقلاشما قاپىيە، مۇزىكىلىق خۇسۇسىيەت بەخش ئەتتىم ھەم شېئىرنى چىرايلىق، مۇستەھكەم قۇرۇلمىغا ئېرىشتۈردۈم يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمدەك، شېئىرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىدا قاپىيىگە باشتىن - ئاخىر سەل قارالغان. بىر پۈتۈن شېئىرنى تەھرىرلەش جەريانىدا، بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىش بىلەن بىللە، بارلىق مىسرالارغا قۇچاقلاشما قاپىيە تۈسى بەردىم. لېكىن، ئاپتورنىڭ يازمىسىغا ھۆرمەت قىلىپ، 4 - كۇپلېتتىكى «ئىزى» دېگەن سۆزگە «جىلۋىسى» دېگەن سۆزنىڭ قاپىيە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يول قويغان بولدۇم.) سىلەر «بۇ تېكىستنى پالانى ناخشىچى ئېيتقان، ناخشا پۇستانى پروگراممىدا ئوقۇلغان... ئاڭلىغۇچىلار ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتقان...» دەپسىلەر ۋە يەنە «يىغىنغا قاتناشقان شۇنچە ئەدىبلەر، ئالىملار ھېچقانداق نۇقسان تاپماي سۆيۈنۈپ كەتكەن شېئىردىن، قاراڭ، تەھرىر دېگەن ئاجايىپ پۇتاقچى بولامدۇ نېمە؟...» دېيىشىپسىلەر. شۇنى سەمىڭلارغا سېلىپ قوياي: مۇھەررىرنىڭ ۋەزىپىسى ئەسەرنى نوقۇل ئۆزگەرتىش ئەمەس ياكى قەستەن «پۇتاقچىلىق» قىلىشمۇ ئەمەس! ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەرنى تەھرىرلىك نۇقتىسىدىن ئوقۇپ چىقىپ، ئىملاسىنى توغرىلاپ، ئەسلىي ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆرگەرتمەي ئېلان قىلىشمۇ تەھرىرلىك قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئەسەرلەرنىڭ ئەسلىي ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشمۇ تەھرىرلىك ئەخلاقى جۈملىسىدىن بولۇپ، تەھرىرلىكتىكى مۇھىم پرىنسىپلاردىن بىرى سانىلىدۇ. لېكىن، بىر مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىر تەھرىرلەشكە تېگىشلىك ئەسەرنى ھەرگىز تەھرىرلىمەيلا ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ، جۈملىدىن مەن بۇ شېئىرنى شۇ پېتى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسام، ھېچكىم ماڭا: «نېمىشقا بۇنى ئۆزگەرتمىدىڭ؟» دېمەيتتى. لېكىن، بۇ شېئىر ئەسلىدىمۇ خېلى ياخشى يېزىلغان بولغاچقا، تەھرىرلەش جەريانىدا، ئاپتورنىڭ قەلىمىگە مەسلىكىم كېلىپ، ئەل ئارىسىغا تارالغۇدەك، تارىختا قالغۇدەك گۈزەل ناخشا بولۇپ قالسۇن، دېگەن ئىزگۈ مەقسەتتە، مىسرالارنى تەشكىل قىلغۇچى ھەربىر سۆزگە ۋە تىندىنسىيىگە قەدەر ئەجىر سىڭدۈردۈم، يەنە ھېس - ھاياجىنىمنى سىڭدۈرۈپ، مۇھىم مەنىلەرنى قوشۇپ يۈكلەپ، مەزمۇن بالاغىتى ۋە تىل پاساھىتى جەھەتتىن بېيىتتىم؛ «كاشغەرىي يىلى» ناملىق بۇ شېئىر ناخشا تېكىستى دەپ يېزىلغان بولغاچقا، ناخشا تېكىستىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر بويىچە تەھرىرلەشكە تىرىشتىم. مانا، بۇ بىرقاتار ئامىللار مۇجەسسىمى بىلەن «كاشغەرىي يىلى» ناملىق شېئىرنىڭ مەزمۇن تېرەنلىكى چوڭقۇرلاشتى، پاساھىتى ۋە جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدىكى، ھەرگىز تۆۋەنلەپ كەتمىدى. بۇ تېكىستنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتقان ناخشىچىلار ھازىرقى تەھرىرلەنگەن نۇسخىسىنى ئېيتىپ باقسۇن، قېنى، ناخشا قىلىپ ئېيتىشقا قايسى نۇسخىسى بەكرەك مۇۋاپىق كېلىدىكەن؟ يۇقىرىدا مەن «كاشغەرىي يىلى» ناملىق شېئىرنىڭ ئون مىسراسىنى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق تەھرىرلىگەنلىكىمنى شېئىرىيەت ئىجادىيىتى نۇقتىسىدىن قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتتۈم. مەن بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمەنكى، پەزىلەتلىك مۇھەررىر ئەسەرلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى خالىس تۈزەتكۈچى بولۇپ، ھەرگىز «پالانى ئەسەر ئەسلىدە ئۇنداق يېزىلغان ئىكەن، مەن ئۇنى مۇنداق تەھرىرلەپ تۈزەتتىم...» دەپ يۈرمەيدۇ ياكى ئاپتورلارغا ئېۋەن قويمايدۇ. شۇڭىمۇ مۇھەررىرنى ئەل - ئاۋام «نامسىز قەھرىمان» دەپ تەرىپلىگەن. ھالبۇكى، سىلەر «كاشغەرىي يىلى» ناملىق شېئىرنىڭ تەھرىرلىنىشى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، شېئىرنىڭ كەمچىلىك - نۇقسانلىرى ۋە تەھرىرلىنىش جەريانى ھەققىدە توختىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شېئىرنىڭ ئاپتورى دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندىدىن ئەپۇ سورايمەن ھەمدە بۇ مەسىلىنى توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەر خېتىڭلاردا: «> ...جۇڭگو مىللەتلىرى< دىكى تەھرىرلەر خاپا بولماي، >ئىلى دەرياسى< ژۇرنىلىنىڭ 6 - سانىنى بىر ۋاراقلاپ باقسا ۋە ئۇنىڭغا بېسىلغان >كاشغەرىي يىلى< نى قايتىدىن بىر ئوقۇپ باقسا...» دەپسىلەر. تەلىپىڭلارغا ئاساسەن، مەن «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 6 - سانىنى «ۋاراقلاپ باقتىم ۋە ئۇنىڭغا بېسىلغان >كاشغەرىي يىلى<نى قايتىدىن بىر ئوقۇپ باقتىم». تولىمۇ ئەپسۇس، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىغا بۇ شېئىرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىسقارتىۋېتىلگەن ھالەتتە بېسىلغان ئىدى! يەنە كېلىپ، ئۈزۈپ تاشلانغىنى شېئىرنىڭ مەزمۇنى ئەۋجىگە چىققان ئاخىرقى بىر كۇپلېتى ئىدى... سىلەرچە بولغاندا، مەنمۇ مەزكۇر شېئىرنىڭ بىرەر كۇپلېتىنى چىقىرىپ تاشلىغان بولسام، ئاندىن قانائەت ھاسىل قىلامتىڭلار؟ ستۇدېنت دوستلار! سىلەر ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنسىلەر، شۇڭا سىلەر مۇشۇ ساھەنىڭ بىلىمدارلىرى ھېسابلىنىسىلەر. ئىززەت يۈزىسىدىن ھەمدە ئوقۇرمەنلەر كۆرۈپ باقسۇن، دېگەن مەقسەتتە، مەن يۇقىرىدىكى خېتىڭلارنى ئاساسەن تەھرىرلىمەي، ئىملايىڭلاردىكى خاتالىقلارنى توغرىلاپ قويدۇم، چۈنكى ژۇرنالدا ئىملا خاتالىقلىرىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەلۋەتتە. پەيتى كەلگەندە شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويايكى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەت يازغاندا ئىملاغا سەل قارىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ! بىز ئۆز تىل - يېزىقىمىزنى ئىملا قائىدىسى بويىچە يازالماسلىقىمىزدىن نومۇس قىلىشىمىز كېرەك. ئانا تىل - يېزىقىنى توغرا ئىشلەتمەسلىك − ئانا تىلغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ، ئۆز يېزىقىنى توغرا يازالمىغان ئادەملەرنى يېزىق جەھەتتىن ساپاسىزلار، دېيىشكە ھەقلىقمىز. خېتىڭلاردىكى بەزى جۈملىلەردە خېلىلا مەسىلە بار، يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلمەپسىلەر ياكى خاتا ئىشلىتىپسىلەر. مەسىلەن: خېتىڭلاردا ئۇنىۋېرسىتېتىڭلاردىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ كېلىپ (خېتىڭلاردا بايان چۇۋالچاق، مەزمۇنلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قالغان)، بىر جۈملىدە «> ...مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى< مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان بولدى» دەپ يېزىپسىلەر. «ئېچىلغان بولدى» دېگىنىڭلارنىڭ قانداق مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ تىل ئىستېمالىمىز بويىچە ئېيتقاندا، بۇ سۆزۈڭلار «رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئېچىلدى» ياكى «ئانچە ياخشى ئېچىلماي قالدى» دېگەندەك مەنىنى بېرىپ قويىدۇ. شۇڭا، بۇ جۈملىدە «ئېچىلغان بولدى» دېمەي، «ئېچىلدى» دېسەڭلارلا بولاتتى. يەنە مەسىلەن: مۇھەررىر − ئىسىم بولۇپ، تەھرىرلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەمنى كۆرسىتەتتى؛ تەھرىر − پېئىل بولۇپ، ئۆزگەرتىش، تۈزىتىش ھەم توغرىلاشنى كۆرسىتەتتى. سىلەر خېتىڭلاردا بۇلارنى پەرقلەندۈرەلمەپسىلەر. بەزى جۈملىلىرىڭلاردىكى «ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرناللار قاتارىدىن...»، «پۈتكۈل جىسمىمنى»، «پۈتكۈل يىغىن زالىدا»، «... ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شېئىرنىڭ...» دېگەندەك نامۇۋاپىق سۆزلىرىڭلارغا ئوبدانراق قاراپ بېقىڭلار، سۆزلەرنى ئاشۇنداق ئىشلەتسەڭلار توغرا بولامدۇ؟ سىلەرمۇ بىر كۈنى ئوقۇشنى تاماملاپ جەمئىيەتكە چىقىسىلەر، بەزىلىرىڭلار مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا مۇھەررىر بولۇپ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىڭلار مۇمكىن. ئۈمىدىم: ھازىردىن باشلاپ ئىلىم مەسىلىسىدە ئەستايىدىل بولۇش، ئاسانلا ھاياجانلىنىشتىن ھەمدە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش، شەيئىلەرگە، بولۇپمۇ ئەسەرلەرگە توغرا باھا بېرىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرسەڭلار، بۇ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈنمۇ، جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ستۇدېنت دوستلار، شېئىردىكى تەھرىرلەنگەن بىر قىسىم نازۇك نۇقتىلارنى بۇ خېتىمدە ئىزاھلاپ ئولتۇرمايمەن. يەنىلا «پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن» تۇرىدۇ. شۇڭا، سىلەرنىڭ «كاشغەرىي يىلى» ناملىق شېئىرنىڭ ئەسلىي تېكىستىنى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا قايتا بېسىپ چىقىرىپ بەرسە، دېگەن تەلىپىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى شائىرلار، تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېلىشتۇرۇپ بېقىشى، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن، شېئىرنىڭ ئەسلىي تېكىستى بىلەن مېنىڭ تەھرىرلىشىمدىن كېيىن ژۇرنىلىمىزغا بېسىلغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشنى مەقبۇل كۆردۈم:
«كاشغەرىي يىلى» (ئەسلىي نۇسخىسى) (ناخشا تېكىستى) ئوپال ئارت تېغىدىن بالقىغاندا كۈن، نۇر ئېمىپ ئىللىدى ئۇيغۇر زېمىنى. چىللىدى ئالەمگە ئېرپان خورىزى: «كاشغەرلىك مەھمۇد بۇ - ئىلىمنىڭ پىرى». ئەسىرلەر قوينىدا سىنالدى «دىۋان»، ئالەمنى سۆيدۈردى ئۇنىڭ قىممىتى. مىڭ يىللار ئۆتۈپمۇ ئۇنتۇلمىدى ھېچ، ئابىدە ياراتقان ئالىم ھىممىتى. شۇڭلاشقا ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل، ئاتالدى دەپ «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى». دۇنياۋى شاراپەت كۈلدۈردى ئەلنى، ياشنىدى شادلىقتىن ئۇيغۇرنىڭ دىلى. مىڭ يىلغا قۇت، يەنە مىڭ يىلغا پىلان، كۆمۈلمەس ئەجدادنىڭ ھىدايەت ئىزى. ئىلىم - پەن مەشئىلى قوللاردا ئېگىز، ئەۋلادلار بەستىدە نۇسرەت جىلۋىسى. نەقرات: كاشغەرىي ۋەتەننىڭ ئابىدە تېشى، مەھمۇد بار ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ تىك بېشى! «كاشغەرىي يىلى» (تەھرىرلەنگەن نۇسخىسى) (ناخشا تېكىستى) ئوپالنىڭ تېغىدىن بالقىپ بىر قۇياش، ئېچىلدى دۇنياغا مەرىپەت سىرى. ئىلىم - پەن خورىزى چىللاپ كەتتى شاش: «كاشغەرلىك مەھمۇدتۇر پەن - ئىلىم پىرى!» ئەسىرلەر قوينىدا سىنالدى «دىۋان»، ئالەمنى سۆيدۈردى ئۇنىڭ قىممىتى. مىڭ يىللار ئۆتۈپمۇ بالقىدى ھامان، مۆجىزە ياراتقان ئالىم ھىممىتى. شەۋكەتلىك ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل، ئاتالدى چىن «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى». دۇنياۋى شان - شەرەپ قۇچۇپ تۈركىي تىل، ياشنىدى شادلىقتىن ئۇيغۇرنىڭ دىلى. مىڭ يىلغا قۇت، يەنە مىڭ يىلغا پىلان، كۆمۈلمەس ئەجدادنىڭ ھىدايەت ئىزى. ئىلىم - پەن مەشئىلى قوللاردا گۈلخان، ئەۋلادلار بەستىدە نۇسرەت جىلۋىسى. نەقرات: كاشغەرىي ۋەتەننىڭ ئابىدە تېشى، مەھمۇد بار، ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ تىك بېشى!
2009 - يىل 28 - ئىيۇن، ئۈرۈمچى (ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)
|