www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
توققۇز تۈپ ئالتۇن دەرەخ
ئاپتور:دىلشات ئىدرىس    چېكىلىش سانى:3112    ۋاقتى:2010-5-18    . www.seltenet.com .

كۈمۈش ساقال، ئىللىق چىراي بىر باغۋەن بوۋاي،
قىلار پەرۋىش دەرەخلەرنى كۈلۈپ ھېچ تىنماي.
قاراپ قالدىم، خۇددى ئالتۇن توققۇز تۈپ دەرەخ،
قىلدى مەپتۇن، كۆزلىرىمنى چېقىپ توختىماي.

بوۋاي قۇيار ھەر دەرەخقە ئەجىر شەربىتى،
جىلۋە قىلار دەرەخلەرنىڭ ئالتۇن ياپرىقى.
__ كۆزنى چاققان دەرەخلىرىڭ راستلا ئالتۇنمۇ؟!
ئېيتقىن بوۋا، نېمە بولغاي بۇنىڭ ھېكمىتى؟

__ ئالتۇن دەرەخ... ساپ ئالتۇندۇر بۇ توققۇز گۆھەر،
سان - ساناقسىز ياپرىقىدىن ھەم ھېكمەت پۈتەر.
ئىسىملىرى بار بۇلارنىڭ، ئېيتاي قۇلاق سال،
كۆكلەر ھامان، خىسلەتلىرى ئالەمنى كېزەر.
كۆرگىن مانا: بۇ دەرەخنىڭ نامى «سەۋر» دۇر،
سەۋر قىلماق ھەر ئىشلارغا ساڭا پەرزدۇر.
«چىدام»، ئەنە تۇرار ياندا قامىتى ھەيۋەت،
ھاياتىڭدا چىدام ساڭا ئېسىل قورغاندۇر.

«ئاق كۆڭۈل» دەپ ئاتىغانمەن، بۇ ھەم قەدىردان،
كۆڭلى ئاقنىڭ يولى ئاقتۇر، ئىشلىرى راۋان.
«سەمىمىي» كەن بۇنىڭ ئىسمى تۇرقى بەك ئىللىق،
سەمىمىيلىك __ بەلگىسىدۇر ھەقىقىي ئىنسان.

كەلگىن بالام، بۇ دەرەخنىڭ ئىسمى «ۋاپا» دۇر،
ۋاپا كەلمەس __ ئىنسان ئەمەس، ئەسلىي ھايۋاندۇر.
«ئىنساپ» دېدىم بۇ دەرەخنى، ئۆسسۇن كۆكلىسۇن،
ئىنساپسىزلىق زەھەر كەبى سېنى قۇرۇتۇر.

ئوخشار ماڭا ئاۋۇ دەرەخ، چۈنكى ئۇ __ «ئىشچان»،
ئىشچانلىقتىن قۇملۇق، سايمۇ بولار گۈلىستان.
«كەمتەر» ئاتلىق ئۇشبۇ دەرەخ تۇرار چوڭ سۈپەت،
ھۆرمىتى يوق شاھ بولسىمۇ كەمتەر بولمىغان.

ئاچ كۆزۈڭنى، ھەيران بولما، باققىن ئاسمانغا،
بۇلۇت يارغان ئاۋۇ دەرەخ ھەم مېنىڭ، قارا!
ئۆزى ھەيۋەت، ئىسمى «بىلىم» گۆھىرىم مېنىڭ،
تېگىشمەسمەن بۈك - باراقسان، گۈزەل ئورمانغا.

تىڭشا ئوغلۇم، بىلىم ئالغىن، تاپىسەن نۇسرەت،
قايدا بولساڭ، مۆتىۋەرسەن ئەل ئۈچۈن قىممەت.
نادانلىقتىن نېمە كېلەر؟ تۇرغىن بەك يىراق،
ئىلىم بىرلە نۇرلۇق قەلب ياغدۇرار ھىممەت.

ئۆمۈر بويى قىلدىم پەرۋىش توققۇز گۆھەرنى،
چۈنكى ئاتام ھەم بوۋاممۇ سۆيگەن ئۇلارنى.
مىڭ يىللاردىن مىراس بىزگە بەلكىم مىڭ تۈمەن...
خوپ كۆكلىسۇن، نەۋرىلىرىم كۆرسۇن ئەجرىنى.

ئوغلۇم، لېكىن توققۇز تۈپ دەپ كۇپايە تاپما،
ئۇندىن ئېسىل ئالتۇن دەرەخ تىكىپ توختىما.
پەزىلەتلەر تۈمەن مىڭلاپ تۆكۈلسۇن، يانسۇن!
شۇندا ئىنسان دىلى شادتۇر، ناملىرى كاتتا...

__ رەھمەت بوۋا، دەرەخلىرىڭ سوۋغات دۇنياغا،
نەۋرەڭ، ھەتتا ئەۋرىلىرىڭ موھتاج ئۇلارغا.
قۇرۇتمايمىز ھېچ بىرىنى، ئەزىزلەپ ھامان،
«ئالتۇن دەرەخ» ئۇرۇقىنى چېچىپ جاھانغا...
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 مېھىر- مۇھەببەتنىڭ چېگرىسى يوقتۇر
 مەردلەرنىڭ مېھرىدە ياشنايدۇ ئا...
 ھۆرمەتنىڭ قىممىتى ۋ...
 بۈگۈنىنى ئەزىزلىگەننىڭ  ئەتىسى خار...
 بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا مۇھ...
 ئۇيغۇر پىچاقلىرى

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号