باغمۇباغ كۆزلەر جۇلاسى مېۋىلەر، تاغمۇتاغ چاقنار زىياسى مېۋىلەر، قىر-ئېتىز، تەكلەر لىباسى مېۋىلەر، راھىتى جان، تەن داۋاسى مېۋىلەر.
مېۋە توغرۇلۇق جاھاندا بولسا گەپ، نامىمىز بار «مېۋە-چېۋە يۇرتى» دەپ، ئەلمىساقتىن بىزگە بەرسى مېۋە نەپ، داڭق چىقاردۇق مېۋە تېرىپ، مېۋە يەپ، ئەنئەنەم، بوۋام مىراسى مېۋىلەر.
ئۈجمە، شاتۇت − يەل يىمىشلەر ئەلچىسى، تۇنجى رەت ئاغزىڭغا تەگكەي مەززىسى، قانغا قان، بۆرەككە قۇۋۋەت شىرنىسى، دورىدۇر قوۋزاقۇ يىلتىز... ھەممىسى، قۇش-قاناتلار كۈي-ناۋاسى مېۋىلەر.
يېڭىسار، يەكەن، كۇچاردا شاھ ئۆرۈك، چىشلىسەڭ راھەت، شېرىندۇر ھەم چۈرۈك، گۈلە-قاق، بادام ئاجايىپ بىر مۈلۈك، مېغىزىغا ئەھلى ئەر ئامراق، كۆنۈك، روھ ۋە شوخلۇق تۇتىياسى مېۋىلەر.
قوغۇنى پىچان، قۇمۇل، لوپ، پەيزاۋات، تېتىغاي ئاغزىڭغا بال، كەۋسەر، ناۋات، خىسلىتى تېخنىكىدىن تاپقاچ ھايات، بازارى دۇنياغا بولدى جۈپ قانات، خۇش پۇراق سەھرا-دالاسى مېۋىلەر.
خېرىدارلار تىلىغا نەشپۈت مۇدام، كورلىنى ماختاش بىلەندۇر سۆز-كالام، ئىشقىنى نەشپۈتكە بەرگەن ئەل-ئاۋام، بۇ ئۇدۇمنى ئەيلىدى ئەۋلاد داۋام، مىللىتىمنىڭ كۆز قاراسى مېۋىلەر.
ئاتۇش ھەم تۇرپان ئۈزۈمدىن كەتتى پۇر، سورتى ساپ، كۆپ، ئۆزگىچە، سەرخىل، پۇزۇر، نە پۇزۇركى، بەخش ئېتەر خوشلۇق، ھۇزۇر، بىر يېدىڭمۇ، ئوت كېتىپ جىسمىڭ تونۇر...! بەك بەلەن سايە، ھاۋاسى مېۋىلەر.
ياخشىراقى غۇلجا، ئاقسۇ ئالمىسى، قاغىلىق، خوتەن ياڭاق، ئەينۇلىسى، بەشكېرەم ئەنجۈر، گىلاس ئالۇچىسى، باي ئانارغا گۇمىنىڭ پىيالمىسى، پەسلى كۈز قايناق ساماسى مېۋىلەر.
نامى «شاپتۇل» بولسىلا، شاپتۇل ئەمەس، بۇيا، ئويتوغراقتا چىن شاپتۇل پەۋەس؛ ئوخشىغاي خاسىڭ، چىلان، ئاپتاپپەرەس، جىگدە، ئامۇت، بېھىسىگە جىق ھەۋەس، داستىخاننىڭ گۈل-راۋاسى مېۋىلەر.
يۇرتمۇيۇرتتا خىل مېۋىلەر، چەندان بۈگۈن، قوينى يۇرتۇم جەننەتۇل رىزۋان بۈگۈن، كۈيلىمەك باغۋەننى خوپ ئارمان بۈگۈن، بارچە يىلتىزنىڭ تىلى خەندان بۈگۈن، ئۇيغۇرۇم جاھاننەماسى مېۋىلەر.
2004- يىل سېنتەبىر، قەشقەر
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)
|