زەر دىۋان، كەۋسەر دىۋان، دىلبەر دىۋان، سەرۋەر دىۋان، تۈركىي تىللارغا خاقان، تىل تەختىدە رەھ_بەر دىۋان، ئىپتىخارىم جانىجان، پ_ەن سەتھىگە ئەخ_تەر دىۋان، تىلشۇناسقا ب_اغىبان، داستان ئ_ارا جەۋھ_ەر دىۋان، كۇللىياتقا تەرجىمان، ئوك_يانى تىل، مۇن_بەر دىۋان.
داغدۇغا قۇچقان بۇ يىلنى ئىككى مىڭ سەككىز، دېدۇق، بەلكى «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يىلىدۇر» شەكسىز، دېدۇق، خەلقى_ئالەم ئەتتى بەخش تاجدار باھا، تەقرىز، دېدۇق، ھۆرمىتى ئ_الىمغا ئىنسان ئەھلىنىڭ چەكسىز، دېدۇق، بارچە دىلنى شۇنچە مەستخۇش ئەيلىگ_ەن ئەنبەر دىۋان.
قوزغىغان دۇنيا ئ_ارا زور زىل_زىلە كىم_دۇر ئۆزى؟ كىم ئ_ۇ پۈتكۈل ئەھلى ئىنسان ئالدىدا ئاپ_تاپ يۈزى؟ كىم ئ_ۇ ۋەسلى مەرىپەتتە يەك_كە ھەم ئۆتكۈر كۆزى؟ كىم ئ_ۇ مىليون توننا زەرگە توختىغان ھەر بىر سۆزى؟ ئىسمى مەھمۇد كاشغەرىيدۇر، ق_ولىدا ئەسەر _ دىۋان!
ۋادەرىخ! مىڭ يىل ب_ۇرۇن دۇنياغا ك_ەلدى بىر بوۋاق، يۇرتى كاشغەر گۈلئۇزار، ئ_وپال ئاڭا ئاچ_تى قۇچاق، جىسمىدا ئۆرك_ەشلىدى ئەركەك سۈيى ن_ورۇز بۇلاق، زېھنىنى ت_اۋلاشقا پ_اك تاۋابى_ئات بولدى ئوچ_اق، م_ەكتىپى ئازىق_تا باغاشلاپ قەلەم، دەپ_تەر، دىۋان.
ئ_اتىسى ئ_ەمىر ھۈس_ەيىن بەخ_تىيار ئەلنىڭ بېشى، جەڭ - ئەلەم، خىزمەت، ق_ەلەمدە تەڭ يېتىل_گەن دانىشى؛ ئ_انىسىدۇر ب_ۈۋى رابى_يە خېنىم، ك_ۆپ پەرۋىشى، پەن - ئىلىم پەرۋانىسى، ئەخ_لاق - پەزىلەت خ_انىشى، ئ_ارزۇلۇق مەھمۇد ئۇلارنىڭ باغ_رىدا ن_ۆۋەر، دىۋان.
شۇ زام_ان... ئالىي بىلىم ئوكيانى كاش_غەر جانجىگەر، كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقا داڭقى، پەن_گە ھۆددىگ_ەر، «مەدرىسەئى ساجىيە»، «ھامىدىيە»... ئ_ەل بەھرىۋەر، خۇددى شۇ ئوكيان_دا غەۋۋاس ئىزچى مەھمۇد مۆتىۋەر، پ_ەن - ئىلىمگە جان پىدالىق كۆڭلىدە مۆلچەر، دىۋان.
روھىنى دۇني_اغا چ_اتسا مەن_تىقە، ئىلمى نۇج_ۇم، م_ەشغۇلى تارىخ، يەن_ە جۇغ_راپىيە بول_دى ئۇدۇم، تەت_قىقات ئەيل_ەپ جاھانسازلىق، تېبابەتتە چوق_ۇم، ئەرەبى، پارس تىللىرىدا ق_المىدى مۈج_مەل ئۇقۇم... بارچە پ_ەن گوياكى ئالتۇن، ھەزرىتىم زەرگەر، دىۋان.
ئ_وردىسى قاراخانىي_لاردا ئېدىت_لاپ مەشغ_ۇلات، ئىگىلەپ ئى_دارە قىل_ماق ھەققىدە م_ول تەپسىلات، ق_ەھرىمان سەركەردىلەر ك_ۆرسەتسە تەلىم، ئىلتىپات، ئات مىنىش، ئوق_يا ئېتىشتا قۇچتى يۈكسەك ئىستېدات، ئوينىتىپ ئ_ۇ نەيزە، قالقان ھەم قىلىچ، شەمشەر، دىۋان.
ھ_القىغاندا ئىككى ئوندىن ياش، ت_ازا پىشتى يۈرەك، سۈردى بىخ دىل كەڭ_لىكىدە بىر يېڭى، ئالىي تىلەك: مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىختىن يىغىپ سەرخىل چېچەك، تۈركىي مىللەت قوۋمىنى دۇنياغا قىلماق چوڭ كۆرەك، مەلۇماتلاردىن يۈرۈشكە ئالدى ي_ول لەشكەر، دىۋان.
ش_ۇ ئۇلۇغ ئارمان_دا بالقىپ باشلىدى قۇتلۇق سەپەر، ئىزدىنىشتە قالمىدى ئ_ۇ بارمىغان سەھ_را - ش_ەھەر، تۈركىي ئ_ەل دۇنياسىنى تەكشۈردى پۇچقاققا ق_ەدەر، ئىختىرادا ئۆتتى تېز ئون نەچچە يىل... توپلاپ خەۋەر، قايتتى كاشغەرگە، مۇناسىپ تەقلىنىپ مەرم_ەر، دىۋان.
ك_ۆلسىمان تاش_قاندا زەم_زەمدەك تولۇق ماتېرىيال، پەر قېقىپ ئۇچقان قەلەمنىڭ ئالدىغا چ_ۈشتى س_وئال، ھەزرىتى موللام ش_ۇئان يول ئال_دى باغدادقا خۇشال، بولدى ھەل ئۇندا چىگىشلەر، يۈز ئېچىپ ئىزگ_ۈ ۋىسال، ئىككى يىل قۇرلار چېچەكلەپ پۈتتى شام - سەھەر دىۋان...
يەتتە مىڭ بەش يۈزدىن ئارتۇق سۆز - ئاتالغۇ، تەزكىرە، دەۋرى ق_اراخانىيلاردىن خ_اتىرە، ئ_ۇز مەن_زىرە؛ ئى_ككى يۈزدە قى_رىق ئىككى ئەدەبىي راي سەم_ەرە؛ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ھېكمەت ج_ان، ھاياتقا ئەندىزە، ھەر كەسىپ، تۇرمۇشقا دائىم تۇز ۋە بال، شېكەر دىۋان...
ق_ەبىلە، قوۋملار ئ_ارا جەڭلەر ئېسىل داستان سۇۋار، سەجئىلەر، بېيىت - قوشاقلارغا ئوقۇرمەن چىن خ_ۇمار، بات ماقال - تەمسىل، رەجەزلەر مىسلىسىز كەتمەس باھار، ئ_ۆتمۈشى ئەجدادلىرىمنىڭ ئ_ۈنچىدەك قاتار - قاتار... بايلىقى ئۇيغ_ۇر، كۆڭۈللەردە ئ_ەتىر - سەبدەر دىۋان.
دەيدۇلەر مەھمۇد بوۋام: «... سۆز دېڭىزى بولدى قىيام، ھېچكىشى قوللانمىغان ئۇسلۇب بىلەن ئ_ەتتىم تام_ام، مەڭگۈ خەلقىمگە تەۋەررۈك چوڭ مىراس بولسۇن مۇدام...» دەرھەقىقەت، ب_ۇ ئەسەرنى ئ_ەڭ بۈيۈك بىلدى ئاۋام... شۇنچە ھېكمەتلەرگە ب_اي، كاتتا، لېكىن كەمتەر دىۋان!
ئ_ادىمى_يات پەن_لىرىدە ب_ۇ ئەس_ەر يې_گانىدۇر، ھەر سۆزى، ھ_ەر جۈملە، ھەرپى بى_باھا دۇردانىدۇر، ئۆزگىچە ئۇسل_ۇب، ئاجايىپ م_ۆجىزە، شاھانى_دۇر، تەڭدىشى يوق_تۇر جاھاندا، ئ_ەل شۇڭا ھەي_رانىدۇر، يىل_تىزىم، بەختىم، غۇرۇرۇم، دەستۇرۇم گۆھەر دىۋان!
2008 - يىل دېكابىر، ئۈرۈمچى (ژۇرنىلىمىز 2009-يىل 1-سانىدىن) (ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)
|