يەكتا جاھان بوستانىدا شۆھرەتتە ئۇيغۇر باغلىرى، ھۆر پەرىلەر داستانىدا جەننەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
پەسلى باھاردىن كۈزگىچە جەۋلان-جۇلاسى ئۆزگىچە، كۆز تاشلىساڭ، يايغان قانات ھەيۋەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
بارغىن قەيەرگە ئىختىيار، دوقمۇشتا باغ-باغ گۈلئۇزار، مەيلى يېقىن، ھەتتا تولا خىلۋەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
رەستە-بازار ئەلۋەك ھامان، كەل تۆت پەسىلدە بىگۇمان، ھېچ ئۆكسىمەس قالتىس ھۈنەر-سەنئەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
جاننىڭ جېنى خۇشبۇي ھاۋا، ئەيلەر بەلەن قۇشلار ناۋا، يۇرت ھۆسنىگە قوشقاي ھۆسن زىننەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
كىم مېۋىگە تەگسە ئېغىز، بولغاي سالامەت-ساق، ئەزىز، كەۋسەرنى خوپ چۈشكەي بېسىپ قۇۋۋەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
تۈر-سورتلىرى چەندان ئىرۇر، ئەل تەمىگە ھەيران ئىرۇر، مەستخۇش قىلار دىلنى شېرىن شەربەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
غىزا - تائام يوقمۇ دېمە، بار ھەممىسى، يەيسەن نېمە، توخۇ سۈتىدىن باشقىسى ھىممەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
باغ ۋەسلىگە قىلساڭ ھەۋەس، لوقمان ھېكىم ھاجەت ئەمەس، نە ئۇ رىۋايەت، چىن-رېئال خىسلەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
سەيلە-ساياھەت ئەۋجىدە، ئەھلى ئارام شاد بەزمىدە، مېھماننى بىلگەي ئەتىۋار ھۆرمەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
يۆلەنچۈكى روھ شاھ مۇقام ئاۋازى ئۆچمەيدۇ مۇدام، ئەھلى ھايات سۈرگەي راھەت، سۆھبەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
يىلتىز چېۋەر باغۋەن پەدەر، بەرگىن گۈزەللىكتىن خەۋەر، ياشناپ ئەبەد قۇت تاپقۇسى قىممەتتە، ئۇيغۇر باغلىرى.
ژۇرنىلىمىز 2003-يىل -1سانىدىن ئېلىندى
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)
|