باش كىيىملەر شاھىدۇر جاھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى، ماس، ياراشقاي ھەر زامان-دەۋرانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
كىيسە نورۇز-نەۋباھار، ياز، كۈزدە قوش سۆلەت ئىرۇر، مەيلى پۇقرا، مەيلى شاھ-سۇلتانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
قول ھۈنەرۋەن سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى، گۈلتاجى ئۇ، ھەم ۋەكىل مىللەت، غۇرۇر، ۋىجدانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
نۇسخىلاردا پارلىغاي چىن تارىخىي ئەۋرىشكىلەر، دەرس بېرەر سىردىن دېڭىز-ئوكيانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
بىر «چىمەن دوپپا» دېسە، تۈر- نۇسخىسى بار نەچچە ئون، باشلىغاي بوستانغا، گاھ پىنھانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
سىز «بادام دوپپا» كۆرۈپ: چاغلىق، بادامكەنغۇ دېمەڭ، دوست قۇياش، يۇلتۇز ۋە ئاي، چولپانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«مامپۇ»، «راۋاب» باغىدا بال ھەرىسى، قۇش، «كېپىنەك»، مۇڭ، مۇزىكا بۇلبۇلى خەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«پاختا»، «ئۈنچە»، «ئالماگۈل»، «ياپراق»، «ئۈزۈم» سەھراسى كەڭ، ئوخشىغاي خوپ مول ھوسۇل، خامانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«كالۋىتۇن»، «مەزەڭگە»، «ئىلمە»، «چاچما»، «زەر» دۇنيا بۆلەك، ئۇستىكارغا بەيگىدۇر جەۋلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«بەش تالا»، «چەكمەن»، «يۈرەك»، «شەيدائى» سىمۋول سۆيگۈگە، يول ئاچار ئالىي تىلەك-ئارمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئايىمى ھېيىت، تويدا «ئەگىم قاش»، «گىلەم»، «كۆز» كۆرگى قىز، كاتتا سۆلەت ئەر-ئايال مېھمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئالدىراپ كۈلمەڭ «شاپاق»، «بۆك»، «پوچى»، «كۈلگۈنچەك» دېسە، نۇر تۆكەر «گۈلخان» كەبى غىلمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
«يا»، «قىلىچ»، «بايتامغا»، «يۇلتۇزتامغا» دەپ تۈرلەر تولا، خاس جىگەرلىك قىز، يېتۇك ئوغلانغا ئۇيغۇر دوپپىسى. دوپپا ئازمۇ «غۇلجا»، «تۇرپان»، بەلكى «تاشكەنت» نامىدىن، بىرىنىڭ يەتكەي خىلى چەندانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
شۇنچە كۆپ تۈر-نۇسخىلارنى ھېچ كىشى بولماس ساناپ، جان بېرەر مىزانغا، يەر-ئاسمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ياش-قېرى، ئۆسمۈر-بوۋاقنىڭ تاللىشى ئۆز ئالدىغا، بار مۇۋاپىق ھەركىشى - ئىنسانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
يىپ دېمەڭ ئاددىي، تومۇرلار ئىلكىدە ئۆزلۈك مۇدام، روزغار دەرمان، ئىشەنچ - ئىمانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
بۇ ھۈنەرنىڭ پىرلىرىدۇر ئەسلىدە قەشقەر، خوتەن، باب ئېسىل سەنئەت دېگەن ئۈنۋانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئەنئەنە يىلتىز گۈزەللىك، ئىزگۈلۈك پاكلىق ئۈچۈن، كۈيلىسەم سىغماس تۈمەن داستانغا ئۇيغۇر دوپپىسى.
ژۇرنىلىمىز 2002-يىل -2سانىدىن ئېلىندى
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)
|