تەڭدىشىڭ يوقتۇر ئەبەد شۆھرەتتە ئۇيغۇر ئەتلىسى، قىز-ئاياللار قوۋمىغا زىننەت ئۇيغۇر ئەتلىسى، رەخت بازارى كۆركىسەن خىسلەتتە ئۇيغۇر ئەتلىسى، تاپقىلى بولماس سېنى ئادەتتە ئۇيغۇر ئەتلىسى، ئەتىۋار بولغاچ ئۆزۈڭ ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
ئەل-خېرىدار تۈرلىرىڭنى گۈل خوتەندىن ئىزدىسۇن، لوپ، يۇرۇڭقاش ھەم جىيا، ئۇستا بەلەندىن ئىزدىسۇن، يېڭىسار، يەكەن، گۇما رەڭدار چىمەندىن ئىزدىسۇن، قاغىلىق، قەشقەر ئەزىزانە ۋەتەندىن ئىزدىسۇن، ئۆكسۈمەي كەلدىڭ ياشاپ خىلۋەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
تارىخىڭ شۇنچە ئۇزاق، باسقان يولۇڭ ئاندىن يىراق، ئىختىرا قىلدى سېنى ئەجداد − چېۋەر، زېھنىي بۇلاق، شۇنچە ئاددىي دۇكىنىڭ، ئەمما سانالمايسەن قالاق، مەھسۇلاتىڭغا «يىپەك يولى» خۇشال ئاچتى قۇچاق، تارقىدىڭ ئالەم ئارا ھەيۋەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
ئەڭ بۇرۇن يۇڭدىن تەۋەللۇت ئەيلىنىپ چىققان ئۆزۈڭ، سوڭرە جىسمىڭنى يىپەك، بۆز چاقنىتىپ كۈلدى كۆزۈڭ، ئەمدى ساپ، ئۆڭمەس يىپەكتىن نۇرلىنىپ رۇخسار-يۈزۈڭ، رەڭ تۈزۈپ جەننەت سۈپەت، سەرخىللىشىپ باغرىڭ تۈزۈڭ، ئاشتى تۈر نۇسخاڭ ئەجىر-ھىممەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
«ئەت» ئاتالغان تەن دېمەكتۇر، «لاس» دېگەن يۇڭ يىپ، يېپەك، يىپ - ئۈرۈشلەر ئەتلىنىپ «ئەتلەس» دېبان نامدىن دېرەك، بولسا بابكار تەپكىسى پۇت، موكىسى خۇددى يۈرەك، توقۇلۇپ پۈتسەڭ، خىجىل ئالدىڭدا بوستان، گۈل-چېچەك ... بەردى پىرلەر قان ساڭا خىزمەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
چوڭ تۈرۈڭ تۆت، ھەر تۈرۈڭدە نەچچە ئونلاپ نۇسخا بار، جىلۋىلەنگەي بەتلىرىڭدە پەسلى قىش، ياز، كۈز، باھار، گەۋدىلەنگەي تاغ-داۋان، دەريالىرىم، باغ-لەيلىزار، ئۇز، نەپىس، كۆركەم، ئاجايىپ ئەكس ئېتەر ئويما-مىمار، بىر پەرىزاتسەن سېھىر -سۆلەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
چاقنىشىڭدىن رەڭلىنىپ ھەسەن-ھۈسەننىڭ قەددى «يا»، بويلىرىڭدىن شام-سەھەر ئەگىپ كېتەلمەس خۇش سابا، كەڭرى قوينۇڭ مېۋىلەر مەي باغلىغان باغدۇر گويا، مول ھوسۇل سەھراسىدا كۆك سەيلىتەر نەغمە - ناۋا، سەن ھاياتنىڭ ئەينىكى قىممەت، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
گەر كىيىم كىيسە سېنىڭدىن مەيلى ھەرقانداق ئايال، ھۆسنىگە ھۆسن قونۇپ بولغاي پەرى، ساھىبجامال... جان-تېنى يايراپ كېتەر، يۇمشاقلىقىڭ مامۇق مىسال، تۇتسا ئەركەكلەر سېنى ئۆز جۈپتىگە ئەييام ۋىسال، زەپ ئېسىل سوۋغات ئېرۇر ھۆرمەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
قىز-ئاياللار سىنىدە لىغىلدىشىڭدىن ئۆرگىلەي، ئىزگۈ ئاشىق جىسمىدا پىژىلدىشىڭدىن ئۆرگىلەي، جان قۇشۇمنىڭ ئاغزىدا جىغىلدىشىڭدىن ئۆرگىلەي، توي-تۆكۈن، مەشرەپتە شوخ مىغىلدىشىڭدىن ئۆرگىلەي، ئوتقا ئوت كەتكەي راھەت-ئىشرەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
ئەتلىسىمدىن چىن پەخىرلەنمەك ماڭا ھەق، ئەي جاھان، قول ھۈنەرۋەن ئىختىراسىغا ئىشىق-سۆيگۈم قىيان، پاك ياشا، ئەتلەسكە داغ قوندۇرمىغىن ئۇيغۇر جانان، يىلتىزىڭنى ھېچ قورۇتما، ئەي ئۇدۇم ئەھلى ھامان، گۈللىسۇن يەرلىك ھۈنەر - سەنئەتتە، ئۇيغۇر ئەتلىسى.
ژۇرنىلىمىز 2002-يىل -4سانىدىن ئېلىندى
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)
|